بېيجىڭدا ئوقۇۋاتقان ئۇيغۇر قىزى پاسپورت ئېلىش ھوقۇقىنى قانۇن بويىچە قوغداشقا تىرىشتى

ئۇيغۇرلارنىڭ پاسپورت ئېلىش ھوقۇقى نۆۋەتتە ئېغىر دەخلى - تەرىزگە ئۇچراۋاتقان مەسىلىلەرنىڭ بىرى ئىكەنلىكى ئۇيغۇر تور بەتلىرىدىكى ئىنكاسلاردا دائىم شىكايەت قىلىنماقتا.

2012.12.16


يېقىندا بېيجىڭدا ئوقۇۋاتقان بىر ئۇيغۇر قىز چەتئەلگە چىقىش ئۈچۈن پاسپورتقا ئىلتىماس قىلغاندىن كېيىن، 23 كۈنگىچە جاۋابقا ئېرىشەلمىگەن. ئۇ، ئۆتكەن يىلىمۇ پاسورتقا ئىلتىماس قىلىپ، ئىككى ئايدىن كېيىن بېيجىڭدىكى مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلار «شىنجاڭ تەرەپ ساڭا پاسپورت ئىشلەپ بەرمىدى» دېگەن جاۋابنى بەرگەن. «ئۇيغۇر بىز تورىنىڭ» خەۋەر قىلىشىچە، ئۆزىنى ئۇيغۇراي دەپ ئاتىغان بۇ قىز خىتايچە «ۋېيبو» تورىدا ئۇچۇر ئېلان قىلىپ، ئۆزىنىڭ پاسپورت ئېلىش ھوقۇقىنىڭ دەخلى - تەرىزگە ئۇچراۋاتقانلىقىنى شىكايەت قىلىپ، خەنزۇلار بىلەن ئۇيغۇرلارنىڭ بۇ جەھەتتىكى ھوقۇقلىرىنىڭ تامامەن پەرقلىق ئىكەنلىكىنى بايان قىلغان.

ئۇچۇردىن مەلۇم بولۇشىچە، بۇز قىز 13 - دېكابىر كۈنى «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ پاسپورت قانۇنى» نى بېسىپ چىقىرىپ، بېيجىڭ شەھەرلىك چېگرىدىن كىرىش - چىقىش ئىشلىرىنى باشقۇرۇش ئىدائىرىسىگە بېرىپ، ئۆزىگە پاسپورت ئىشلەپ بەرمەسلىكنىڭ سەۋەبىنى يازما چۈشەندۈرۈشنى تەلەپ قىلغان. بۇ ئورۇننىڭ باشلىقى ئەھۋالنى ئۇققاندىن كېيىن ئۇنىڭغا «يەنە بىر قېتىم تەكشۈرۈپ كۆرىمىز» دەپ جاۋاب بەرگەن.

مەلۇم بولۇشىچە، خىتاي قانۇنىدا كۆرسىتىلىشىچە، ھەممە خىتاي پۇقراسىنىڭ قايسى مىللەت بولۇشىدىن قەتئىينەزەر پاسپورت ئېلىش ھوقۇقى بار. بىراق خەنزۇلار خالىغان ۋاقىتتا پاسپورتقا ئىلتىماس قىلىپ، تېز ئارىدا ئۇنىڭغا ئېرىشەلەيدۇ، ئەمما ئۇيغۇرلار كۆپ تەكشۈرۈشلەردىن ئۆتىدۇ، يېقىندا ئامېرىكىغا كەلگەن، ئىسمىنى ئاشكارىلاشنى خالىمىغان بىر كىشىنىڭ ئېيتىشىچە، قەشقەر، خوتەن، ئاقسۇ قاتارلىق جايلاردا ئۇيغۇرلارنىڭ پاسپورت ئېلىشى ئىنتايىن قىيىن ئىكەن.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.