ئوباما تېخىمۇ كۆپ ئىش پۇرسىتى يارىتىدىغانلىقىنى تەكىتلىدى

ئامېرىكا پرېزىدېنتى باراك ئوباما شەنبە كۈنى سۆز قىلىپ، ئۆتكەن يىلى ئىشسىزلىق نىسبىتىدە ئۆزگىرىش يۈز بېرىپ،500 مىڭ كىشىلىك ئىش ئورنى كۆپەيتىلگەنلىكى، بۇنىڭدىن كېيىنكى مەقسىتىنىڭ بۇ ساننى تېخىمۇ ئاشۇرۇش ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.
مۇخبىرىمىز ئۈمىدۋار
2013.02.17


پرېزىدېنت ئوباما بۇ سۆزىنى شەنبە كۈنلۈك نۇقتىدا تەكىتلىگەن بولۇپ، ئۇ بارلىق ئامېرىكىلىقلارنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىش ۋە تەربىيىلىنىش پۇرسىتى بولۇشى لازىملىقى، ئەڭ تۆۋەن مائاش چېكىنى ئۆستىرىدىغانلىقىنى ئەسكەرتكەن.

ئوتتۇرا قاتلامغا ئەھمىيەت بېرىش، ئوتتۇرا قاتلامنىڭ ئامېرىكا ئىقتىسادىنى ئىلگىرى سۈرۈشتىكى رولىنى جارى قىلدۇرۇش ئامېرىكا پرېزىدېنتى باراك ئوباما ئىزچىل تەكىتلەپ كېلىۋاتقان نۇقتا.

نۆۋەتتە، ئىشسىزلىق نىسبىتىنى ئازلىتىپ، تېخىمۇ كۆپ كىشىلەرگە ئىش پۇرسىتى يارىتىش ۋە ئامېرىكا ئىقتىسادىنى راۋاجلاندۇرۇش ئوبامانىڭ ئىچكى سىياسىتىدىكى مۇھىم يۆنىلىش بولماقتا.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.