روتتېردام شەھىرىدە ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقى تونۇشتۇرۇلدى
2024.12.30

27-دېكابىر «گوللاندىيە ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق فوندى» نىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشىدا فوندنىڭ سىياسىي ئىشلار مەسئۇلى، گوللاندىيەدىكى يېتىلىۋاتقان ياش يازغۇچى ئەخمەتجان قاسىم روتتىردام (Rotterdam) شەھىرىدىكى «تۈرك ئىسلام مەدەنىيەت مەركىزى» دە تۈرك ياشلىرىغا «شەرقىي تۈركىستان ۋە ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقى» تېمىسىدا لېكسىيە بەردى. لېكسىيەدە ئەخمەتجان ئۇيغۇرلارنىڭ قەدىمكى ۋە بۈگۈنكى تارىخى، شۇنىڭدەك نۆۋەتتىكى ئېچىنىشلىق ۋەزىيىتى توغرىسىدا سۆز قىلىپ، تۈرك ياشلىرىغا ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقىنىڭ كېلىپ چىقىشى ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ مەۋجۇت ۋەزىيىتى ھەققىدە تەپسىلىي چۈشەنچە بەردى. بىز بۇ مۇناسىۋەت ئەخمەتجان قاسىمنى زىيارەت قىلغاندا ئۇ رادىيومىز ئارقىلىق بۇ قېتىمقى پائالىيەت ھەققىدىكى بەزى تەپسىلاتلارنى رادىيو ئاڭلىغۇچىلار بىلەن ئورتاقلاشتى.
بۇ پائالىيەتكە ئاساسلىقى روتتېردام ۋە ئۇنىڭ ئەتراپىدا ياشايدىغان تۈرك ياشلىرى قاتناشقان بولۇپ، پائالىيەت ئورۇنلاشتۇرۇلغان زال لېكسىيە ئاڭلىغۇچىلار بىلەن لىق تولغان ئىدى. پائالىيەتكە تۈركلەردىن باشقا يەنە «گوللاندىيە ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق فوندى» نىڭ بىر قىسىم ئەزالىرىمۇ قاتناشقان بولۇپ، فوندنىڭ ئەزاسى ماھمۇتجان بۇ قېتىمقى پائالىيەت ھەققىدىكى تەپسىلاتلارنى رادىيو ئاڭلىغۇچىلار بىلەن ئورتاقلاشتى. شۇنىڭدەك بىر سائەت داۋام قىلغان لېكسىيە ناھايىتى ئەھمىيەتلىك بولدى» دېدى.
ئەخمەتجان قاسىم لېكسىيەدە مەمتىلى تەۋپىقنىڭ «سېغىنىش» ماۋزۇلۇق شېئىرىنى تەقدىم قىلغان. ئۇنىڭ بىلدۈرۈشىچە، كۆپىنچىسى گوللاندىيەدە تۇغۇلۇپ چوڭ بولغان بۇ ياشلار «ئۇيغۇرلار ۋە شەرقىي تۈركىستان» تېمىسىدىكى ئۇچۇر ۋە خەۋەرلەرنى ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا كۆرگەن. ئەمما ئاشۇ ماكاندا تۇغۇلۇپ، شۇ مۇھىتنى باشتىن كەچۈرگەن كىشىلەر بىلەن بىۋاسىتە ئۇچرىشىپ باقمىغانلىقى ئۈچۈن بۇ قېتىم روتتېردام شەھىرىدە ئەخمەتجان ۋە ئۇنىڭ بىلەن بىرگە كەلگەن ئۇيغۇرلاردىن «شەرقىي تۈركىستان ۋە ئۇيغۇرلار» تېمىسىدىكى ئۇچۇرلارنى ئۇلارنىڭ ئاغزىدىن بىۋاسىتە ئاڭلاپ ھەيران قالغان. ئەخمەتجان بۇ ھەقتە سۆز بولغاندا «لېكسىيەگە قاتناشقان تۈرك ياشلىرى بۇ ئۇچۇرلاردىن بەكمۇ ھەيران بولدى» دەيدۇ.
مەلۇماتلاردا كۆرسىتىلىشىچە، گوللاندىيەدىكى ئەڭ چوڭ كۆچمەن خەلقلەرنىڭ بىرى تۈركلەر بولۇپ، گوللاندىيەدىكى تۈركلەر ۋە تۈرك تەشكىلاتلىرى ئىزچىل ئوخشىمىغان شەكىللەردە ئۇيغۇرلارنىڭ سىياسىي پائالىيەتلىرىنى قوللاپ كەلمەكتە. ئۇلار گوللاندىيەدە تۇغۇلۇپ چوڭ بولغان ئىككىنچى ئەۋلاد تۈرك ياشلىرىغا تۈرك قوۋمىنىڭ قەدىمكى ئانا ماكانلىرىنىڭ ھازىرقى ئەھۋالىنى تونۇشتۇرۇش مەقسىتىدە مۇشۇنداق لېكسىيەلەرنى پات-پات ئورۇنلاشتۇرۇپ كېلىۋاتقانلىقى مەلۇم. بىز بۇ مۇناسىۋەت بىلەن بۇ قېتىمقى پائالىيەتنى تەشكىللىگۈچى ساھىبخانا تەشكىلاتقا بۇ ھەقتىكى سوئاللىرىمىزنى ئەۋەتكىنىمىزدە ئۇلاردىنمۇ جاۋاب كەلدى.
ئۇلارنىڭ يازمىچە جاۋابىدا مۇنداق دېيىلىدۇ: «خىتاي ھۆكۈمىتى ھازىر شەرقىي تۈركىستاندا ئۇيغۇرلارنىڭ ئەقەللىي ھوقۇقى ۋە دىنىي ئەركىنلىكىنى ئېغىر دەرىجىدە دەپسەندە قىلىۋاتىدۇ. ئۇلارنىڭ مىللىي كىملىكى تەھدىت ئاستىدا؛ ئۇ يەردىكى كىشىلەر ئانا تىلىدىكى مائارىپ پۇرسىتىدىن مەھرۇم قالدۇرۇلدى. مەن كۆرگەن سىن كۆرۈنۈشلىرىدە خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇ يەردە نۇرغۇن تەكشۈرۈش پونكىتلىرى، تۈرمە ۋە لاگېرلارنى قۇرۇپ چىققان بولۇپ، كامېرا نازارەتچىلىكى ئارقىلىق خەلقنىڭ ئەركىنلىكىنى چەكلەيدىغان تەدبىرلەرنى يولغا قويغان. شۇنداقلا بۇ رايوننىڭ ئۇيغۇر تۈركلىرىگە تەۋە ئىكەنلىكىگە پىسەنت قىلماي، كۆپلەپ خىتاي نوپۇسىنى رايونغا يۆتكەش ئارقىلىق شەرقىي تۈركىستاننىڭ ئېتنىك تەركىبىنى ئۆزگەرتىشكە، شۇ ئارقىلىق رايوندىكى تۈركىي خەلقلەرنىڭ مەۋجۇتلۇقىنى يوقىتىشقا ئۇرۇنماقتا. بۇ رېئاللىقنى بۇ يەردىكى، جۈملىدىن پۈتۈن دۇنيادىكى كىشىلەرگە بىلدۈرۈش ۋە بۇ داۋادا ئۇيغۇرلار بىلەن بىر سەپتە تۇرۇش قېرىنداشلىق نۇقتىسىدىنمۇ، مىللىي ۋە ئىنسانىي نۇقتىدىن ئالغاندىمۇ بىزنىڭ باش تارتىپ بولمايدىغان مەجبۇرىيىتىمىز».
يېقىنقى مەزگىللەردە مۇشۇ خىلدىكى پائالىيەتلەر ياۋروپادىكى ھەرقايسى دۆلەتلەردە ئوخشىمىغان شەكىللەردە ئۆتكۈزۈلۈۋاتقان بولۇپ، ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقىنى تېخىمۇ كەڭ ئاۋام خەلققە بىلدۈرۈشتە ئىجابىي رول ئوينايدۇ، دەپ قارالماقتا.