كېرىيە ناھىيىلىك مائارىپ ئىدارىسىنىڭ «خىتاي ئوقۇتقۇچى قوبۇل قىلىش»ئېلانى نارازىلىق قوزغىدى
2012.12.21
بۇ ئەھۋالغا نارازى بولغان تورداشلار ئىنكاسلىرىدا، كېرىيە مائارىپ ئىدارىسىنىڭ ئېلانىدا ئۇيغۇرلار زىچ ئولتۇراقلاشقان كېرىيىدىمۇ ئاشكارا ھالدا چوڭ خىتايچىلىق خاھىشى ئىپادىلىنىپ، يەرلىك مىللەت ئۇيغۇرلار كەمسىتىلگەنلىكىنى پاش قىلغان.
ئۇيغۇر بىز تورىنىڭ خەلقئارا تور بېكىتىنىڭ بۈگۈنكى خەۋىرىدە، تورداشلارنىڭ نارازىلىقىدىن كېيىن، كېرىيە ناھىيىلىك مائارىپ ئىدارىسىنىڭ 19-دېكابىر كۈنى توردا ئىنكاس قايتۇرغانلىقى خەۋەر قىلىندى.كېرىيە ناھىيىلىك مائارىپ ئىدارىسى ئوقۇتقۇچى قوبۇل قىلىش ئېلانىدىكى مىللىتى خىتاي بولۇش شەرتىگە قارىتا ئۆزىنى ئاقلاپ، كېرىيە ناھىيىلىك 2-ئوتتۇرا مەكتەپ ناھىيىدە يېڭىدىن قۇرۇلۇۋاتقان تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ بولغىنى ئۈچۈن، قوش تىللىق مائارىپ سىستېمىسىدىكى بۇ مەكتەپكە قوبۇل قىلىنىدىغان 333 نەپەر ئوقۇتقۇچىدىن 40 نەپىرىنى خىتاي ئۆلكىلىرىدىن قوبۇل قىلىش قارار قىلىنغىنى ئۈچۈن، ئېلاندا قوبۇل قىلىنىدىغان 36 نەپەر ئوقۇتقۇچىنىڭ مىللەت تەركىبى خىتاي دەپ ئەسكەرتىلگەنلىكىنى ئىزاھلىغان. ئەمما دائىرىلەرنىڭ بۇ ئىزاھاتىغا قارىتا نارازىلىق ئىنكاسى يازغان تورداشلار نۆۋەتتە ئۇيغۇر ئېلىدە «قوش تىللىق مائارىپ» نامىدا ئۇيغۇر مىللىي مائارىپىنىڭ ۋەيران قىلىنىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرۈپ، دائىرىلەرنىڭ رايوندا يۈرگۈزۈۋاتقان مائارىپ تۈزۈمىنى ئەيىبلىگەن.