لاگېر شاھىتلىرى فىنلاندىيە پارلامېنتىدا ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقى ھەققىدە گۇۋاھلىق بەردى

ميۇنخېندىن ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئەكرەم تەييارلىدى
2023.06.07
lagir-shahiti-Gulbahar-Qelbinur-Marelina-1024 ئوڭدىن سولغا جازا لاگېر شاھىتى گۇلباھار خاتىۋاجى، قەلبىنۇر سىدىق ۋە دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ پارلامېنتلار ئارا ئالاقە ئىشلىرىغا مەسئۇل خادىمى مارېلىنا ستېگباۋېر، 6-ئىيۇن، خېلسىنكى، فىنلاندىيە
RFA/Ekrem

جازا لاگېرلىرى شاھىتلىرىدىن قەلبىنۇر سىدىق بىلەن گۇلباھار خاتىۋاجىلار فىنلاندىيە پارلامېنتىدا ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقى ھەققىدە گۇۋاھلىق بەردى.

6-ئىيۇن كۈنى فىنلاندىيە پارلامېنتىدا ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقى ھەققىدە گۇۋاھلىق بېرىش يىغىنى ئۆتكۈزۈلگەن. يىغىنغا فىنلاندىيە پارلامېنتى كىشىلىك ھوقۇق كومىتېتىنىڭ رەئىسى ئىنكا ھوپسۇ (Inka Hopsu) خانىم رىياسەتچىلىك قىلغان. جازا لاگېرلىرى شاھىتلىرىدىن گوللاندىيەدە ياشاۋاتقان قەلبىنۇر سىدىق ۋە فىرانسىيەدە ياشاۋاتقان گۇلباھار خاتىۋاجىلار ئالاھىدە تەكلىپ بىلەن بۇ يىغىنغا قاتنىشىپ، خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندا سىستېمىلىق، پىلانلىق ۋە مەقسەتلىك ھالدا يۈرگۈزۈۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىق سىياسەتلىرىنى پاش قىلغان ۋە جازا لاگېرلىرىدىكى تەن جازاسى، جىنسىي زوراۋانلىق، مەجبۇرىي ئەمگەك توغرىسىدا گۇۋاھلىق بېرىپ ئۆتكەن.

بۈگۈن فىنلاندىيە پايتەختى خېلسىنكىدىن زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان قەلبىنۇر سىدىق خانىمنىڭ بىلدۈرۈشىچە، گۇۋاھلىق سورۇنىغا داخىل بولغان بەزى ھۆكۈمەت خادىملىرى لاگېر شاھىتلىرىنىڭ سۆزلىرىنى كۆزلىرىگە ياش ئېلىپ تۇرۇپ ئاڭلىغان. قەلبىنۇر سىدىق خانىم بۇ سورۇندا جازا لاگېرلىرىدا ئۆز كۆزى بىلەن كۆرگەن ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقىغا ئائىت پاجىئەلەرنى بايان قىلىش بىلەن بىرگە، ئەركىنلىك ۋە دېموكراتىيەنىڭ ھىمايىچىسى بولغان فىنلاندىيە ھۆكۈمىتىنىڭمۇ خىتاينىڭ جىنايى قىلمىشلىرىنى ئامېرىكا ھەم ياۋروپادىكى «ئىرقىي قىرغىنچىلىق» ۋە «ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت» دەپ ئېتىراپ قىلغان دۆلەتلەرنىڭ سېپىگە قوشۇلۇشىنى تەلەپ قىلغان.

جازا لاگېر شاھىتى قەلبىنۇر سىدىق ۋە گۇلباھار خاتىۋاجىلار فىنلاندىيە پارلامېنت ئەزالىرى بىلەن بىللە چۈشكەن خاتىرە سۈرىتى، 6-ئىيۇن، خېلسىنكى، فىنلاندىيە
جازا لاگېر شاھىتى قەلبىنۇر سىدىق ۋە گۇلباھار خاتىۋاجىلار فىنلاندىيە پارلامېنت ئەزالىرى بىلەن بىللە چۈشكەن خاتىرە سۈرىتى، 6-ئىيۇن، خېلسىنكى، فىنلاندىيە
RFA/Ekrem

 بۇ قېتىمقى گۇۋاھلىق بېرىش يىغىنىنى د ئۇ ق بىلەن فىنلاندىيە پارلامېنتىنىڭ كىشىلىك ھوقۇق كومىتېتى بىرلىكتە ئۇيۇشتۇرغان. يىغىنغا د ئۇ ق نىڭ پارلامېنتلار ئارا ئالاقە ئىشلىرىغا مەسئۇل خادىمى مارىلېنا ستېگباۋېر (Marilena Stegbauer)  خانىممۇ قاتناشقان. ئۇ خېلسىنكىدىن زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغاندا، شەرقىي تۈركىستاندا داۋام قىلىۋاتقان زۇلۇملار توغرىسىدىكى گۇۋاھلىق بېرىش پائالىيەتلىرىنىڭ ئەمەلىيەتتە د ئۇ ق نىڭ ياۋروپادا ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقىنى ئېتىراپ قىلدۇرۇش پروگراممىسىنىڭ بىر تەركىبىي قىسمى ئىكەنلىكىنى تىلغا ئالدى. ئۇ مۇنداق دېدى: «د ئۇ ق نىڭ ۋەكىللىرى سۈپىتىدە تۈنۈگۈن بىز فىنلاندىيە پارلامېنتىدا ئۆتكۈزۈلگەن گۇۋاھلىق بېرىش يىغىنىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك تاماملىدۇق. مەقسىتىمىز فىنلاندىيە ھۆكۈمىتىگە ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقىنى ئېتىراپ قىلدۇرۇش ئۈچۈن تېرىشچانلىق كۆرسىتىش ئىدى. بۈگۈن يەنە مۇشۇ مەقسەتتە بىر يۈرۈش پائالىيەتلەرنى داۋام قىلدۇرۈۋاتىمىز. شەرقىي تۈركىستاندا داۋام قىلىۋاتقان ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقىنى فىنلاندىيەنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ياۋروپا ئىتتىپاقىغا ئەزا دۆلەتلەرگە ئېتىراپ قىلدۇرۇش، ئەمەلىيەتتە د ئۇ ق ياۋروپاغا قارىتىلغان مۇھىم بىر پائالىيەت پروگراممىسى ھېسابلىنىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىرگە، بىز شەرقىي تۈركىستاندىكى زۇلۇملارغا ھېسداشلىق قىلىدىغان پارلامېنت ئەزالىرى بىلەن ھەمكارلىق ئورنىتىش ئۈچۈنمۇ ھەرىكەت قىلىۋاتىمىز.»

سولدىن ئوڭغا جازا لاگېر شاھىتى گۇلباھار خاتىۋاجى، قەلبىنۇر سىدىق  ۋە دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ پارلامېنتلار ئارا ئالاقە ئىشلىرىغا مەسئۇل خادىمى مارېلىنا ستېگباۋېر، 6-ئىيۇن، خېلسىنكى، فىنلاندىيە
سولدىن ئوڭغا جازا لاگېر شاھىتى گۇلباھار خاتىۋاجى، قەلبىنۇر سىدىق ۋە دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ پارلامېنتلار ئارا ئالاقە ئىشلىرىغا مەسئۇل خادىمى مارېلىنا ستېگباۋېر، 6-ئىيۇن، خېلسىنكى، فىنلاندىيە
RFA/Ekrem

گۇلباھار خاتىۋاجى خانىمنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئۇلار خېلسىنكىغا 5-ئىيۇن كۈنى يېتىپ كەلگەن بولۇپ، 6-ئىيۇن كۈنى پارلامېنتتا گۇۋاھلىق بەرگەندىن سىرت، بۈگۈن 7-ئىيۇن كۈنى يەنە فىنلاندىيە تاشقىي ئىشلار مىنىستىرلىقىدىمۇ گۇۋاھلىق بېرىدىكەن. 6-ئىيۇن ئۇلارنىڭ گۇۋاھلىق سۆزلىرىنى ئاڭلىغان بەزى پارلامېنت ئەزالىرى ئۆزلىرىنىڭ ئۇيغۇر پاجىئەسىنى ئاڭلاپ ئىنتايىن تەسىرلەنگەنلىكىنى، فىنلاندىيە ھۆكۈمىتىنىڭ بۇنىڭغا قارىتا تېگىشلىك ئىنكاس قايتۇرمىغانلىقىدىن ئەپسۇسلىنىدىغانلىقى ھەمدە بۇندىن كېيىن ئۇيغۇرلار مەسىلىسىنى پارلامېنتتا كۈنتەرتىپكە كەلتۈرۈش ئۈچۈن قولىدىن كېلىشىچە تىرىشچانلىقلار كۆرسىتىدىغانلىقىنى ئىپادە قىلىشقان.

 مەلۇم بولغىنىدەك، 2022-يىلى 4-ئاينىڭ 27-29-كۈنلىرى د ئۇ ق نىڭ بىر گۇرۇپپا ۋەكىللەر ئۆمىكى فىنلاندىيە پارلامېنتىنى زىيارەت قىلىپ، ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقىنى فىنلاندىيە پارلامېنتىدا ئېتىراپ قىلدۇرۇش ئۈچۈن بىر قاتار پائالىيەتلەرنى ئېلىپ بارغان ئىدى.

 

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.