ئامېرىكىدا مۇئاۋىن پرېزىدېنتلىق بەس-مۇنازىرىسى ئېلىپ بېرىلدى

ئامېرىكا دېموكراتلار مۇئاۋىن پرېزىدېنت نامزاتى جوۋ بايدىن بىلەن جۇمھۇرىيەتچىلەر مۇئاۋىن پرېزىدېنت نامزاتى پائۇل راين، پەيشەنبە كۈنى كېنتۇكى شتاتىنىڭ دەنۋېر مەركىزى ئىنستىتۇتىدا تېلېۋىزىيە بەس -مۇنازىرىسى ئېلىپ باردى.
مۇخبىرىمىز ئەركىن
2012.10.12

بۇ مۇئاۋىن پرېزىدېنت نامزاتلىرىنىڭ پۈتكۈل سايلام جەريانىدىكى بىردىن-بىر يۈز تۇرانە بەس مۇنازىرىسى. پۈتكۈل مۇنازىرە ئىنتايىن كەسكىن ئېلىپ بېرىلدى. تەرەپلەر ئالدى بىلەن دۆلەت بىخەتەرلىكى، ئىقتىسادىي سىياسەت، باج ۋە سالامەتلىك سۇغۇرتىسى قاتارلىق مەسىلىلەرنى كەسكىن مۇنازىرە قىلدى. مۇنازىرە جەريانىدا مۇئاۋىن پرېزىدېنت بايدىن، پائۇل رايننىڭ سۆزلىرىنى بىر نەچچە قېتىم ئۈزۈۋەتتى.

دېموكراتلار پارتىيىسىنى قوللىغۇچىلار، جوۋ بايدىننىڭ بۇ قېتىمقى مۇنازىرىدە كۈچلۈك پوزىتسىيە ئىپادىلەپ، جۇمھۇرىيەتچىلەر نامزاتلىرىنىڭ ھەيۋىسىنى سۇندۇرۇشىنى ئۈمىد قىلاتتى. ئۆتكەن ھەپتىدىكى پرېزىدېنت نامزاتلىرىنىڭ بەس مۇنازىرىسىدە مىت رۇمنىي كۈچلۈك پوزىتسىيە ئىپادىلەپ، ئوبامانى پاسسىپ ئەھۋالغا چۈشۈرۈپ قويغان ئىدى.

پرېزىدېنت ئوباما چارشەنبە كۈنى ئۆزىنىڭ ئۆتكەن ھەپتىدىكى مۇنازىرىدە مىت رومنىيغا «بەك ئەدەپلىك» مۇئامىلە قىلغانلىقى، لېكىن رومنىينىڭ راست گەپ قىلمىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئۆزىنىڭ مۇنازىرىدىكى ئىپادىسىنى ئاقلىغان.

جوۋ بايدىن بىلەن پائۇل راين يەنە، لىۋىيىدىكى ئامېرىكا ئەلچىخانىسىنىڭ بىخەتەرلىكى، ئىران قاتارلىق مەسىلىلەرنى مۇنازىرە قىلدى. پائۇل راين، ئوباما ھۆكۈمىتى ئامېرىكا ئەلچىخانىلىرىنىڭ بىخەتەرلىكىگە سەل قارىغانلىقى، ئىران مەسىلىسىدە كەسكىن بولمىغانلىقىنى تەنقىد قىلغان. جوۋ بايدىن ئوباما ھۆكۈمىتىنىڭ سىياسىتىنى ئاقلاپ، رايننىڭ بۇ مەسىلىلەردە «چوڭ گەپ قىلىۋاتقانلىقى» نى ئىلگىرى سۈرگەن.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.