شېئىن مودا كىيىم شىركىتى پاي چەكلىرىنىڭ ئەنگلىيە پايچىكى بازىرىدا سېتىلىشىنى چەكلەش ھەرىكىتى بارغانچە كۈچەيمەكتە
2024.07.17

ئەنگلىيە پارچە سېتىش مەسلىھەتچىسى ۋە تېلېۋىزىيە چولپىنى مارىي پورتاسنىڭ يېتەكچىلىكىدە توردا يېڭىدىن باشلانغان خىتاينىڭ شېئىن مودا كىيىم شىركىتى پاي چەكلىرىنىڭ ئەنگلىيە پايچىكى بازىرىدا سېتىلىشىنى چەكلەش ھەرىكىتىگە ئاۋاز قوشقانلارنىڭ بارغانچە كۆپىيىۋاتقانلىقى مەلۇم بولدى.
رويتېرس ئاگېنتلىقىنىڭ 17-ئىيۇل كۈنى ئېلان قىلغان بۇ ھەقتىكى خەۋىرىدە دېيىلىشىچە، ئەنگلىيە پارچە سېتىش مەسلىھەتچىسى ۋە تېلېۋىزىيە چولپىنى مارىي پورتاسنىڭ قوللىشىدا توردا ئېلان قىلىنغان مۇراجىئەتنامىدە، يېڭىدىن سايلانغان ئەنگلىيە ھۆكۈمىتىنىڭ ئەمگەك مۇلازىمەت مىنىستىرلىقى، مودا كىيىملەرنى پارچە ساتقۇچى شېئىن شىركىتىنىڭ لوندوندىكى پايلىرىنى بازارغا سېلىشنى چەكلەشكە چاقىرىلغان.
خەۋەردە دېيىلىشىچە، خىتايدا قۇرۇلغان شېئىن شىركىتى 5 دوللارلىق ۋە 10 دوللارلىق ئەرزان كىيىملىرى بىلەن تونۇلغان. مەزكۇر شىركەت ئالدىنقى ئاينىڭ بېشىدا مەخپىي ھالدا ئەنگلىيەنىڭ بازارنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش ئورگىنىغا شېئىن پاي چەكلىرىنى ئەنگلىيەدە بازارغا سېلىش ھەققىدە تەلەپنامە سۇنغان بولۇپ، بۇ يىلنىڭ ئاخىرىدا شېئىننىڭ پاي چەكلىرى لوندون ئاكسىيە، يەنى پاي چىكى بازىرىغا سېلىنىشى مۇمكىن ئىكەن. ئەمما ئەنگلىيەدىكى بىر قىسىم يۇقىرى دەرىجىلىك پارلامېنت ئەزالىرى شېئىننىڭ ئەنگلىيەنىڭ پاي چىكى بازىرىغا ماس كېلىدىغانلىقىدىن گۇمانلىنىپ، ئۇنىڭ ئەمگەك ئادىتى، تەمىنلەش زەنجىرى ۋە ئىمپورت بېجىنى كەچۈرۈم قىلىشنى تېخىمۇ قاتتىق تەكشۈرۈشنى تەلەپ قىلغان. شېئىن شىركىتى بولسا، ئۆزىنىڭ كىشىلىك ھوقۇققا ھۆرمەت قىلىدىغانلىقىنى، مەجبۇرىي ئەمگەككە قىلچە يول قويماسلىق سىياسىتى بارلىقىنى بىلدۈرگەن.
شېئىن گۇرۇھى ئۆتكەن يىلى ئامېرىكا پاي چىكى بازىرىغا كىرىشكە تىرىشقان بولسىمۇ، بىراق ئامېرىكا ئاكسىيە ۋە ئوبوروت كومىتېتى ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى ئەزالىرىنىڭ بېسىمىدا مەزكۇر خىتاي شىركىتىنىڭ ئامېرىكا بازىرىدا پاي چىكى تارقىتىشىنى رەت قىلغانىدى.
«ئامېرىكا ئىشچىلار ھوقۇقى بىرلەشمىسى» نىڭ تەتقىقاتچىسى جەۋھەر ئىلھامنىڭ شېئىن مودا كىيىم شىركىتىنىڭ ماللىرىنىڭ ۋە ئۇنىڭ پاي چەكلىرىنىڭ ئامېرىكادا سېتىلىشىنى چەكلەشتىكى سەۋەبلەر ھەققىدە رادىيومىزغا ئېلخەت ئارقىلىق جاۋاب بەردى. جەۋھەر ئىلھامنىڭ بۇ ھەقتىكى سوئالىمىزغا بەرگەن جاۋابىدا كۆرسىتىلىشىچە، ئامېرىكا ئاكسىيە ۋە ئوبوروت كومىتېتىنىڭ «شېئىن» گۇرۇھىنىڭ مەجبۇرىي ئەمگەك بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىگە دائىر ئەندىشىلەر سەۋەبلىك، شېئىن شىركىتىنىڭ ئامېرىكا پاي چىكى بازىرىغا كىرىشىنى رەت قىلغانىكەن.
جەۋھەر ئىلھام خېتىدە بۇ ھەقتە مۇنداق دېگەن: «شېئىن شىركىتىنىڭ مەھسۇلاتلىرى ئىزچىل ھالدا ئۇيغۇر مەجبۇرىيەت ئەمگىكى بىلەن باغلانغانلىقى ئەندىشە قوزغاپ كەلمەكتە. ئاڭلاشلارغا قارىغاندا ئۇلار يەنە بالىلار ئەمگىكىنى ئىشلىتىدۇ (بۇ ئەلۋەتتە ئۇيغۇر بالىلىرىلا ئەمەس) شېئىننىڭ مەھسۇلاتلىرى يەنە ئىنتايىن چىدامسىز بولۇپ، مۇھىتقا ئېغىر بۇزغۇنچىلىق قىلىدىغان ئۇسۇلدا ئىشلەپچىقىرىلىدۇ. شۇڭا شېئىننىڭ ئەرزان باھالىق مەھسۇلاتلىرىنى سېتىۋېلىش ئەخلاقىي جەھەتتىنلا خاتا بولۇپ قالماستىن، ئۇلارنىڭ مەھسۇلاتلىرىنى سېتىۋېلىش كىشىلىك ھوقۇققا دەخلى-تەرۇز قىلىش بىلەن بىرلىكتە، يەر شارى مۇھىتى ئۈچۈنمۇ ئىنتايىن زىيانلىق» .
ئەنگلىيەدىكى ئۇيغۇر پائالىيەتچىلىرىدىن «ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقىنى توختىتىش ھەرىكىتى» نىڭ باشلىقى رەھىمە مەخمۇت خانىم رادىيومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، خىتاينىڭ شېئىن مودا كىيىملىرى شىركىتىنىڭ ماللىرىنىڭ ئەنگلىيەدە سېتىلىشى ۋە بۇ شىركەتنىڭ لوندون ئاكسىيە بازىرىغا كىرىشىگە قارىتا ئەنگلىيەدە داۋام قىلىۋاتقان قارشىلىقلار ھەققىدە توختالدى.
ئۇنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىگە چېتىشلىق دەپ ئەيىبلىنىپ كېلىۋاتقان شېئىننىڭ لوندون پاي چىكى بازىرىغا كىرىش پىلانى، 7-ئاينىڭ بېشىدىنلا ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرىنىڭ قارشىلىقىغا دۇچ كەلگەن بولۇپ، بۇ ھەرىكەت ئەنگلىيەدىكى «ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقىنى توختىتىش ھەرىكىتى» نىڭ باشلامچىلىقىدا ئېلىپ بېرىلغان.
ئۇ سۆزىدە ئەنگلىيە پارچە سېتىش مەسلىھەتچىسى ۋە تېلېۋىزىيە چولپىنى مارىي پورتاس خانىمنىڭ يېتەكچىلىكىدە توردا باشلانغان خىتاينىڭ شېئىننىڭ پاي چەكلىرىنىڭ ئەنگلىيە پاي چېكى بازىرىدا سېتىلىشىنى چەكلەش ھەرىكىتىگە ئاۋاز قوشقانلارنىڭ 33 مىڭ كىشىگە يەتكەنلىكىنى، نۆۋەتتە قوللىغۇچىلارنىڭ بارغانچە كۆپىيىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.
رەھىمە خانىم يەنە شېئىننىڭ ھەرىكىتىنى چەكلەشتىكى سەۋەبنىڭ مەزكۇر شىركەتنىڭ ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكى بىلەن بىۋاسىتە مۇناسىۋەتلىك بولۇشتىن باشقا مۇھىتنى ئېغىر دەرىجىدە بۇزۇش ۋە خىتاينىڭ ئەرزان ماللىرىنىڭ تۆكمە قىلىپ سېتىلىشىنى توسۇشتەك بىر قاتار ئامىللار ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.
ئەنگلىيەدىكى بىر داڭلىق ئادۋوكاتلىق ئورنى 6-ئاينىڭ ئاخىرى ئەنگلىيەنى بازا قىلغان «ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقىنى توختىتىش ھەرىكىتى» گە ۋاكالىتەن ئەنگلىيە مالىيە ئىنتىزامىنى نازارەت قىلىش دائىرىلىرىگە مەكتۇپ يېزىپ، ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىدىن پايدىلىنىۋاتقان مەزكۇر ئەرزان باھالىق مودا كىيىم شىركىتىنىڭ لوندون پاي چېكى بازىرىدا ئۆزىنىڭ پاي چېكىنى تارقىتىش يولىدىكى ھەرقانداق ئۇرۇنۇشىنى رەت قىلىش، شۇنداقلا ئۇنىڭ پايچىكى تارقىتىشىغا يول قويماسلىقنى تەلەپ قىلغانىدى.
ئەنگلىيە لېيدەي ئادۋوكاتلىق ئورنىنىڭ ئادۋوكاتى رىكاردو گاما، 2-ئىيۇل كۈنى رادىيومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلغىنىدا، ئەنگلىيە مالىيە ئىنتىزامىنى نازارەت قىلىش دائىرىلىرىدىن «شېئىن» نىڭ ئىلتىماسىنى رەت قىلىشنى تەلەپ قىلغانلىقىنى دەلىللىگەنىدى. رىكاردو گاما رادىيومىزغا قىلغان سۆزىدە: «بىز مالىيە ئىنتىزامىنى نازارەت قىلىش دائىرىلىرىدىن ‹شېئىن› نىڭ ئىلتىماسىنى تەستىقلىماسلىقنى تەلەپ قىلدۇق. ‹شېئىن› نىڭ ئىلتىماسى تەستىقلانمىسا، ئۇ، لوندون پايچىكى بازىرىدا ئۆزىنىڭ پاي چېكىنى تارقىتالمايدۇ» دېگەنىدى.
يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.