قەشقەر پېداگوگىكا ئىنستىتۇتى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 50 يىللىق خاتىرە مۇراسىمىدا مۇقىملىق تەكىتلەندى

يېقىندا قەشقەردە جەنۇبىي ئۇيغۇر رايونىدىكى ئالىي بىلىم يۇرتلىرىدىن بىرى بولغان قەشقەر پېداگوگىكا ئىنستىتۇتى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 50 يىللىقى خاتىرىلەنگەن.
مۇخبىرىمىز ئىرادە
2012.10.18

بۇ ئىنستىتۇت 1962-يىلى قۇرۇلغان، 1978-يىلى ھازىرقى تولۇق كۇرس ئىنستىتۇتىغا ئۆزگەرتىلگەن بولۇپ، ھازىرغىچە 60 مىڭدىن ئارتۇق ئوقۇغۇچى بۇ ئىنستىتۇتلاردا يېتىشىپ چىقىپ مائارىپ سېپى ۋە باشقا ساھەلەردە خىزمەت قىلماقتا.

خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنىڭ بۆشۈكى قەشقەردە قۇرۇلغان بۇ ئىنستىتۇتنى داۋاملىق تۈردە دىققەت بىلەن تەقىب قىلىپ، تۈرلۈك تەشۋىقات-تەربىيە سىياسەتلىرىنى قاتتىق ئىجرا قىلىپ كەلگەن. ئۇيغۇر رايون باش سېكرېتارى جاڭ چۈنشيەن مەكتەپنىڭ 50 يىللىق تويىغا بىۋاسىتە قاتنىشىپ قىلغان سۆزىدىمۇ ئوقۇغۇچىلارغا ئىدىيە تەربىيە بېرىشنى ئۇنتۇپ قالمىغان. ئۇ بارلىق ئوقۇتقۇچى-ئوقۇغۇچىلارنى توغرا سىياسىي يۆنىلىشتە چىڭ تۇرۇپ، دۆلەتنىڭ بىرلىكى، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ۋە جەمئىيەت مۇقىملىقىنى قوغداشقا چاقىرغان.

دائىرىلەر ياش غۇنچىلارنى يېتىشتۈرىدىغان ئوقۇتقۇچىلارنى مىللىي بۆلگۈنچىلىككە قارشى سىياسىي ھەرىكەتلىرىنىڭ ئالدىنقى سېپىگە چىقىرىپ قويۇۋاتقان بولۇپ، بۇ خىل ئەھۋال قوش تىل مائارىپى يۈزىدىن ئېغىر بېسىم ئاستىدا قالغان ئۇيغۇر ئوقۇتقۇچىلىرى ئۈستىدىكى بېسىمنى ھەسسىلەپ ئاشۇرغان. تېخى يېقىندا بىر نەپەر ئوقۇتقۇچى ئۇيغۇر بىز تورىغا ئوچۇق خەت يوللاپ، خىتاينىڭ مۇقىملىق خىزمىتى داۋامىدا ئوقۇتقۇچىلارنى ۋاسىتە قىلىۋاتقانلىقىغا نارازىلىق بىلدۈرگەن ۋە «بىز مۇقىملىقنىڭ چاپارمەنلىرى ئەمەس» دېگەن ئىدى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.