خىتاينىڭ ئۇيغۇر رايونىدىكى خەۋپسىزلىك سىستېمىسى ھەققىدە ئاساسىي مەلۇمات (2)
ۋاشىنگتوندىن مۇخبىرىمىز نۇرئىمان تەييارلىدى
2023.12.29
2023.12.29
ئۇيغۇر دىيارىدىكى ساقچى سىستېمىسىدا ئون يىل ئىشلىگەن سابىق ساقچى مەمەت ئەپەندى بۇ سىستېمىدىكى ئىش ھالقىلىرى ھەمدە ئۇلارنىڭ رولى توغرىسىدا كۆپلىگەن ھادىسىلەرگە بىۋاسىتە شاھىت بولغان كىشىلەرنىڭ بىرى. نۆۋەتتە مۇھاجىرەتتە تۇرۇۋاتقان مەمەت ئەپەندى رادىيومىزنىڭ بۇ تېما ھەققىدىكى مەخسۇس زىيارىتىنى قوبۇل قىلىش جەريانىدا يەنە ئايرىم ۋاقىت چىقىرىپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ مەخسۇس ئۇيغۇرلارغا مۇناسىۋەتلىك «دېلو» لارنى بىر تەرەپ قىلىدىغان ئورگانلىرى ۋە ئۇلارنىڭ دۆلەت ئىچى ۋە سىرتىدىكى «جاسۇس» لىرى ھەققىدە مەلۇمات بەردى. بۇ ھادىسىلەرنىڭ بەزىلىرى كىشىلەرگە تونۇشلۇق بولسا، يەنە بەزىلىرىنى نۇرغۇن كىشىلەر ئويلاپمۇ باقمىغان دەرىجىدە قەبىھلىككە تولغان، دېيىشكە بولىدۇ.
سۆھبىتىمىزنىڭ تەپسىلاتىنى يۇقىرىدىكى ئۇلىنىشتىن ئاڭلىغايسىلەر.