پاسپورت ئىشلەشتە ئۇيغۇرلارغا قارىتىلغان چەكلىمىنىڭ يەنىمۇ كۈچەيتىلگەنلىكى بىلدۈرۈلمەكتە
2013.01.22
ئەمما ئوقۇغۇچىلارغا نېمە ئۈچۈن بۇ دۆلەتلەرگە ئوقۇشقا ئىلتىماس قىلغۇچىلارنىڭ پاسپورت ئىشلىتىشىگە چەكلىمە قويۇلغانلىقى ھەققىدە ھېچقانداق چۈشەندۈرۈش بېرىلمىگەن.
رادىئومىز مۇخبىرىغا ئىنكاس قىلغان ئوقۇغۇچىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، گەرچە ئۈرۈمچى شەھەرلىك ساقچى ئىدارىسى بۇ ئوقۇغۇچىلارنىڭ پاسپورتىنىڭ نېمە ئۈچۈن كېچىكتۈرۈلگەنلىكى ھەققىدە ئۇلارغا ئېنىق چۈشەندۈرۈش بەرمىگەن بولسىمۇ، ئەمما ئۈرۈمچىدىكى چەتئەلگە ئوقۇغۇچى چىقىرىش ئىشىنى بېجىرىشنى ھۆددە قىلغان شىركەت خادىملىرى ئوقۇغۇچىلارغا سەئۇدى ئەرەبىستان، تۈركىيە، گېرمانىيە قاتارلىق دۆلەتلەرگە پاسپورت ئىشلىتىشنىڭ تەسلىكىنى بىلدۈرۈپ، ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارغا ئەڭ ياخشىسى باشقا دۆلەتلەرگە ئوقۇشقا چىقىشنى ئىلتىماس قىلسا، پاسپورت بېجىرىشنىڭ بىرقەدەر ئاسان بولىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
يېقىندىن بۇيان ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارنىڭ پاسپورت بېجىرىشى تۈرلۈك چەكلىمىلەرگە ئۇچراۋاتقانلىقى ھەققىدىكى ئۇچۇرلار بارغانچە كۆپەيمەكتە. ئۆتكەن ئايدا خىتايدىكى ئاممىۋى تور بېكەتلىرىدە ۋە ئۇيغۇربىز تورىنىڭ خەلقئارا تور بېكىتىدە خىتاي ئۆلكىلىرىدە ئوقۇۋاتقان ئاتىكەم قاتارلىق ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارنىڭ پاسپورت بېجىرىشتە ئۇچرىغان چەكلىمىلىرى ھەققىدىكى خەۋەر ئېلان قىلىنغاندىن كېيىن، ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى قاتارلىق چەتئەل مەئاتبۇئاتلىرى ئۇيغۇرلارنىڭ پاسپورت ئىشلىتىشى تەس بولۇۋاتقانلىقى ھەققىدە ئىگىلىگەن بىر قاتار ئۇچۇرلارنى بەرگەن ئىدى.