دۇنيا بانكىسى خىتاينىڭ چوڭقۇر ئىسلاھات ئېلىپ بارمىسا ئېغىر ئىقتىسادىي كرىزىسىغا ئۇچرايدىغانلىقىنى ئاگاھلاندۇرغان
2012.02.24
ئامېرىكا «ۋول سترىت ژۇرنىلى» نىڭ خەۋىرىدە ئاشكارىلىشىچە، دۇنيا بانكىسى بىلەن خىتاي تەرەققىيات تەتقىقات مەركىزى ھازىرلىغان «2030-يىلدىكى خىتاي» ناملىق مەزكۇر دوكلات، «سىياسىي جەھەتتىن ئىنتايىن سەزگۈر بەزى ئىقتىسادى مەسىلىلەر ھەققىدە پىكىر يۈرگۈزۈپ، بۇ ئارقىلىق خىتاينىڭ تەختكە چىقىش ئالدىدىكى كېيىنكى ئەۋلاد رەھبەرلىرىگە تەسىر كۆرسىتىشنى مەقسەت قىلىپ تەييارلانغان.»
دوكلاتتا، خىتاينىڭ خۇ جىنتاۋ دەۋرىدىكى تەرەققىيات مودېلىنىڭ گۇمانلىق ئىكەنلىكى ئوتتۇرىغا قويۇلۇپ، خىتاي ئىقتىسادىنىڭ تەرەققىياتى ئالدىنى ئالغىلى بولمايدىغان بىر سۈرئەت بىلەن تورمۇزغا دەسسەيدىغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلگەن.
يەنى خىتاينىڭ «ئوتتۇرا ھال كىرىم تۇزىقى» غا چۈشىدىغانلىقى ئاگاھلاندۇرۇلۇپ، بۇ تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەرنىڭ كىرىمى ئوتتۇرىغا ھالغا يەتكەندە يۈز بېرىدىغان ئەھۋال ئىكەنلىكىنى تەكىتلىگەن.
«2030-يىلدىكى خىتاي» ناملىق مەزكۇر دوكلات 27-فېۋرال بېيجىڭدا ئېلان قىلىنىدۇ. «ۋول سترىت ژۇرنىلى» دوكلات ئېلان قىلىنىشتىن بۇرۇن ئۇنىڭ مەزمۇنىدىن خەۋەر تاپقان. دۇنيا بانكىسى باشلىقى روبېرت زولېكنىڭ بېيجىڭغا بېرىپ، دوكلات ئېلان قىلىش يىغىنىغا قاتنىشىدىغانلىقى ۋە سۆز قىلىدىغانلىقى بىلدۈرۈلدى.
دوكلاتتا يەنە، خىتاي دانىلىرىنى دۆلەت ئىگىلىكىدىكى كارخانىلارنىڭ كۆلىمىنى كىچىكلىتىشكە، يەرلىك ھۆكۈمەتلەرنىڭ مالىيىسىنى ئىسلاھ قىلىشقا چاقىرغان.