«شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى ۋە ئۇنىڭ قۇرغۇچى رەھبەرلىرى» دېگەن تېمىدا ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى ئۆتكۈزۈلدى
2024.11.19
16-نويابىر شەنبە كۈنى ئىستانبۇل ئۇنىۋېرسىتېتى تۈركولوگىيە تەتقىقاتى ئىنستىتۇتىنىڭ يىغىن زالىدا، «ئىشغال قىلىنغانلىقىنىڭ 75-يىلىدا شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى ۋە قۇرغۇچى رەھبەرلىرى» دېگەن تېمىدا ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى ئۆتكۈزۈلدى.
ئىستانبۇل ئۇنىۋېرسىتېتى تۈركولوگىيە تەتقىقاتى ئىنستىتۇتى، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ۋەخپىسى، ئەيسا يۈسۈپ ئالىپتېكىن ۋەخپىسى، تۈرك دۇنياسى تەتقىقات ۋەخپىسى، قازاق تۈركلىرى تەلىم-تەربىيە ۋە تەتقىقات جەمئىيىتى قاتارلىق تەشكىلات ۋە ئورگانلارنىڭ بىرلىكتە ئۇيۇشتۇرۇشى بىلەن ئۆتكۈزۈلگەن بۇ يىغىنغا ئەرلەر ۋە ئاياللار بولۇپ كۆپ ساندا تۈركلەر قاتناشقان بولۇپ، ئالدى بىلەن يىغىندا تۈركىيە ۋە شەرقىي تۈركىستان ئىستىقلال مارشى ئوقۇلدى. ئاندىن مەزكۇر يىغىننى ئۇيۇشتۇرغان دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ۋەخپىسىنىڭ رەئىسى ئابدۇرېشىت ئابدۇلھەمىد ۋە باشقا تەشكىلات رەھبەرلىرى قىسقىچە سۆز قىلغاندىن كېيىن مۇھاكىمە يىغىنى مۇتەخەسسىسلىرى سۆز قىلدى.
يىغىنغا ئىستانبۇل ئۇنىۋېرسىتېتى ئوقۇتقۇچىسى پىروفېسسور دوكتور مۇئەللا ئۇيدۇ يۈجەل خانىم رىياسەتچىلىك قىلدى. يىغىندا ئەيسا يۈسۈپ ئالىپتېكىن ۋەخپىنىڭ باش كاتىپى ئابدۇللا ئوغۇز، ئىستانبۇل ئۇنىۋېرسىتېتى ئوقۇتقۇچىسى دوكتور ئۆمەر قۇل، مىمار سىنان گۈزەل سەنئەتلەر ئۇنىۋېرسىتېتى ئوقۇتقۇچىسى ئابدۇلۋاھاب قارا، نەۋشەھىر ھاجى بەكتاش ئۇنىۋېرسىتېتى ئوقۇتقۇچىسى دوكتور تېكىن تۇنجەر ۋە قازاق تەتقىقاتچى ھارۇن مەسئۇت ئاقگۈن سۆز قىلىپ، شەرقىي تۈركىستاننىڭ تارىخى، 1933 ۋە 1944-يىللىرى قۇرۇلغان شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيەتلىرى ۋە ئۇنىڭ قۇرغۇچىلىرى، شۇنداقلا شەرقىي تۈركىستاننىڭ ئىشغالىيىتىدىن كېيىنكى كۆچۈش جەريانلىرى توغرىسىدا توختالدى.
ئىستانبۇل ئۇنىۋېرسىتېتى ئوقۇتقۇچىسى پىروفېسسور دوكتور مۇئەللا ئۇيدۇ يۈجەل خانىم ئۇيغۇرلار توغرىسىدا توختىلىپ مۇنداق دېدى: «شەرقىي تۈركىستانغا كەلسەك، ئۇ قايغۇ ۋە زۇلۇمنىڭ نامى بولۇپ قالدى، ئۇ ۋىجدان ۋە ئىنسانىيەت كۆرمەسكە سالغان بىر دەۋادۇر. بىز بارلىق ئاممىۋى تەشكىلاتلار بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن بۇ مەسىلىنى قولىمىزدىن كېلىشىچە، پۈتۈن خەلق ئاممىسىغا ھەر يەردە ئاڭلىتىشقا ۋە چۈشەندۈرۈشكە تىرىشىۋاتىمىز. چۈنكى يۈز بېرىۋاتقان زۇلۇم كۈچىيىپ، بارغانسېرى چېكىدىن ئېشىۋاتىدۇ».
پىروفېسسور دوكتور مۇئەللا ئۇيدۇ يۈجەل خانىم، ئۇيغۇرلارنىڭ تارىختا ئىنسانىيەت مەدەنىيىتىگە قوشقان تۆھپىلىرىنى تىلغا ئېلىپ مۇنداق دېدى: «ئۇيغۇرلار تۈرك تارىخىدىكى ئېسىل قەبىلىلەردىن بىرى بولۇپ، ئۇلار تارىختا ئونلارچە دۆلەت ۋە خانىدانلىق قۇرغان، يەنى دۆلەت بولۇش سالاھىيىتىگە ئىگە بولغان بىر خەلق. ئۇيغۇرلار ئەسلىدە سىياسىي ھەم مەدەنىيەت تارىخى بىلەن، تۈرك مىللىتىنىڭ نامىنى تارىخقا ئالتۇن ھەرپ بىلەن يازدۇرغان خەلق».
پىروفېسسور دوكتور مۇئەللاخانىم سۆزىدە يەنە، شەرقىي تۈركىستاندا مۇستەقىل دۆلەت قۇرغان رەھبەرلەرنى ۋە بۇ يولدا شېھىت بولغان قەھرىمانلارنى ياد ئېتىشنىڭ مۇھىملىقىنى تەكىتلەپ مۇنداق دېدى: «بۈگۈن بىز شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيەتلىرىنى قۇرغان رەھبەرلەرنى ئەسلەيمىز، چۈنكى سىياسىي ساھەدە شەرقىي تۈركىستان دەۋاسى يولىدا ئۆمرىنى پىدا قىلغان، بارلىقىنى بېغىشلىغان كۈرەشچان قەھرىمانلىرىمىزنى خاتىرىلىشىمىز كېرەك، بىز ياشلىرىمىزنىمۇ ئۇلارنىڭ ئىزىدىن ماڭىدىغان ئاڭ چۈشەنچە بىلەن تەربىيەلىشىمىز كېرەك».
يىغىندا سۆز قىلغان دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ۋەخپىسىنىڭ رەئىسى ئابدۇرېشىت ئابدۇلھەمىد ئۇيغۇرلارنىڭ ۋەتەن ئۈچۈن ۋەتەندىن ئايرىلغانلىقىنى، ھازىر دۇنيانىڭ ھەر قايسى دۆلەتلىرىدە ئۇيغۇرلارنىڭ دەۋا ئۈچۈن كۈرەش قىلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرۈپ مۇنداق دېدى: «1949-يىلى خىتاي كومپارتىيەسى شەرقىي تۈركىستاننى ئىشغال قىلىۋالغاندىن كېيىن، ئەيسا يۈسۈپ ئالىپتېكىن ۋە مۇھەممەد ئىمىن بۇغرانىڭ باشچىلىقىدا تۇنجى كارۋان شەرقىي تۈركىستاندىن كۆچۈشكە باشلىغان بولۇپ، ئۇنىڭدىن كېيىن، 60-يىللاردا يەنە بىر كارۋان كەلگەن. ئۇنىڭدىن كېيىن يەنە 80-، 90-، 2000-يىللاردىمۇ كۆچۈش داۋاملاشقان. ئەينى ۋاقىتتىكى دىياسپورا ئىنتايىن كىچىك بىر كارۋان بىلەن باشلانغان بولسا بۈگۈنكى كۈندە 5 قىتئەدە دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا ھەرىكەت قىلالايدىغان چوڭ كارۋانغا ئايلاندى».
تۈرك دۇنياسى تەتقىقاتى ۋەخپىسىنىڭ تەلىم-تەربىيە ۋە مەدەنىيەت بۆلۈمى مۇدىرى مەتىن كۆسە ئەپەندى شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىنى كۈنتەرتىپتە تۇتۇش كېرەكلىكىنى تەكىتلەپ مۇنداق دېدى: «شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسى، بۈگۈنكى كۈندە تۈركپەرۋەرلىكنىڭ ئەڭ چوڭ مەسىلىسى، ئەڭ ئېغىر قانىغان يارىسى بولۇپ، بەزىلەر بۇنى بىلىپ بىلمەستىن دىققەتنى باشقا تەرەپلەرگە بۇراۋاتىدۇ. لېكىن تۈرك مىللەتپەرۋەرلىك ئاڭ-چۈشەنچىسىگە ئىگە بولغان بىزلەرنىڭ كۈنتەرتىپتە تۇتىشىمىز كېرەك بولغان دەۋايىمىز شەرقىي تۈركىستان دەۋاسىدۇر، بۇنىڭ ئۈچۈن ھەر خىل يىغىن ۋە پائالىيەتلەردە تۈرلۈك چارىلەرنى ئىشلىتىپ بۇ دەۋانى ئالغا ماڭدۇرۇشىمىز كېرەك. ئەڭ قىسقا ۋاقىت ئىچىدە بۇ مەسىلىنىڭ ھەل بولۇشىنى ئۈمىد قىلىمىز».
يىغىن ئاخىرىدا، قازاق كارۋانىنىڭ شەرقىي تۈركىستاندىن كۆچۈش جەريانىغا شاھىت بولغان ئابدۇراھمان چەتىن ئەپەندى، شۇ ۋاقىتتىكى سەپەردە قازاق كارۋانىدىكى كىشىلەردىن بەزىلىرىنىڭ ئاچلىق ۋە سوغۇقتىن ئۆلۈپ كەتكەنلىكىنى، يەر قاتتىق توڭلاپ كەتكەنلىكتىن ئوت يېقىپ يۇمشىتىپ يەرلىك قازغانلىقىنى، بەزى مېيىتلارنى تاشنىڭ ئارىسىدا قويۇشقا مەجبۇر بولغانلىقىنى، ئۇسسۇزلۇققا چىدىيالماستىن تۆگە سۈيدۈكى ئىچىپ ھايات قالغانلىقىنى سۆزلەپ بەردى، ئاندىن: «شەرقىي تۈركىستاننى قانىغان يارا دېسەك ئاددىي بولۇپ قالىدۇ، شەرقىي تۈركىستان بەلكى قاينىغان قازان بولۇپ، خەلق ئۇنىڭ ئىچىدە كۆيۈۋاتىدۇ» دېدى.
ئابدۇراھمان چەتىن ئەپەندى ئۆزى يازغان «ھاياتىمدىكى ئەڭ ئاخىرقى كۆچۈش» ناملىق كىتابىنى يىغىندا سۆز قىلغۇچىلارغا تەقدىم قىلدى.