خىتاينىڭ يېڭى پاسپورتىدىكى خەرىتە تەيۋەننىڭمۇ قارشىلىقىغا ئۇچرىدى

خىتاينىڭ يېڭى پاسپورتىدا جەنۇبىي دېڭىزدىكى بىر قىسىم رايونلار يەنى ئىگىلىك ھوقۇقى تالاش-تارتىشتىكى جايلارنىمۇ خىتاينىڭ تېررىتورىيىسى قىلىپ كۆرسىتىلگەن بولۇپ، بۇنىڭغا چارشەنبە كۈنى فىلىپپىن، پەيشەنبە كۈنى ۋيېتنام نارازىلىق بىلدۈرگەن ۋە مەزكۇر خەرىتىنى ئۆزگەرتىشنى تەلەپ قىلغان ئىدى.
مۇخبىرىمىز شۆھرەت ھوشۇر
2012.11.23

بۈگۈن يەنى جۈمە كۈنى تەيۋەن ھۆكۈمىتىمۇ بىر بايانات ئېلان قىلىپ، تەيۋەننىڭ بىر مۇستەقىل بىر دۆلەت ئىكەنلىكىنى تەكىتلىدى. فرانسىيە ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ بۈگۈنكى بۇ ھەقتىكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، خىتاينىڭ يېڭى پاسپورتىدىكى خەرىتىدە تەيۋەننىڭ مەشھۇر سەيلىگاھلىرىدىن سۇنمۇن كۆلى بىلەن چېڭخۇي چوققىسىمۇ خىتاي تېررىتورىيىسى قىلىپ كۆرسىتىلگەن.

تەيۋەن بۈگۈنكى باياناتىدا، خىتاينىڭ چوڭ قۇرۇقلۇق بىلەن تەيۋەننىڭ ئايرىم-ئايرىم باشقۇرىلىۋاتقانلىقىدەك رېئاللىقىنى ئېتىراپ قىلىشىنى ۋە تالاش-تارتىشتىكى مەسىلىلەرگە كەلگەندە ئالدىراقسانلىقتىن ئۆزىنى تارتىشى لازىملىقىنى بىلدۈردى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.