«شىنجاڭ ساقچى ھۆججەتلىرى» ئاشكارىلىنىپ بىر يىل ئۆتكەندە، ئۇنىڭ تەسىرى نېمە بولدى؟
2023.05.26
ئۆتكەن يىلى دەل مۇشۇ كۈنلەردە، 14 داڭلىق تاراتقۇ بىرلىكتە «شىنجاڭ ساقچى ھۆججەتلىرى» نى ئېلان قىلغانىدى. بۇ ھۆججەتلەر تۈرمە-لاگېرلارغا سولانغانلارنىڭ سۈرىتى، خىتاي ئەمەلدارلىرىنىڭ سۆزلىرى، تۈرمە باشقۇرۇش قائىدىلىرى قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بولۇپ، خىتاينىڭ ئۇيغۇر رايونىدا كەڭ كۆلەملىك تۈرمە-لاگېرلارنى قۇرغانلىقىنى كۆرسىتىپ بەرگەنىدى.
ھۆججەتلەردە ئاشكارىلانغىنىدەك، بۇ ئارخىپتا خاتىرىلەنگەن ئەڭ ياش تۇتقۇن 15 ياش، ئەڭ كىچىك تۇتقۇن ئاران 6 ياشلىق بالا. تۇتقۇنلارنىڭ تولىسى «دىنىي ئەسەبىيلىك ئىدىيەسىدىن زەھەرلەنگەنلەر» دەپ قارالغانلار بولۇپ، لاگېرلارغا سولانغاندىن كېيىن ئىدىيەسى ئۆزگەرتىلگەن، دىنىي ئېتىقادىدىن ۋاز كېچىپ، خىتاي كومپارتىيەسىگە سادىق بولۇشقا مەجبۇرلانغان. خىتاي دائىرىلىرى تۈرمە-لاگېرلاردا ھەممىنى كۆزىتىپ تۇرىدىغان كامېرالارنى ئورۇنلاشتۇرغان بولۇپ، تۈرمە سىرتىدىمۇ كەڭ دائىرىلىك تەقىپ-نازارەت تورى شەكىللەندۈرگەن. كىشىلەرنىڭ خۇسۇسىي مەخپىيەتلىكى، پىكىر ئەركىنلىكى تامامەن چەكلەنگەن.
ئومۇمەن ئېيتقاندا «شىنجاڭ ساقچى ھۆججەتلىرى» خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ 21-ئەسىردە ئۇيغۇرلارغا ئىرقىي قىرغىنچىلىق يۈرگۈزۈۋاتقانلىقىنىڭ كونكرېت ئىسپاتى ھېسابلىنىدۇ.
بۇ ھۆججەت ئاشكارىلانغانلىقىنىڭ بىر يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشى 5-ئاينىڭ 25-كۈنى «شىنجاڭ ساقچى ھۆججەتلىرى» ۋە ئۇنىڭ بىر يىلدىن بۇيان ئۇيغۇرلارغا كۆرسەتكەن تەسىرى ھەققىدە تور سۆھبىتى ئۆتكۈزدى.
ئامېرىكىدا ياشاۋاتقان كىشىلىك ھوقۇق ئادۋوكاتى تېڭ بىياۋ بۇ سۆھبەتتە بەش-ئالتە يىلدىن بۇيان «شىنجاڭ ساقچى ھۆججەتلىرى» گە ئوخشاش كۆپلىگەن ھۆججەت ۋە ئىسپاتلارنىڭ ئوتتۇرىغا چىققانلىقىنى، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ھەقىقەتەن ئۇيغۇر ۋە باشقا مىللەتلەرگە ئىرقىي قىرغىنچىلىق يۈرگۈزۈۋاتقانلىقىنى ئەسلىتىپ ئۆتۈش بىلەن بىرگە، بۇ قىرغىنچىلىقنىڭ توساتتىنلا باشلانمىغانلىقىنى، بەلكى ئۇنىڭ يۈز بېرىش شەرتىنىڭ ئاللىبۇرۇن ھازىرلانغانلىقىنى، بۇنىڭ ئارقىسىدىكى ئىجتىمائىي، قانۇنىي ۋە سىياسىي سەۋەبلەرنى بايان قىلدى. تېڭ بىياۋ ئەپەندىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، خىتاينىڭ قانۇنسىز تۈرمە ۋە يىغىۋېلىش ئورۇنلىرى تارىختىن بېرى مەۋجۇت بولۇپ، «ئەمگەك بىلەن ئۆزگەرتىش ئورۇنلىرى» بۇنىڭ تىپىك مىسالى، بۈگۈنكى كۈندە يۇقىرى تېخنىكىلىق تەقىب-نازارەت سىستېمىسى قۇرۇپ چىققان خىتاي ئادەم تونۇش، ئادەم تۇتۇش ۋە ئادەملەرنى كونترول قىلىش ئىقتىدارىنى يۇقىرى سەۋىيەگە يەتكۈزدى؛ كەڭ كۆلەملىك جازا لاگېرلىرىنى قۇرۇپ، ئىدىيەسىدە مەسىلە بار دەپ قارىغان ئۇيغۇرلارنى تۇتۇپ سولاپ مېڭە يۇيۇش ئېلىپ باردى؛ خىتاي مىللەتچىلىكىنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، باشقا مىللەتلەرنى كەمسىتىش ۋە خورلاشنى ئېغىرلاشتۇردى؛ «ئۈچ خىل كۈچكە زەربە بېرىش» نى باھانە قىلىپ، ئۇيغۇرلارغا ئىرقىي قىرغىنچىلىق يۈرگۈزۈشنى نورماللاشتۇردى، قانۇنلاشتۇردى.
«شىنجاڭ ساقچى ھۆججەتلىرى» ئاشكارىلانغاندىن كېيىن خىتاينىڭ چەتئەلدىكى ئۇيغۇرلارغا سالغان بېسىمى تېخىمۇ ئېغىرلاشقان. تېڭ بىياۋ ئەپەندى خىتاينىڭ 53 دۆلەتتە قۇرغان 102 ساقچى پونكىتىنىڭ چەتئەللەردە ياشاۋاتقان ئۇيغۇر، تىبەتلەرنىلا ئەمەس، ئۆكتىچى خىتايلارنىمۇ نىشانغا ئالغانلىقىنى كۆرسىتىپ ئۆتتى؛ شۇنداقلا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ چەتئەللەرگە يالغان، ساختا ئۇچۇر تارقىتىشى، ئۇيغۇرلارغا ۋىزا بەرمەسلىكى، ۋىزىسىنى قورال ئورنىدا پايدىلىنىشى، ۋەتەندىكى ئۇرۇق-تۇغقانلىرىنى گۆرۈگە ئېلىۋېلىشى، چەت ئەلگە جاسۇس قويۇشى، ئادەم تۇتۇشى، ئايلاپ-يىللاپ قاماپ قويۇشى، قىينىشى، ھەتتا ئۆلتۈرۈېتىشىگىچە بولغان كۆپ خىل جىنايەتلىرىنى تىلغا ئالدى.
بۇ سۆھبەتكە قاتناشقان نىرۇلا ئەلىما خىتاينىڭ چەتئەلدىكى ئۇيغۇرلارغا سوزۇلغان قارا قولى ۋە خىتاينىڭ تەمىنلەش زەنجىرىدىكى مەجبۇرىي ئەمگەك مەسىلىسىنى تەتقىق قىلىۋاتقان مۇستەقىل مۇخبىر ۋە تەتقىقاتچى بولۇپ، ئۇ ئۇيغۇر رايونىدىكى ئىرقىي قىرغىنچىلىق جىنايىتىگە قاتناشقان سىياسىي-قانۇن ۋە ج خ سىستېمىسىدىكى شەخسلەرنىڭ بۇ ئېغىر جاۋابكارلىقتىن قېچىپ قۇتۇلالمايدىغانلىقىنى ئەسكەرتىپ مۇنداق دېدى: «دۆلەتنىڭ قولى بىلەن ئۆتكۈزۈلگەن جىنايەتتە شەخسلەرمۇ جاۋابكارلىقتىن قاچالمايدۇ. پەقەت مەلۇم رەھبەر ياكى مەلۇم ئورگاننى جازالاپ قويۇش بىلەن مەسىلىنى ھەل قىلغىلى، ئىرقىي قىرغىنچىلىقنى توختاتقىلى بولمايدۇ. ‹شىنجاڭ ساقچى ھۆججەتلىرى› دە زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچىلارنىڭ ئۇچۇرلىرىلا ئەمەس، ساقچىلارنىڭ ئۇچۇرلىرىمۇ ئاشكارىلانغان. بىز بۇنىڭدىن قايسى ساقچىنىڭ قايسى دېلوغا مەسئۇل بولغانلىقى ۋە كىملەرگە زىيانكەشلىك قىلغانلىقىنى بىلەلەيمىز. غەرب دۆلەتلىرى ھۆكۈمەتلىرى بۇ ساقچىلارنىڭ باشلىقلىرى ۋە ئىدارىلىرىگىمۇ كونكرېت جازا يۈرگۈزۈشى كېرەك».
نىرۇلا ئەلىما يەنە «شىنجاڭ ساقچى ھۆججەتلىرى» دە ئاشكارىلانغان ئۇچۇرلاردىن ساقچىلارنىڭ لاگېر تۇتقۇنلىرىنىڭ ئائىلىسىنى قانداق نازارەت قىلىدىغانلىقى، ئۇلارغا ۋە ۋە چەت ئەلدىكى قېرىنداشلىرىغا قانداق تەھدىت سالىدىغانلىقىنى كۆرگىلى بولىدىغانلىقىنى بايان قىلدى ۋە بۇنىڭغا ئۈرۈمچىدىكى بىر ساقچىنىڭ يازغان خاتىرىلىرىدىكى قورقۇنچلۇق ئىشلارنى مىسال قىلىپ كۆرسەتتى.
بۇ سۆھبەتكە قاتناشقان جەۋلان شىرمۇھەممەد ئۆز كەچمىشلىرىنى بايان قىلىش ئارقىلىق خىتاينىڭ چەتئەلگە چىققان ئۇيغۇرلارغا قانداق زىيانكەشلىك قىلغانلىقىنى ئاڭلاتتى. ئۇ 2011-يىل تۈركىيەگە ئوقۇشقا كەلگەن ئوقۇغۇچى بولۇپ، 2016-يىل ئاخىرقى قېتىم ۋەتەنگە بارغاندا ساقچىلار ئۇنىڭغا چاي ئىچۈرگەن. 2019-يىل 11-ئايدا ئۇ ئاتا-ئانىسى ۋە ئىنىسىنىڭ لاگېرغا ئېلىپ كېتىلگەنلىكىدىن خەۋەر تاپقان. ئانىسى 2013-يىل تۈركىيەگە بارغانلىقى ئۈچۈن، 2018-يىلى لاگېرغا ئەكېتىلگەن بولۇپ، 5 يىللىق كېسىۋېتىلگەن. كېيىن ساقچىلار جەۋلاننىڭ دادىسىنى ساقچى ئىدارىسىگە ئاپىرىپ، ئوغلىغا تېلېفون بەرگۈزگەن. ئۇ ئاتا-ئانىسىنىڭ قويۇپ بېرىلىشى ئۈچۈن ھازىرغىچە ئاكتىپ پائالىيەت قىلىپ كەلگەن.
«شىنجاڭ ساقچى ھۆججەتلىرى» ئېلان قىلىنغاندىن كېيىن ئۇيغۇرلار مەسىلىسىدە قانداق ئۆزگىرىشلەر بولدى؟ سۆھبەتنىڭ كېيىنكى قىسمىدا بۇ ھەقتە پىكىر بايان قىلغان
تېڭ بىياۋ ئەپەندى، ۋەزىيەتتە ئانچە چوڭ ئۆزگىرىش بولمىغانلىقىنى، شى جىنپىڭنىڭ مۇستەبىت مىللەتچىلىكى ۋە بۇنىڭ تەسىرىدە چەت ئەلدىكى خىتايلارنىڭمۇ ئۇيغۇرلار ئۇچراۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىققا پەرۋاسىز قاراۋاتقانلىقى، ئەسلىدە بۇنىڭ مىللەت ئايرىمايدىغان ئىنسانىي ۋىجدان مەسىلىسى ئىكەنلىكى ھەققىدە توختالدى.
نىرۇلا ئەلىما ئۇيغۇرلار ئۇچراۋاتقان مەجبۇرىي ئەمگەك زۇلۇمىنىڭ يەنىلا داۋاملىشىۋاتقانلىقى، ئامېرىكادىن باشقا يەردە مەجبۇرىي ئەمگەك مەھسۇلاتلىرىنىڭ يەنىلا سېتىلىۋاتقانلىقى ھەققىدە توختالدى.