«شەرقىي تۈركىستانلىقلارنىڭ قېرىنداشلىق ئۇچرىشىشى» ئىستانبۇلدا ئۆتكۈزۈلدى
2024.10.09

مەركىزى ئىستانبۇلدىكى شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتىنىڭ ئۇيۇشتۇرۇشى بىلەن يىلدا بىر قېتىم ئۆتكۈزۈلۈپ كېلىۋاتقان، دۇنيا شەرقىي تۈركىستانلىقلار قېرىنداشلىق ئۇچرىشىشىنىڭ 16-نۆۋەتلىكى بۇ يىل 10-ئاينىڭ 4-كۈنىدىن 7-كۈنىگىچە ئىستانبۇلدا مۇۋەپپەقىيەتلىك ئۆتكۈزۈلدى.
بۇ يىغىنغا مالايسىيا، ھىندونېزىيە، ھىندىستان، ئەنگلىيە، سەئۇدى ئەرەبىستان قاتارلىق 30 دىن ئارتۇق دۆلەتتىن سىياسىي پارتىيە ۋەكىللىرى، تەشكىلات رەھبەرلىرى، زىيالىيلار، ئۆلىمالار ۋە تەتقىقاتچىلار شۇنداقلا چەت ئەللىك ئۇيغۇر دوستلىرى بولۇپ كۆپ ساندا كىشى قاتناشتى.
يىغىننىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىدا سۆز قىلغان ھىدايەتۇللا ئوغۇزخان مۇنداق دېدى: «شەرقىي تۈركىستان دەۋاسى، ئادالەت، خەلقئارا قانۇن، ئۇنىۋېرسال كىشىلىك ھوقۇق ۋە قىممەت قاراشلىرىنى ئاساس قىلغان، قانۇنلۇق ۋە قانۇنىي يوللار بىلەن ئالغا ئىلگىرىلەيدىغان تىنچلىق ۋە ئەركىنلىكنى قوغدايدىغان كۈرەش بولۇپ، شەرقىي تۈركىستان دەۋاسى مۇسۇلمانلارنىڭ دىنى مەسئۇلىيىتىدۇر، چۈنكى ئۇ ئېزىلىۋاتقان مۇسۇلمان خەلقنى قۇتقۇزۇش كۈرىشىدۇر، ئوخشاش ۋاقىتتا تۈرك زېمىنىنىڭ ئاسارەتتىن قۇتۇلدۇرۇش كۈرىشى بولغانلىقى ئۈچۈن تۈرك دۇنياسىنىڭ ئورتاق مەسىلىسىدۇر».
يىغىندا تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى رەئىسى باش مەسلىھەتچىلىرىدىن ئەخمەت سېلىم كۇرت، ئايخان ئوگان، ئىيى پارتىيەسىنىڭ پارلامېنتتىكى گۇرۇپپا رەئىسى بۇغرا كاۋۇنجى قاتارلىق سىياسىي ئەربابلارمۇ سۆز قىلىپ، ئۇيغۇرلارنى قوللايدىغانلىقىنى ھەر ۋاقىت يېنىدا بولىدىغانلىقىنى ئىپادىلەشتى.
يىغىندا سۆز قىلغان مالايسىيا ISM ياشلار ھەرىكىتى رەئىس ۋەكىلى ئەنۋەر ئىسمائىل خىتاينىڭ ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنى پۈتۈنلەي يوق قىلىشقا ئۇرۇنۇۋاتقانلىقىنى تەكىتلىدى.
يىغىندا سۆز قىلغان تۈركىيە ئادالەت ۋە تەرەققىيات پارتىيەسى تاشقى ئىشلار مەسئۇللىرىدىن ھارۇن ئارماغان ئەپەندى مۇنداق دېدى: «مەن بۇ يەرگە ناتىقلىق قىلىپ سۆزلەش ئۈچۈن كەلمىدىم، مەن بۇ يەرگە سىلەردىن بىرى بولغانلىقىم ئۈچۈن، شەرقىي تۈركىستاننىڭ ئاۋازى بولۇش ۋە قېرىنداشلىرىمىزنىڭ يېنىدا بولۇش ئۈچۈن كەلدىم، شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ كۈرىشى ھەر ۋاقىت بىزنىڭ كۈرىشىمىزدۇر، بىز ھېچ بىر ۋاقىت ئۆزىمىزنى بۇ كۈرەشتىن ئايرىم تۇتمايمىز. بۇ يەردە ئولتۇرغان كۆپىنچە شەرقىي تۈركىستانلىق قېرىنداشلىرىمىزنىڭ ئۇرۇق-تۇغقانلىرى بىلەن ئالاقە قىلالماي، كۆرۈشەلمەي ھەسرەت ئىچىدە ياشاۋاتقانلىقىنى بىلىمەن. بۇلار بۈيۈك بىر پىداكارلىق بىلەن بەدەل تۆلەۋاتىدۇ، ئەمما زۇلۇم ھېچ قاچان ئەبەدىي داۋام قىلمايدۇ».
ھارۇن ئارماغان ئەپەندى سۆزىدە يەنە ئۇيغۇرلارنىڭ يېنىدا ئىكەنلىكىنى تەكىتلەپ مۇنداق دېدى: «شەرقىي تۈركىستان ھېكايىسى پۈتۈن ئىمكانىيەتلەر قوللىرىدىن ئېلىنغان، ھەر تۈرلۈك زۇلۇمغا ئۇچرىغان بىر خەلقىنىڭ، ئەركىنلىكتىن، ئېتىقادىدىن ۋە مەدەنىيىتىدىن ۋاز كەچمىگەن بىر خەلقنىڭ ھېكايىسى. بۇ ھېكايە تىلىمىزنى، دىنىمىزنى، مەدەنىيىتىمىزنى ھېچ بىر زامان تاشلاپ قويماسلىق كېرەكلىكى توغرىسىدا پۈتۈن مەزلۇم خەلقلەرگە ئۈلگە بولىدىغان بىر ھېكايىدۇر. مەدەنىيىتىمىز بىلەن، تىلىمىز بىلەن ۋە دىنى ئېتىقادىمىز بىلەن شەرقىي تۈركىستانىدا ئەركىن ھالدا ياشايدىغان كۈنلەر ئۈچۈن ئادالەتنىڭ ئورنى بولىدىغان كۈنلەرنىڭ كېلىدىغانلىقىغا پۈتۈنلەي ئىشىنىمىز. مەن ئادالەت ۋە تەرەققىيات پارتىيەسى تاشقى ئىشلار مۇئاۋىن رەئىسى بولۇش سۈپىتىم بىلەن شۇنى ئىپادىلەيمەنكى، شەرقىي تۈركىستان كۈرىشىدە ھەر ۋاقىت سىلەرنىڭ يېنىڭلاردا ئىكەنلىكىمىزنى، ئورتاق بىر كۈرەشكە ئىگە ئىكەنلىكىمىزنى بۈگۈن بۇ يەردىن قايتا تەكىتلەيمەن».
كۆزەتكۈچىلەر، ئۇزۇن ۋاقىتلاردىن بۇيان ئۇيغۇرلار مەسىلىسىدە ئېھتىيات بىلەن يول تۇتۇپ كېلىۋاتقان ئادالەت ۋە تەرەققىيات پارتىيەسىنىڭ بۇ قېتىمقى يىغىنغا ۋەكىل ئەۋەتىشى ۋە ئۇيغۇرلارنى قوللايدىغانلىقىنى ئوچۇق ئاشكارا ئېلان قىلىشى، بۇ پارتىيەنىڭ ئۇيغۇرلار مەسىلىسىدە تۇتۇپ كېلىۋاتقان سىياسىتىنىڭ ئىجابىي تەرەپكە قاراپ ئۆزگىرىۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈرمەكتە.
يىغىندا سۆز قىلغان ئامېرىكا كوممۇنىزم قۇربانلىرى فوندىنىڭ تەتقىقاتچىسى ئادرىيان زېنز (Adrian Zenz) ، ئەپەندى مۇنداق دېدى: «خىتاينىڭ مەقسىتى ئۇيغۇرلارنى زاۋۇت-فابرىكىلاردا مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىپ دۆلىتىنىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىياتىنى قولغا كەلتۈرۈش بولۇپ، ئۇيغۇرلار بۇ زاۋۇت-فابرىكىلاردا يىغىۋېلىش لاگېرلاردىنمۇ ئېغىر زۇلۇم ۋە بېسىمغا ئۇچرايدۇ، خىتاي ئۈچۈن ئۇيغۇرلارنى ئىشلىتىش مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە، چۈنكى ئۇلار داۋاملىق ئىشقا سېلىنىپ مەشغۇل بولۇپ تۇرمىسا دۆلەت ئۈچۈن بىر تەھدىت پەيدا قىلىدۇ دەپ قارايدۇ، شۇنىڭ ئۈچۈن خىتاي ئۇيغۇر خەلقىنى نازارەت ئاستىغا ئېلىشقا، تەكشۈرۈپ تۇرۇشقا ۋە جىنايەتلەرنى خاتىرىلەپ تۇرۇشقا ئەھمىيەت بېرىدۇ».
يىغىندا يەنە كۆپ ساندا سىياسىي پارتىيە ۋە تەشكىلات ۋەكىللىرى ۋە تەتقىقاتچىلار سۆز قىلىپ، ئۇيغۇرلار مەسىلىسى ۋە ئىرقىي قىرغىنچىلىقى توغرىسىدا توختالدى.
يىغىن ئاخىرىدا 16-نۆۋەتلىك دۇنيا شەرقىي تۈركىستانلىقلار قېرىنداشلىق ئۇچرىشىشى ۋە 7-نۆۋەتلىك شەرقىي تۈركىستان مىللىي بىرلىك شۇراسى خىتابنامىسى ئېلان قىلىنغان بولۇپ خىتابنامىنى شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتى رەئىسى ھىدايەتۇللا ئوغۇزخان ئوقۇپ ئۆتتى. ۋە مۇنداق دېدى: «يىغىندا مۇزاكىرە قىلىنىپ، يەكۈنلەنگەن ئاساسلىق نۇقتىلار تۆۋەندىكىچە؛
شەرقىي تۈركىستاننىڭ مۇستەقىللىقى شەرقىي تۈركىستان دەۋاسىنىڭ ئۆزگەرمەس پىرىنسىپى ئىكەنلىكى، مۇستەقىللىق ھەرىكەتلىرى شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ ھەقلىق كۆرۈشى بولۇپ، بۇنى قوغداش ۋە قوللاشنىڭ مۇھىملىقى، شەرقىي تۈركىستاندىكى ئىرقىي قىرغىنچىلىقنى تۈگىتىش، شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ ھەقىقىي ئەركىنلىكى ۋە مىللىي مەۋجۇتلۇقىنىڭ كاپالەتكە ئىگە بولۇشىدا مۇستەقىللىقنىڭ بىردىنبىر يول ئىكەنلىكى، شەرقىي تۈركىستاندا ۋە دۇنيانىڭ باشقا رايونلىرىدا داۋاملىشىۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىق ۋە كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكىنى توختىتىشتا دۇنيا ئەللىرى، خەلقئارالىق قانۇن، كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى، ئىسلام ھەمكارلىق تەشكىلاتى، تۈرك دۆلەتلىرى تەشكىلاتى ۋە ياۋروپا ئىتتىپاقى قاتارلىقلارنىڭ مەسئۇلىيىتىنى تولۇق ئادا قىلمايۋاتقانلىقى ۋە قوش ئۆلچەم بىلەن مۇئامىلە قىلغانلىقى، شەرقىي تۈركىستاندىكى ئىرقىي قىرغىنچىلىقىنىڭ ئوخشىمىغان تەرەپلىرىنىڭ بار ئىكەنلىكى، كۈنىمىزدە مەجبۇرىي ئەمگەكنىڭ ئەڭ كۈچلۈك ئىرقىي قىرغىنچىلىق ۋاسىتىلىرىدىن بىرى ئىكەنلىكى ۋە بۇنىڭغا قارشى ھەرقايسى دۆلەتلەردە مەجبۇرىي ئەمگەك مەھسۇلاتلىرىنى پاش قىلىش ۋە چەكلەش ھەرىكەتلىرىنىڭ مۇھىملىقى، "بىر بەلباغ، بىر يول" تەشەببۇسى ۋە تەمىنلەش زەنجىرىنىڭ خىتاينىڭ خەلقئارادىكى كۈچىنىڭ ئاساسىي مەنبەسى ئىكەنلىكى، ئوتتۇرا شەرق ۋە ئافرىقا دۆلەتلىرىدىكى خىتاينىڭ ئىقتىساد ۋە سودىنى ئاساس قىلغان كېڭەيمىچىلىك سىياسەتلىرى ۋە بۇنىڭغا قارىتا شەرقىي تۈركىستان دەۋاسى ئۈچۈن بۇ رايونلاردا ھەرىكەت قىلىش پۇرسىتى ۋە ئىمكانىيەتلىرىنىڭ بارلىقى، ئىسلام دۇنياسىنىڭ خىتاي بىلەن بولغان زىچ مۇناسىۋىتى نۇقتىسىدىن شەرقىي تۈركىستان دەۋاسىغا قارىتا قوللاشنىڭ يېتەرلىك بولماسلىقى ۋە بۇ ئەھۋالنى ئۆزگەرتىپ، شەرقىي تۈركىستان دەۋاسى ئۈچۈن پايدىلىق ۋەزىيەت يارىتىش ۋە باشقىلار».
4 كۈن داۋام قىلغان يىغىندا «ئىرقىي قىرغىنچىلىقنىڭ مىللىي كىملىككە بولغان تەسىرى ۋە ماھىيىتى» ، «خىتاينىڭ ئاسىيادىكى كېڭەيمىچىلىك تەھدىتى»، «خىتاينىڭ كۈچىيىشى ۋە شەرقىي تۈركىستاندىكى ئىرقىي قىرغىنچىلىققا قارىتا خەلقئارادىكى ئىنكاسلار»، «خىتاينىڭ ئەرەب ۋە ئىسلام دۇنياسىدىكى تەسىرىنىڭ كۈچىيىشى ۋە شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسى» دېگەنگە ئوخشاش ئاساسىي تېمىلاردا ھەم ئون نەچچە تارماق تېمىدا مۇتەخەسسىسلەر سۆز قىلدى ۋە مۇزاكىرە ئېلىپ بېرىلدى.