ئامېرىكىدا پرېزىدېنت سايلىمى ئۆتكۈزۈلدى

6-نويابىر كۈنى ئامېرىكا قوشما شتاتلىرىنىڭ پرېزىدېنت سايلىمى كۈنى.
مۇخبىرىمىز ئۈمىدۋار
2012.11.06

بۇ كۈن پۈتۈن ئامېرىكا بويىچە پرېزىدېنت سايلىمى بولۇپ، ئاۋاز بېرىش سالاھىيىتىگە ئىگە ئامېرىكا پۇقرالىرى ئۆزلىرى خالىغان پرېزىدېنت نامزاتلىرىغا بېلەت تاشلىدى.

دېموكراتلاردىن كېلىپ چىققان باراك ئوباما بىلەن جۇمھۇرىيەتچىلەردىن كېلىپ چىققان مىت رومنېي ۋە ھەر قايسى شتاتلارنىڭ دۆلەت مەجلىسنىڭ ئاۋام پالاتا ۋە كېڭەش پالاتاغا سايلىنىدىغان نامزاتلىرى سايلام بېلىتىدىن ئورۇن ئالغان.

ئىنكاسلاردىن مەلۇم بولۇشىچە، بۇ ئامېرىكىنىڭ يېقىنقى تارىخىدىكى ئەڭ يۇقىرى رىقابەتلىك پرېزىدېنت سايلىمى بولۇپ ھېسابلىنىدىكەن. پرېزىدېنت ئوباما ئۆزىمۇ چىكاگو شەھىرىدە سايلامغا قاتنىشىپ بېلەت تاشلىغان. رومنېي بولسا ماساچۇستېس شتاتىدا بېلەت تاشلىغان.

6-نويابىر كۈنىدىكى پۈتۈن مەملىكەت مىقياسىدىكى پرېزىدېنت سايلىمى ئەتىگەندە باشلانغان بولۇپ، شەرقىي قىرغاقتىكى ۋىرجىنىيە قاتارلىق جايلاردا ئەتىگەن سائەت 6 دە باشلانغان.

بۇ قېتىمقى پرېزىدېنت سايلىمىغا خېلى كۆپ ساندا ئۇيغۇر ئامېرىكا پۇقرالىرىمۇ قاتناشقان بولۇپ، بۇ سايلام ئامېرىكا پۇقرالىققا ئۆتكەن ئۇيغۇرلارنىڭ سانىنىڭ خېلى كۆرۈنەرلىك دەرىجىدە ئاشقان پەيتىگە توغرا كەلگەنلىكى ئۈچۈن ۋىرجىنىيە، كالىفورنىيە ۋە نيۇ-يورك ھەم باشقا جايلاردىكى پۇقرا ئۇيغۇرلار مەزكۇر ئەركىن سايلامغا قاتنىشىپ، ئۆزلىرى خالىغان نامزاتقا بېلەت تاشلىدى.

سايلامدا كىمنىڭ ئۇتۇپ چىققانلىقى بۈگۈن ئاخشام مەلۇم بولىدۇ.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.