«شىئەن يىغىنى» ۋە خىتاينىڭ ئوتتۇرا ئاسىياغا كېڭىيىش چۈشى

ۋاشىنگتوندىن مۇخبىرىمىز مېھرىبان تەييارلىدى
2023.05.24
Share on WhatsApp
Share on WhatsApp
shi-jinping-ottura-asiya-3 شىئەندە ئۆتكۈزۈلگەن خىتاي-ئوتتۇرا ئاسىيا باشلىقلار يىغىنىنى تەبرىكلەش مۇراسىمىدا خىتاي رەئىسى شى جىنپىڭ رەپىقىسى بىلەن ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرىنىڭ پرېزىدېنتلىرىنى قارشى ئالدى. 2023-يىلى 18-ماي.
XINHUA

خىتاي ۋە ئوتتۇرا ئاسىيا جۇمھۇرىيەتلىرىنىڭ ھۆكۈمەت تاراتقۇلىرى، 5-ئاينىڭ 18-19-كۈنلىرى خىتاينىڭ شىئەن شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلگەن خىتاي-ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەت باشلىقلىرى يىغىنىنى «دەۋر بۆلگۈچ ھەمكارلىقنىڭ باشلىنىشى» دەپ مەدھىيەلىگەن. يىغىندىن كېيىن يەنە خىتاي بىلەن قازاقىستان، ئۆزبېكىستان، قىرغىزىستان، تاجىكىستان، تۈركمەنىستان قاتارلىق ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرى ئوتتۇرىسىدا ئېنېرگىيە ھەمدە سودا كېلىشىملىرى تۈزۈلگەنلىكى؛ خىتاي ساياھەتچىلىرىنىڭ شەخسىي ۋە ئۆمەكلىرى ئارقىلىق، ئوتتۇرا ئاسىيا جۇمھۇرىيەتلىرىگە قارىتا «مەدەنىيەت ساياھىتى» نى باشلىغانلىقى خەۋەر قىلماقتا.

خىتاي-ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەت باشلىقلىرى ئۇچرىشىش يىغىنى ئاياغلاشقاندىن كېيىن، بۇ ھەقتىكى بەس-مۇنازىرىلەر ۋە مۇلاھىزىلەر تاراتقۇلارنى قاپلىغان. خىتاينىڭ بۇ يىغىننى نېمە ئۈچۈن شىئەندە ئۆتكۈزگەنلىكى، ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرىنىڭ پرېزىدېنتلىرىنى كۈتۈۋېلىشتا خىتاي تەرەپنىڭ نېمە ئۈچۈن تاڭ سۇلالىسىنىڭ كىيىملىرىنى كىيگەن مۇلازىملارنى ئىشلەتكەنلىكى، سەھنە لايىھەلىرىنىڭ پۈتۈنلەي تاڭ سۇلالىسى ئۇسلۇبىدا ياسالغانلىقى بەس-مۇنازىرىلەرنىڭ قىزىق تېمىسى بولغان.

رادىيومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان ۋەزىيەت ئانالىزچىلىرى، بۇ يىغىننىڭ شىئەندە ئېچىلىشىنىڭ سەۋەبى، خىتاينىڭ ئوتتۇرا ئاسىيا جۇمھۇرىيەتلىرىگە قاراتقان نۆۋەتتىكى سىياسىتى ۋە خىتاينىڭ بۇنىڭدىن ئېرىشىدىغان مەنپەئەتى، شۇنداقلا بۇ خىل ھەمكارلىقنىڭ ئاقىۋىتى ھەققىدە ئۆز قاراشلىرىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

نيۇ-يوركتىكى تۇڭگان ئانالىزچى ما جۈ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ يىغىننى خىتاينىڭ قەدىمكى پايتەخت شەھىرى شىئەندە ئۆتكۈزۈشىدىكى مەقسىتى ھەققىدە توختىلىپ، مۇنداق دېدى: «ئەمەلىيەتتە شۇنى تەسەۋۋۇر قىلالايمىزكى، خىتاي بۇ ئارقىلىق خىتاي خەلقىگە سىگنال بەرمەكچى. يەنى <بىز قۇدرەتلىك، بۈگۈن بىز بۈيۈك تاڭ دەۋرىدىكىدەك قۇدرەت تاپتۇق، ھەتتا ئۇ دەۋردىن ئېشىپ كەتتۇق> دېمەكچى. ھالبۇكى، خىتاي دەۋاتقان بۇ ئاتالمىش تارىخىي چۈشەنچىنىڭ ئۆزىمۇ خاتادۇر. چۈنكى خىتاي تارىخىدىكى گۈللەنگەن بۈيۈك تاڭ دەۋرىنى پەقەت خىتاي خەلقىلا ئېتىراپ قىلىدۇ.»

ما جۈ سۆزىنى داۋاملاشتۇرۇپ، يەنە مۇنداق دېدى: «ئەمما دۇنيا بۇنى ئېتىراپ قىلامدۇ؟ بۇ بىر مەسىلە. چۈنكى مەدەنىيەت، ئىقتىساد ياكى دىنىي ئېتىقاد جەھەتتە بولسۇن ۋە ياكى باشقا جەھەتلەردە بولسۇن، بىز تاڭ سۇلالىسىنىڭ ئىنسانىيەتنىڭ مەدەنىيەت تارىخىغا قايسى خىل بۈيۈك تۆھپىلەرنى قوشقانلىقىنى ساناپ بېرەلمەيمىز، شۇنداقلا بۈيۈك تاڭ سۇلالىسىنىڭ قۇدرىتىنى نامايان قىلىدىغان ئالاھىدە ئىزلارنىمۇ كۆرمىدۇق. شۇڭا ئاتالمىش <قۇدرەت تاپقان بۈيۈك تاڭ سۇلالىسى> دېگەن ئۇقۇم پەقەتلا خىتاي تارىخىدىكى ھۆكۈمرانلارنىڭ مۇبالىغە بايانلىرىدىن باشقا نەرسە ئەمەس، خالاس.»

ئامېرىكادا ياشاۋاتقان ئارخېئولوگ ۋە تارىخچى قۇربان ۋەلى ئەپەندىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، خىتاي تارىخىدا گۈللەنگەن دەۋرنىڭ سىمۋولى قىلىنغان «تاڭ سۇلالىسى» نى خىتايلار ئەمەس، بەلكى تارىختىكى ھونلارنىڭ ئەۋلادلىرى بولغان تۈركىي خەلقلەرگە مەنسۇپ سىيانپى گېنېرالى لى يۈەن قۇرغان ئىكەن.

قۇربان ۋەلى ئەپەندى يەنە خىتاي تارىخنامىلىرىدە «خىتاي سۇلالىلىرى» دېيىلىدىغان 24 سۇلالىدىن پەقەتلا خەن سۇلالىسى، سۈي سۇلالىسى ۋە مىڭ سۇلالىسىنىڭلا خىتايلار تەرىپىدىن قۇرۇلغان خاندانلىقلار ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتىپ ئۆتتى. ئۇنىڭ تەكىتلىشىچە، بۈگۈنكى كۈندە شى جىڭپىڭ ھاكىمىيىتى تارىخنى بۇرمىلاش، ھەتتا يالغان تارىخ ياساپ چىقىش ئارقىلىق، خىتاي خەلقىنى ۋە دۇنيانى ئالداشقا ئۇرۇنماقتا ئىكەن.

ما جۈ ئەپەندى يەنە شى جىنپىڭنىڭ ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرى بىلەن ئورناتقان ھەمكارلىقى ئارقىلىق نېمە مەقسەتكە يەتمەكچى بولغانلىقى ھەققىدە مۇنداق دېدى: «يەنە بىر مۇھىم نۇقتا شۇكى، شى جىنپىڭ ھازىر ئوتتۇرا ئاسىيادىكى دۆلەتلەر بىلەن بولغان مۇناسىۋەتنى كۈچەيتمەكچى. بۇ نېمە ئۈچۈن؟ چۈنكى ئۇنىڭ مۇستەبىت ھاكىمىيىتى تىكلەنگەندىن كېيىن، تەيۋەننىڭ ئۆزىنى قوغداش ئىقتىدارى ۋە دۇنيادىكى كۈچلۈك دۆلەتلەرنىڭ تەيۋەننى قوغداش ھەرىكەتلىرى كۈچەيدى. رۇسىيەنىڭ ئۇكرائىناغا قوزغىغان تاجاۋۇزچىلىق ئۇرۇشى مەغلۇبىيەتكە يۈزلەنگەندىن كېيىن، خىتاي پەقەت ئوتتۇرا ئاسىيا جۇمھۇرىيەتلىرى بىلەن ئىقتىسادىي ھەمكارلىق قۇرغاندىلا ئاندىن ئۆزىنىڭ ئېنېرگىيە مەنبەسىگە بولغان ئېھتىياجىنى قامداپ، ئېنېرگىيە بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلالايدىغانلىقىنى كۆرۈپ يەتتى.»

قۇربان ۋەلى ئەپەندىنىڭ قارىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرى بىلەن بولغان ھەمكارلىق مۇناسىۋىتىنى كۈچەيتىشىدىكى يەنە بىر مەقسەت، خىتاينىڭ مۇستەبىت تۈزۈمىگە ھەۋەس قىلىدىغان بۇ دۆلەتلەرنىڭ ھۆكۈمەت ئەمەلدارلىرىنى مەبلەغ بىلەن ئۆزىگە تارتىش ئىكەن. خىتاي بۇ ئارقىلىق بىر تەرەپتىن، غەرب دېموكراتىك دۆلەتلىرىنىڭ ئىقتىسادىي ۋە سىياسىي بېسىمىغا تاقابىل تۇرۇشنى مەقسەت قىلسا؛ يەنە بىر تەرەپتىن، ئۆزىگە «تەھدىت» دەپ قاراۋاتقان ئۇيغۇرلارنى ئوتتۇرا ئاسىيادىكى تۈركىي قېرىنداشلىرىدىن ئايرىۋېتىپ، ئۇلارنى يېتىم قالدۇرۇشنى مەقسەت قىلماقتا ئىكەن.

22-ماي كۈنى «تەڭرىتاغ تورى» دا «شىنجاڭدا ئوتتۇرا ئاسىيادىكى 5 دۆلەت بىلەن ئىقتىساد ۋە مەدەنىيەت ساياھەتچىلىكى جەھەتلەردە ھەمكارلىق ئورنىتىلدى» سەرلەۋھەلىك خەۋەر ئېلان قىلىنغان. خەۋەردە ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرىگە قارىتا قىسقا مۇددەتلىك «ۋىزىسىز ساياھەت» يولغا قويۇلۇشى بىلەن، خىتايدىكى ساياھەت ئۆمەكلىرى «يۈزلىگەن ئۆمەك ۋە مىڭلىغان ساياھەتچىنىڭ ئوتتۇرا ئاسىيا ساياھىتى» ناملىق پائالىيەتنى رەسمىي باشلىغانلىقى تىلغا ئېلىنغان. خەۋەردە يەنە «گۇاڭدۇڭ، سىچۈەن، خېيلوڭجاڭ، گۇاڭشى، شاڭخەي، شىنجاڭ قاتارلىق جايلاردىن مەخسۇس ساياھەت ئۆمەكلىرى تەشكىللەپ، قورغاس ئېغىزى ئارقىلىق ئوتتۇرا ئاسىياغا ساياھەت لىنىيەسى ئېچىلغانلىقى» بايان قىلىنغان.

بۇ ھەقتە ھازىر شىۋېتسىيەدە ياشاۋاتقان لاگېر شاھىتى سايراگۈل ساۋۇتباي خانىممۇ زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلدى. ئۇنىڭ قارىشىچە، خىتاي بىلەن ئوتتۇرا ئاسىيا جۇمھۇرىيەتلىرى ئوتتۇرىسىدا تۈزۈلگەن بۇ بىر قاتار سودا ۋە ساياھەت كېلىشىملىرى ئىككى جەھەتتىن خەتەرنىڭ سىگنالى ئىكەن. بىر تەرەپتىن، ئۇ خىتاينىڭ ئوتتۇرا ئاسىيا جۇمھۇرىيەتلىرىگە بولغان سىياسىي ۋە ئىقتىسادىي مونوپوللۇقىنىڭ ئەمەلگە ئاشقانلىقىنى كۆرسەتسە؛ يەنە بىر جەھەتتىن، ئوتتۇرا ئاسىيا جۇمھۇرىيەتلىرىدىكى خەلقلەر ئۈچۈن، بولۇپمۇ خىتاينىڭ ئىرقىي قىرغىنچىلىقىغا ئۇچراۋاتقان ئۇيغۇرلارنى ئاساس قىلغان تۈركىي خەلقلەر ئۈچۈن، تېخىمۇ زور خەتەرنىڭ سىگنالى ئىكەن.

سايراگۈل خانىم، خىتاي بىلەن ئوتتۇرا ئاسىيا جۇمھۇرىيەتلىرى ئوتتۇرىسىدا تۈزۈلگەن سودا كېلىشىملىرى بىلەن ۋىزىسىز ساياھەتنىڭ يولغا قويۇلۇشىنى، خىتاينىڭ «بىر پاي ئوق ئاتماستىن ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرىنى ئىقتىساد ئارقىلىق ئىشغال قىلىشىدۇر» دېدى.

ئۇ يەنە خىتاي تاراتقۇلىرىدا تەشۋىق قىلىنىۋاتقان «يۈزلىگەن ئۆمەك، مىڭلىغان ساياھەتچىنىڭ ئوتتۇرا ئاسىيا ساياھىتى» پائالىيىتى، «كەلگۈسىدە خىتاي كۆچمەنلىرىنىڭ ساياھەت باھانىسىدە ئوتتۇرا ئاسىيا جۇمھۇرىيەتلىرىگە كېلىپ يەرلىشىپ قېلىشتەك خەتەرلىك ۋەزىيەتنى بارلىققا كەلتۈرىدۇ» دەپ ئاگاھلاندۇردى.

سايراگۈل خانىم، گەرچە خىتاي ساياھەتچىلىرى «ۋىزىسىز ساياھەت» تىن بەھرىمەن بولۇپ، ئوتتۇرا ئاسىيا جۇمھۇرىيەتلىرىنى تۈركۈملەپ ساياھەت قىلالىسىمۇ، ئەمما خىتاينىڭ قاتتىق چەكلىمىسى ئىچىدە ياشاۋاتقان، پاسپورت ئېلىشى چەكلەنگەن ئۇيغۇر ۋە قازاقلارنىڭ بۇ خىل ئىمكانىيەتلەرگە ئەسلا ئېرىشەلمەيدىغانلىقىنى ئەسلىتىپ ئۆتتى. ئۇ يەنە ئوتتۇرا ئاسىيا جۇمھۇرىيەتلىرىدىكى تۈركىي خەلقلەرنىڭ خىتاينىڭ ئەرزان باھالىق سۈپەتسىز تۆكمە ماللىرى سەۋەبلىك، ئىقتىسادتا تېخىمۇ ۋەيرانچىلىققا ئۇچرايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.