ئامېرىكا پرېزىدېنتى ئوباما قازاغا ئۇچرىغان ئوقۇغۇچىلار ئائىلىسىدىن ھال سورىدى
مۇخبىرىمىز ئۈمىدۋار
2012.12.16
2012.12.16
ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، شەنبە كۈنى ئاقساراي بايانات بېرىپ، ئوبامانىڭ مەزكۇر جايغا بېرىپ، پەرزەنتلىرىدىن ۋە يېقىنلىرىدىن ئايرىلغان ئائىلىلەر بىلەن كۆرۈشۈپ، ئۇلاردىن ھال سورىماقچى شۇنىڭدەك ئاخشىمى شام يېقىپ، تەزىيە بىلدۈرۈش پائالىيىتىگە قاتناشماقچى ئىكەنلىكىنى بىلدۈرد.
ئامېرىكىنى زىلزىلىگە سالغان باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىغا ئوق چىقىرىپ قىرغىن قىلىش ۋەقەسىدە 20 كىچىك بالا ۋە 6 چوڭ ئادەم ھاياتىدىن ئايرىلغان ئىدى. بۇ ۋەقە ئامېرىكا جەمئىيىتىدە كۆپ غۇلغۇلا ۋە ئىنكاسلارغا سەۋەب بولدى شۇنىڭدەك قورال ساقلاشنى چەكلەش چاقىرىقلىرىنى ئۇلغايتتى.