دىنىي مەھبۇس يارمەمەت تۇداخۇننىڭ ئەھۋالىدىن ئائىلىسى 2 يىل خەۋەرسىز قالغان
2013.01.11
نۆۋەتتە، شىخۇدىكى بىر تۈرمىدە قاماقلىق يارمەمەت تۇداخۇن بۇنىڭدىن 5 يىل ئاۋۋال ئاتالمىش«قانۇنسىز دىنىي كۈچلەرگە ئىقتىسادىي ياردەم قىلغان» دېگەن ئەيىبلەش بىلەن قولغا ئېلىنىپ قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغان.
يارمەمەتنىڭ قاماق جازاسى بۇ يىل 9-ئايدا توشىدۇ. بىراق ئۇنىڭ ئائىلىسى 2 يىل ئاۋۋال تۈرمىگە بېرىپ يوقلاپ كەلگەندىن بۇيان، ئۇنىڭدىن ھېچقانداق خەۋەر ئالالمىغان. يارمەمەتنىڭ ئايالىنىڭ ئېيتىپ بېرىشىچە، ئۇ ئېرى قولغا ئېلىنغاندىن كېيىن 3 پەرزەنتى بىلەن يۆلەنچۈكسىز قېلىپ، خەقلەرنىڭ كىر-قېتىنى يۇيۇش، نېنىنى يېقىش قاتارلىق ئىشلار بىلەن تىرىكچىلىك قىلىپ كەلگەن. ئۇ، ئېرىنىڭ بۇرۇن ئۆپكە ياللۇغى بارلىقىنى، 2 يىل ئاۋۋال ئۇنى يوقلاپ بارغاندا ئۇنىڭ ئورۇقلاپ بىر تىرە، بىر ئۇستىخان بولۇپ قالغانلىقى، شۇڭا ئېرىنىڭ ساق-سالامەت چىقىشىنى ئەندىشە ئىلىكىدە كۈتۈۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.
خىتاي دائىرىلىرى« 11-سېنتەبىر ۋەقەسى» دىن كېيىن، ئۇيغۇر ئېلىدە سىياسىي ئۆكتىچىلەر، مۇستەقىللىق پىكرىدىكى ئۇيغۇرلارنى، دىنىي زاتلار ۋە دىنىي پائالىيەتلەرنى قاتتىق باستۇرۇشقا باشلىغان. غۇلجىدا ساقال قويغان ئۇيغۇرلارنى «يوشۇرۇن تەھدىت» دەپ قاراپ باستۇرغان ئىدى.
يارمەمەت تۇداخۇن 2007-يىلى بىر روپاش ئايالغا پۇل ياردەم قىلغانلىقى ئۈچۈن قولغا ئېلىنىپ، ئاتالمىش «قانۇنسىز دىنىي كۈچلەرگە ياردەم قىلغان» دېگەن ئەيىبلەش بىلەن قاماققا ھۆكۈم قىلىنغان.