پرېزىدېنت ئوباما: خىتاي ئامېرىكىنىڭ «رىقابەتچىسى» ۋە شۇنداقلا «يوشۇرۇن شېرىكى» دەپ كۆرسەتتى

ئامېرىكا دېموكراتلار پرېزىدېنت نامزاتى باراك ئوباما بىلەن جۇمھۇرىيەتچىلەر نامزاتى مىت رومنېي، سەيشەنبە كۈنى كەچتە 3‏-قېتىم بەس-مۇنازىرە ئېلىپ بېرىپ، ئوتتۇرا شەرق، ئەرەب باھارى، ئىران مەسىلىسى، ئىسرائىلىيە، خىتاي قاتارلىق دۆلەتلەر بىلەن بولغان مۇناسىۋەتنى تالاش-تارتىش قىلدى.
مۇخبىرىمىز ئەركىن
2012.10.23

پرېزىدېنت ئوبامانىڭ ئىلگىرى سۈرۈشىچە، تېررورلۇق ئامېرىكا بىخەتەرلىكىگە تەھدىت پەيدا قىلىدىغان ئەڭ مۇھىم ئامىل. ئۇ خىتاي ھەققىدە توختىلىپ، خىتاي ئامېرىكىنىڭ يوشۇرۇن شېرىكى بولۇش بىلەن بىرگە، ئۇنىڭ رىقابەتچىسى ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.

بىراق مىت رومنېينىڭ ئىلگىرى سۈرۈشىچە، يادرو قوراللىرىغا ئىگە ئىران ئامېرىكا بىخەتەرلىكىگە تەھدىت پەيدا قىلىدىغان ئەڭ چوڭ ئامىلدۇر.

خىتاي مەسىلىسى مۇنازىرىنىڭ ئەڭ ئاخىرىدا تالاش-تارتىش قىلىنغان بولۇپ، پۈتكۈل بەس-مۇنازىرە نۇقتىلىق ئوتتۇرا شەرق مەسىلىسىگە مەركەزلەشكەن. رومنېي خىتاينى «پۇل كۇرسىنى كونترول قىلىدىغان دۆلەت» دەپ تەنقىد قىلىپ، پرېزىدېنتلىققا ئولتۇرغان 1‏-كۈنى، «پۇل كۇرسىنى كونترول قىلىدىغان دۆلەت» دەپ ئېلان قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

پرېزىدېنت ئوباما: رومنېي مېنى خىتايغا بەك قاتتىق قول بولۇپ كەتتىڭ، دەپ تەنقىد قىلىۋاتىدۇ، دېدى.

تۈنۈگۈنكى مۇنازىرىدە رۇمنېي خىتاينى بىر ئاز يۇمشاق سۆزلەرنى ئىشلىتىپ تەنقىد قىلغان. كۆزەتكۈچىلەرنىڭ ئىلگىرى سۈرۈشىچە، بۇ رۇمنېي سايلانغان تەقدىردىمۇ، ئامېرىكا-خىتاي مۇناسىۋىتىدە ئاچقۇچلۇق ئۆزگىرىش بولمايدىغانلىقى، سودا، كىشىلىك ھوقۇق قاتارلىق مەسىلىلەردىكى ئىختىلاپ داۋاملىشىدىغانلىقىدىن دېرەك بېرىدىكەن.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.