ئاتۇش ئازاق دېھقانلىرى خىتاي كومپارتىيىسىنىڭ دىنىي سىياسەت نەزەرىيىسىنى ئۆگىنىشكە زورلاندى

قىزىلسۇ ئوبلاستىنىڭ ھۆكۈمەت تورىدىكى خەۋەردىن مەلۇم بولۇشىچە، يېقىندا ئاتۇش ئازاق يېزىسىدا «پارتىيىنىڭ دىنىي سىياسەت نەزەرىيىسىنى ياخشى ئۆگىنەيلى» ناملىق سەپەرۋەرلىك يىغىنى ئېچىلىپ، ئىلگىرى دۆلەت كادىرلىرى ۋە ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىغا دەرسلىك قىلىپ ئۆتىلىۋاتقان «خىتاي كومپارتىيىسىنىڭ دىنىي سىياسەت نەزەرىيىسى»نى بۈگۈنكى كۈندە دېھقانلارغا مەجبۇرىي ئۆگىتىشكە باشلىغان.
مۇخبىرىمىز مېھرىبان
2012.12.18

خەۋەردە ئاتۇش ئازاق يېزىسى مەسئۇلىنىڭ سۆزى نەقىل ئېلىنىپ «كومپارتىيىنىڭ دىنىي سىياسەت نەزەرىيىسىنى ياخشى ئۆگىنىشكە بىرلەشتۈرۈلۈپ، ئازاق يېزىسىدا يەنە، «كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ئۆزىنى باشقۇرۇش نىزامنامىسى» ۋە «ئازاق يېزىلىق دىنىي ئىشلارنى باشقۇرۇش تۈزۈمى»نىڭ ئەڭ ئالدى بىلەن ئازاق كەنتىدە سىناق تەرىقىسىدە يولغا قويۇلغانلىقى بايان قىلىنغان.

ئازاق كەنتىدە ئېچىلغان سەپەرۋەرلىك يىغىنىدىن خەۋىرى بار بىرەيلەننىڭ مۇخبىرغا بىلدۈرۈشىچە، يىغىندا يەنە «رادىكال دىنىي ئىدىيىگە قارشى تۇرۇپ، قانۇنسىز دىنىي پائالىيەتلەرنى چەكلەيلى»دېگەن ماۋزۇ قويۇلغان رەسىملىك كىتابچە يىغىن مەيدانىدىكى دېھقانلارغا تارقىتىپ بېرىلگەن.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.