پرېزىدېنت ئوباما ھېيگىل بىلەن برېنەننى دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى ۋە مەركىزى ئاخبارات ئىدارىسىنىڭ مەسئۇللۇقىغا نامزات قىلىپ كۆرسەتتى
2013.01.07
ھەر ئىككى نامزات ئامېرىكا كېڭەش پالاتاسىنىڭ ماقۇللۇقىنى ئېلىشى كېرەك. كۆزەتكۈچىلەر، ھەر ئىككى نامزاتنىڭ كېڭەش پالاتاسىنىڭ ماقۇللۇقىنى ئېلىشى ئاسانغا توختىمايدىغانلىقىنى بىلدۈرمەكتە. بەزى جۇمھۇرىيەتچى كېڭەش پالاتا ئەزالىرى چاك ھېيگىلنى«ئىسرائىلىيىگە دوستانە ئەمەس» دەپ تەنقىدلەپ، ئۇنىڭ ئىران مەسىلىسىدە بەك يۇمشاق قول ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرگەن. چاك ھېيگىل ئىلگىرى ئامېرىكىنىڭ ئىراققا ھۇجۇم قىلىشىنى قوللىغان بولسىمۇ، بىراق ھۆكۈمەتنىڭ ئىراق سىياسىتىنى تەنقىد قىلغان.
برېنەن بولسا مەركىزى ئاخبارات ئىدارىسىنىڭ تۇتقۇنلارنى قاتتىق ۋاسىتىلەرنى قوللىنىپ سوراق قىلىش مەسىلىسىدە كېڭەش پالاتا ئەزالىرىنىڭ جىددىي سوئاللىرىغا دۇچ كېلىشى مۇمكىن. ئۇ، مەركىزى ئاخبارات ئىدارىسىنىڭ مەڭگۈ ئامېرىكىنىڭ ئالىي قىممەت قارىشىنى قوغدىشىغا كاپالەتلىك قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
پرېزىدېنت ئوباما يېقىندا جون كەرىينى دۆلەت ئىشلار مىنىستىرى ھىلارىي كلىنتون خانىمنىڭ ئورنىغا نامزاتلىققا كۆرسەتكەن ئىدى. پرېزىدېنت 2-قېتىملىق ۋەزىپىگە 20-يانۋار ئولتۇرىدۇ. ئۇ 2-قېتىملىق ۋەزىپىگە ئولتۇرۇشتىن بۇرۇن، ھۆكۈمەتنىڭ يېڭى رەھبەرلىك يادروسىنى شەكىللەندۈرۈشكە باشلىدى.