پرېزىدېنت ئوباما دېموكراتلار پارتىيىسىنىڭ پرېزىدېنت نامزاتلىقىنى قوبۇل قىلدى

ئامېرىكا پرېزىدېنتى باراك ئوباما پەيشەنبە كەچ دېموكراتلار پارتىيىسىنىڭ مەملىكەتلىك قۇرۇلتىيىدا نۇتۇق سۆزلەپ، مەزكۇر پارتىيىنىڭ پرېزىدېنت نامزاتلىقىنى قوبۇل قىلدى.
مۇخبىرىمىز ئەركىن
2012.09.07

ئوباما ئامېرىكىلىقلارنىڭ ئۆزىنى يەنە بىر قېتىم سايلىشىنى تەلەپ قىلىپ، ئامېرىكا ئۈچۈن ياخشى كۈنلەرنىڭ ئالدىدا ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى. ئۇ بۇ جەرياندا خىتاينى ئىككى قېتىم تىلغا ئالدى. بىر قېتىملىقىدا ئۇ جۇمھۇرىيەتچىلەر پرېزىدېنت نامزاتى مىت رۇمنېينىڭ تاشقى سىياسەت تەجرىبىسى يوقلۇقىنى ئەسكەرتىپ: ئەگەر سىز ئولىمپىك يىغىنىنى زىيارەت قىلغاندا ئامېرىكىنىڭ ئەڭ يېقىن ئىتتىپاقدىشىنىڭ كۆڭلىگە ئازار بەرمەسلىكنى بىلمىسىڭىز، بۇ دېگەنلىك سىزنىڭ بېيجىڭ بىلەن دىپلوماتىك مۇناسىۋەت قىلىشقا تەييارلىقىڭىز يوق، دېگەنلىكتۇر، دەپ كۆرسەتتى.

جۇمھۇرىيەتچىلەر نامزاتى مىت رومنېي لوندون ئولىمپىك ھارپىسىدا ئەنگلىيىنى زىيارەت قىلىپ، لوندون شەھىرىنىڭ ئولىمپىك تەييارلىقىنى تەنقىد قىلغان. لېكىن بۇ ئەنگلىيىنىڭ نارازىلىقىنى قوزغىغان ئىدى. ئوباما نۇتقىدا يەنە ئەسكەرتىپ، ئامېرىكىلىقلار دۇچ كەلگەن مەسىلە نوقۇل ئىككى نامزاتتىن كىمنى سايلاش، ئىككى پارتىيىدىن قايسى بىرىنى تاللاش مەسىلىسى ئەمەسلىكى، بۇ ئوخشىمىغان ئىككى خىل ئامېرىكىغا ئېلىپ بارىدىغان يولنىڭ بىرىنى تالاش مەسىلىسى ئىكەنلىكىنى كۆرسەتتى.

ئوباما، ئىقتىسادنىڭ ئەسلىگە كېلىش سۈرئىتىنىڭ ئاستىلىقى ئۇنىڭ كېلەچەك ئىشەنچىگە جىددىي رىقابەت پەيدا قىلىۋاتقانلىقىنى ئەسكەرتىپ، لېكىن سايلىغۇچىلىرىنى ئۇنىڭغا ئىشىنىشكە، ئۇنىڭ باشقۇرۇشىدا ئامېرىكىنىڭ ئەڭ روناق تاپقان كۈنلىرىنىڭ يېتىپ كېلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. بىراق ئوباما يەنە، ئۆزىنىڭ كۆرسەتكەن يولىنى ناھايىتى ئاسان ۋە تېز، دەپ پەردازلانمايدىغانلىقى، بىراق ئامېرىكا يەنە بىر قانچە يىل كۈچىسە، نەچچە يىللاردىن بېرى يىغىلىپ قالغان مەسىلىلەرنى ھەل قىلىپ كېتىدىغانلىقىنى ئەسكەرتتى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.