باياناتچى دىلشات رىشىت ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلىرىغا قارىتىلغان دىنىي چەكلىمىلەرنى ئەيىبلىدى

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى باياناتچىسى دىلشات رىشىت بۈگۈن رادىئومىز ئارقىلىق بايانات بېرىپ، دائىرىلەرنىڭ ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلىرىغا قارىتا دىنىي ئېتىقاد جەھەتتە تۈرلۈك چەكلىمىلەرنى قويۇپ، ئۇيغۇرلارغا قارىتا دىنسىزلاشتۇرۇش سىياسىتى يۈرگۈزۈۋاتقانلىقىنى ئەيىبلىدى.
مۇخبىرىمىز مېھرىبان
2013.01.22

دىلشات رىشىت دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى يېقىندا غۇلجىدىن ئىگىلىگەن ئەھۋاللارنى بايان قىلىپ، غۇلجا ناھىيە دولان دېھقانچىلىق مەيدانى ئوتتۇرا مەكتىپىنىڭ 2013-يىلى 10-يانۋار قىشلىق تەتىل ھارپىسىدا ئوقۇغۇچىلار ۋە ئۇلارنىڭ ئاتا-ئانىلىرىنى «ئوقۇغۇچىلارنىڭ دىنغا ئېتىقاد قىلماسلىق، مەسچىتلەرگە كىرمەسلىك ئەھدىنامىسى»گە قول قويۇشقا مەجبۇرلاش قىلمىشىنىڭ خىتاي ئۆزى ئېلان قىلغان پۇقرالارنىڭ دىنغا ئېتىقاد قىلىش ئەركىنلىكى ھەققىدىكى قانۇنىي بەلگىلىمىلەرگە خىلاپ قىلمىش ئىكەنلىكىنى تەكىتلەپ، دائىرىلەرنىڭ بۇ قىلمىشىنىڭ ئۇيغۇرلارنى دىنسىزلاشتۇرۇش سىياسىتىنىڭ يالىڭاچ ئىپادىسى ئىكەنلىكىنى تەكىتلىدى.

غۇلجا ناھىيە دولان دېھقانچىلىق مەيدانى ئوتتۇرا مەكتىپى ئوقۇغۇچىلار باشقارمىسى 10-يانۋار كۈنى قىشلىق تەتىل ھارپىسىدا ئوقۇغۇچىلارغا 10 ماددىلىق ئەھدىنامە تارقىتىپ، ئاتا-ئانىلاردىن بۇ ئەھدىنامىگە قول قويۇشنى تەلەپ قىلغان. رادىئومىز تاپشۇرۇۋالغان ئەھدىنامىنىڭ ئەسلى نۇسخىسىدا بايان قىلىنىشىچە، ئاتا-ئانىلارنى ئوقۇغۇچىلارنىڭ قىشلىق تەتىل مەزگىلىدە ۋە ئۇنىڭدىن كېيىنكى مەزگىلدە بۇ ئەھدىنامىدە بەلگىلەنگەن، ناماز ئوقۇماسلىق، مەسچىتكە كىرمەسلىك، دىنىي تۈس ئالغان كىيىملەرنى كىيمەسلىك، روزا تۇتماسلىق، قۇرئان ئوقۇماسلىق، يەر ئاستى دىنىي مەكتەپلەردە تەلىم ئالماسلىق، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىغا خىلاپ قىلمىشلاردا بولماسلىق، ئۆسەك سۆز تارقاتماسلىققا كاپالەتلىك قىلىش تەلەپ قىلىنغان.

ئەھدىنامىدە يەنە ئاتا-ئانىلار ئاگاھلاندۇرۇلۇپ، ئەھدىنامىدىكى بەلگىلىمىلەرگە خىلاپلىق قىلغۇچىلارنىڭ قىلمىشىنىڭ ئېغىر-يېنىكلىكىگە قارىتا جەرىمانە قويۇلىدىغانلىقى، ھەتتا قانۇنىي جاۋابكارلىققا تارتىلىدىغانلىقىمۇ ئۇقتۇرۇلغان.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.