خىتاي دائىرىلىرى ئۇيغۇر رايونىنىڭ يەرلىرىنى خىتاي كارخانىچىلىرىغا بىكارغا بېرىش ھەققىدە ھۆججەت چىقاردى
مۇخبىرىمىز ئىرادە
2011.07.28
2011.07.28
بۈگۈن شىنخۇا تورىدىن ئاشكارىلىنىشىچە، چارشەنبە كۈنى دۆلەتلىك مالىيە مىنىستىرلىقى ۋە يەر-زېمىن مىنىستىرلىقى ئورتاق ھالدا، ئۇيغۇر رايونىدىكى يەر-زېمىن ئۆتۈنۈپ بېرىش ۋە يېڭىدىن ئېچىلىدىغان قۇرۇلۇش تۈرلىرى ئۈچۈن ئىشلىتىدىغان يەر ھەققىگە ئالاقىدار يېڭى سىياسەتنى ئېلان قىلىپ، ئىچكىرىدىن چىققان خىتاي كارخانىلىرىغا يەرنىڭ بىكارغا بېرىلىدىغانلىقىنى جاكارلىدى.
مەزكۇر قارار، 5-ئىيۇل ۋەقەسىدىن كېيىن ئېچىلغان شىنجاڭ خىزمىتى يىغىنىدىن كېيىن چىقىرىلغان يەنە بىر قېتىملىق مۇھىم قارارلارنىڭ بىرى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. يەر مەسىلىسى ئۇيغۇر رايونىدا ئەسلىدىلا نازۇك مەسىلىلەرنىڭ بىرى بولۇپ، كۆزەتكۈچىلەر مەزكۇر قارارنىڭ رايوندىكى مەۋجۇت زىددىيەتنى تېخىمۇ ئۆتكۈرلەشتۈرۈۋېتىدىغانلىقىنى پەرەز قىلىشماقتا.