خىتاينىڭ ئىرقىي قىرغىنچىلىقىغا قارشى كۈرەش ئۈچۈن بېرىلگەن مۇكاپات ۋە سايراگۈل سائۇتباينىڭ ھاياجىنى

ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئەكرەم
2022.05.18
Share on WhatsApp
Share on WhatsApp
خىتاينىڭ ئىرقىي قىرغىنچىلىقىغا قارشى كۈرەش ئۈچۈن بېرىلگەن مۇكاپات ۋە سايراگۈل سائۇتباينىڭ ھاياجىنى 2021 يىللىق «نۈرنبېرگ كىشىلىك ھوقۇق مۇكاپاتى» لاگېر شاھىتى سايراگۈل سائۇتبايغا بېرىلگەنلىكى تەبرىكلەنمەكتە. 2022-يىلى 15-ماي، گېرمانىيە.
RFA/Ekrem

15-مايدىن باشلاپ گېرمانىيەدە نەشىردىن چىقىدىغان «جەنۇبىي گېرمانىيە گېزىتى»، «دۇنيا» قاتارلىق نوپۇزلۇق گېزىتلەر ۋە ئاساسلىق تېلېۋىزىيە قاناللىرى 2021-يىللىق «نۈرنبېرگ كىشىلىك ھوقۇق مۇكاپاتى» توغرىسىدا بەس-بەستە خەۋەرلەر تارقاتتى. خەۋەرلەردە بۇ مۇكاپاتنىڭ خىتاينىڭ جازا لاگېرلىرىدا داۋام قىلىۋاتقان «ئىرقىي قىرغىنچىلىق» ۋە «ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت» لىرىنى خەلقئاراغا بىلدۈرۈش يولىدا مەردانىلىق بىلەن كۈرەش قىلىۋاتقان لاگېر شاھىدى سايراگۈل سائۇتبايغا لايىق كۆرۈلگەنلىكى بايان قىلىنغان ئىدى.

3 كۈندىن بۇيان، بىزنىڭ سايراگۈل سائۇتباي بىلەن ئالاقە قىلىشىمىز تەسكە توختىدى. چۈنكى «نۈرنبېرگ كىشىلىك ھوقۇق مۇكاپاتى» نىڭ بۇ ساھىبى نۈرنبېرگ شەھىرىنىڭ ئەزىز مېھمىنىغا ئايلانغان، شەھەر باشلىقى ۋە بۇ شەھەردىكى كىشىلىك ھوقۇق ئورگانلىرى ئۇنى تۈرلۈك مۇراسىملارغا كۆمىۋەتكەن ئىدى. يولدىشى ھەم ئىككى پەرزەنتى بىلەن نۈرنبېرگ شەھىرىدە قىممەتلىك شەخسكە ئايلانغان سايراگۈل سائۇتباي بۈگۈن تەستە ۋاقىت چىقىرىپ، بىزگە «نۈرنبېرگ كىشىلىك ھوقۇق مۇكاپاتى» مۇراسىمى توغرىسىدا قىسقىچە ئۇچۇر بېرىش پۇرسىتىگە ئېرىشتى.

سايراگۈل سائۇتباينىڭ بىلدۈرىشىچە، 15-ماي نۈرنبېرگ شەھرىدىكى چوڭ ئوپېرا زالىدا ئۆتكۈزۈلگەن بۇ مۇكاپات تارقىتىش مۇراسىمغا گېرمانىيەنىڭ ھەرقايسى شەھەرلىرىدىن كەلگەن سىياسىيونلار ۋە كىشىلىك ھوقۇق ئاكتىپلىرىدىن سىرت، ئامېرىكا ۋە ياۋروپادىكى باشقا ئەللەردىنمۇ كۆپلىگەن مۇھىم سىياسىي شەخسلەر ھەم داڭلىق سەنئەتكارلار كېلىپ قاتناشقان. شەھەر باشلىقى ماركۇس كۆنىگ سايراگۈل سائۇتبايغا مۇكاپات تەقدىم قىلغاندا، زالدىكى يۈزلەرچە ئىنسان ئورۇنلىرىدىن تۇرۇپ ھۆرمەت بىلدۈرگەن ۋە ئالقىشلار ياڭراتقان. سەنئەتكارلار تۈرلۈك سەنئەت نومۇرلىرىنى ئورۇنلاش ئارقىلىق ئۆزلىرىنىڭ قوللاشلىرىنى ئىپادە قىلغان.

مەلۇم بولىشىچە، «نۈرنبېرگ كىشىلىك ھوقۇق مۇكاپاتى» نىڭ سوممىسى 15 مىڭ ياۋرو بولسىمۇ، ئۇنىڭ سىياسىي قىممىتى غايەت زور ئىكەن. گېرمانىيەنىڭ «ئادالەت مەركىزى» دەپ قارىلىدىغان نۈرنبېرگ شەھىرى 2-دۇنيا ئۇرۇشىدىن كېيىن ئۇرۇش جىنايەتچىلىرىنى، يەھۇدىلار ئۈستىدىن ئىرقىي قىرغىنچىلىق ئېلىپ بارغان ناتسىستلارنىڭ ھەربىي قوماندانلىرىنى ۋە ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت سادىر قىلغان ئەسكەر، ئوفىتسېرلارنى سوتلاش بىلەن داڭقى چىققان بىر شەھەردۇر. نۈرنبېرگ شەھىرى «نۈرنبېرگ كىشىلىك ھوقۇق مۇكاپاتى» نى ناتسىستلارنىڭ «مىللىي-سوتسىيالىستىك ئىرقچىلىق قانۇنى» ماقۇللىنىپ 60 يىلدىن كېيىن، 2-دۇنيا ئۇرۇشى ئاخىرلىشىپ 50 يىلدىن كېيىن يولغا قويغان بولۇپ، 1995-يىلى 9-ئاينىڭ 17-كۈنى تۇنجى قېتىملىق مۇكاپاتىنى تارقاتقان.

ھەر ئىككى يىلدا بىر قېتىم تارقىتىلىدىغان بۇ مۇكاپات «ئادالەت مەركىزى» بولغان نۈرنبېرگنىڭ ئۆز دۆلىتىنىڭ تارىختا سادىر قىلغان ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەتلىرىگە بەرگەن جاۋابى بولۇش بىلەن بىرگە، بۈگۈنكى گېرمانىيە دۆلىتىنىڭ پۈتۈن دۇنياغا تېنىچلىق، يارىشىش، چۈشىنىش ۋە كىشىلىك ھوقۇقنى ھۆرمەتلەشتىن باشقا ئۇچۇر بەرمەيدىغانلىقىنى ئىپادىلەشنىڭ بىر سىمۋولى بولۇپ ھېسابلىنىدىكەن. شۇ سەۋەبتىنمۇ، 2021-يىلى 3-ئايدا بۇ مۇكاپاتنىڭ سايراگۈل سائۇتبايغا بېرىلگەنلىكى ئېلان قىلىنغاندا، خىتاينىڭ ميۇنخېندىكى كونسۇلخانىسى قاتتىق نارازىلىق بىلدۈرگەن. خىتاينىڭ شېنجىن شەھرى بىلەن نۈرنبېرگ شەھرىنىڭ «قېرىنداش شەھەر» لىك مۇناسىۋىتى زەربىگە دۇچ كەلگەن.

گېرمانىيەدىكى ۋەزىيەت ئانالىزچىسى ئەنۋەر ئەھمەتنىڭ بايان قىلىشىچە، بۇ مۇكاپاتنىڭ سايرگۈل سائۇتبايغا بېرىلىشى، ئەمەلىيەتتە گېرمانىيەنىڭ قارار مەركىزى بولغان نۈرنبېرگ شەھىرىنىڭ گېرمانىيە دۆلىتىگە ۋاكالىتەن خىتاينىڭ ئىرقىي قىرغىنچىلىقى ۋە ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەتلىرىگە قارىتا بىلدۈرگەن كەسكىن ئىنكاسى بولۇپ ھېسابلىنىدىكەن.

دىققەتكە سازاۋەر بولغىنى، «نۈرنبېرگ كىشىلىك ھوقۇق مۇكاپاتى» مۇراسىمىدا سايراگۈل سائۇتباي ئىنگىلىز تىلىدا جازا لاگېرلىرىغا بېغىشلانغان بىر ناخشا ئوقۇغان. بۇ ناخشىنىڭ دەسلەپكى مىسرالىرى «زۇلمەتكە تولغان ۋەھىمىلىك كېچىلەردە، بىرىنىڭ كەينىدىن بىرى تۇتۇپ كېتىلمەكتە، ئارقىمىزدا تۇرماقتا جازا لاگېرى، سىم توساقلارغا ئورۇلۇپ ھەيۋەتتە» دېگەن مەزمۇندىكى جۈملىلەر بىلەن باشلانغان بولۇپ، چوڭ زالدىكى ئۇنىڭ ناخشىسىنى ئاڭلىغان نۇرغۇنلىغان ئىنسانلار ئۆزىنى تۇتۇۋالالماي يىغلاپ كېتىشكەن.

سايراگۈل سائۇتباينىڭ تىلغا ئېلىشىچە، مۇكاپات تارقىتىش مۇراسىمىدا نۇرغۇنلىغان مۇھىم شەخسلەر نۇتۇقلار سۆزلەپ، شەرقىي تۈركىستاندا داۋام قىلىۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىق ۋە ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەتلەرنى توختىتىشنى تەشەببۇس قىلىشقان. ئۇ سۆزىدە، خىتاينىڭ بۇ زۇلۇم سىياسەتلىرىنى يۈزلىگەن مەشھۇر ئىنسانلار ئالدىدا يەنە بىر قېتىم ئاڭلىتىش پۇرسىتىگە ئېرىشكەنلىكىدىن خۇرسەند بولغانلىقىنى ئەسكەرتتى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.

تولۇق بەت