ئامېرىكا پرېزىدېنتى بىر ئىجرائىيە بۇيرۇقىغا ئىمزا قويدى
2013.02.13
ئوباما يەنە سەيشەنبە كۈندىكى «دۆلەتنىڭ نۆۋەتتىكى ئەھۋالى» ھەققىدىكى نۇتقىدا ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىنى تور ھۇجۇمىغا قارىتىلغان بىر قانۇن تۈزۈپ چىقىشقا چاقىردى.
ئوباما نۇتقىدا ئامېرىكىنىڭ دۈشمەنلىرى «ئېنېرگىيە تورىمىز، پۇل - مۇئامىلە مۇئەسسەسىلىرىمىز ۋە ھاۋا قاتنىشىنى باشقۇرۇش سىستېمىمىزغا بۇزغۇنچىلىق قىلىشنى ئىستىمەكتە» دېدى.
ئوبامانىڭ مەزكۇر تور بىخەتەرلىكى ھەققىدىكى بۇيرۇقى بويىچە ئامېرىكا دۆلەتلىك ئۆلچەم ۋە تېخنولوگىيە جەمئىيىتى شىركەتلەرنىڭ ھۇجۇمغا ئۇچرىغاندا قانداق قىلىشى توغرىسىدا ئۆلچەم بەلگىلەپ چىقىدىكەن.
ئامېرىكىدىكى نوپۇزلۇق گېزىتلەردىن «نيۇ - يورك ۋاقىت گېزىتى»، «ۋال سترىت ژۇرنال گېزىتى»، ۋە «ۋاشىنگتون پوچتىسى» ئىككى ھەپتە ئىلگىرى خىتاي تور بۇزارلىرىنىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچرىغانلىقىنى ئېلان قىلغان.
ئوباما ھۆكۈمىتىمۇ ئامېرىكىغا تور ھۇجۇمى قىلىۋاتقان دۆلەتلەرگە ئاگاھلاندۇرۇش بەرگەن ئىدى.