«شىنجاڭ ساقچى ئىنستىتۇتى» يېتىشتۈرگەن ئۇيغۇر تىللىق خىتاي ساقچىلىرىنىڭ ۋەزىپىسى نېمە؟
2024.06.17
ئۇيغۇر ئېلىنىڭ مەركىزى ئۈرۈمچىدە قۇرۇلغان شىنجاڭ ساقچى ئىنستىتۇتىنىڭ تور بېتىدىكى مۇناسىۋەتلىك ھۆججەتلەردىن مەلۇمكى، بۇ مەكتەپنىڭ «ئاز سانلىق مىللەت تىل-ئەدەبىياتى» فاكۇلتېتى دەپ ئىسىم قويۇلغان، قوشۇمچە ئۇيغۇر تىل-ئەدەبىياتى دەپ ئىزاھات بېرىلگەن كەسپىگە، 2010-يىلىدىن بۇيان مىللىتى خىتاي بولۇش شەرتى بىلەن، ھەر يىلى تۈركۈملەپ خىتاي ساقچىلار قوبۇل قىلىنىپ، مەخسۇس ئۇيغۇر تىلىدا تەربىيەلىنىپ چىقىلىۋاتقان بولۇپ، بۇ يىل يەنە 60 نەپەر ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىنىدىكەن.
ئۇيغۇرچە ئۆگەنگەن خىتاي ساقچىلار-بىخەتەرلىك ئىختىساسلىقلىرى
بۇ ھەقتە يەنى، ئۇيغۇر رايوندا ئەدلىيە مەمۇرىي سىستېمىسى ساقچىلىرى ئۈچۈن تۇنجى «قوش تىل» تەربىيەلەش سىنىپى قۇرۇلغانلىقىنى «ئۈرۈمچى قانۇنچىلىق كۈندىلىك گېزىتى» 2010-يىلى 15-مارت تۇنجى خەۋەر قىلغانىدى. خەۋەردە بۇنىڭ شىنجاڭ خىزمەت يىغىنىنىڭ روھى ھەمدە جامائەت خەۋپسىزلىك مىنىستىرلىقىنىڭ «12-بەش يىللىق پىلانى» بويىچە ئېلىنغان قارارغا ئاساسەن قۇرۇلغانلىقى ۋە تەدرىجىي قېلىپلاشتۇرۇلىدىغانلىقى تىلغا ئېلىنغان.
بۇ ساقچى تەربىيەلەيدىغان كەسپىي ئىنستىتۇتتا تەسىس قىلىنغان ئۇيغۇر تىل-ئەدەبىياتى كەسپىنىڭ ھازىر 30 دىن ئارتۇق ئوقۇتقۇچىسى بار بولۇپ، ئوقۇغۇچىلارغا ئۇيغۇر تىلى، ، ئۇيغۇر ئەدەبىي يېزىق تىلى، ساقچى ئۇيغۇر تىلى، ئالىي مەكتەپ ئىنگلىز تىلى ۋە ئەمەلىي ساقچى ئىنگلىز تىلى قاتارلىق 20 نەچچە خىل دەرس ئۆتىلىدىكەن. شۇنداقلا يەنە خىتاينىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگانلىرىدىكى ساقچىلارنى ئۇيغۇر تىلى بويىچە تەربىيەلەش كۇرسلىرى بىلەنمۇ تەمىنلەيدىكەن.
ئۇنىڭ تور بېتىدىكى ئوچۇق ھۆججەتلەردىن مەلۇم بولۇشىچە، ئۇلار ئاتالمىش قوش تىللىق خىتاي ساقچىلارنى ئۇيغۇر تىلىنى سۆزلىيەلەيدىغان ئوقۇيالايدىغان ۋە يازالايدىغان، ئۇيغۇر خەلق ئۆرپ-ئادەتلىرىنى چۈشىنىدىغان قىلىپ تەربىيەلەيدىكەن. بۇلاردىن باشقا يەنە ئۇلارنى پارتىيە ۋە ھۆكۈمەت ئورگانلىرىدا تىل ۋە يېزىقچىلىق ئىشلىرى بىلەن شۇغۇللىنالايدىغان، جامائەت خەۋپسىزلىكى، بىخەتەرلىك، ھەربىي، قوراللىق ساقچى، كارخانا ئورگانلىرىدا ئىختىساسلىق قوش تىل خادىملىرى قىلىپ تەربىيەلەش شۇنىڭدەك، مۇھىمى ئۇلارنىڭ «تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش تالانتىنى يېتىلدۈرۈش» نى مەقسەت قىلىدىكەن.
ئەمما بۇ 14 يىلدىن بۇيان قانچىلىك خىتاي ساقچىنىڭ ئۇيغۇر تىلىدا تەربىيەلەپ چىقىلغانلىقى نامەلۇم.
ئامېرىكادىكى ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشىنىڭ ئالىي تەتقىقاتچىسى، 20 يىلدىن بۇيان خىتاينىڭ يولغا قويغان ئاتالمىش قوش تىل مائارىپىنى تەتقىق قىلىپ كېلىۋاتقان ھېنرىك شاجىۋېسكى (Henryk Szadziewski)، بۇ ھەقتىكى ئانالىزىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ مۇنداق دېدى:
«نورمالدا ھەر قانداق دۆلەتنىڭ ساقچىلارنى باشقا تىللاردا تەربىيەلىشى، ئۇلارنىڭ خىزمەت رايونىدىكى ئامما بىلەن بولغان ئالاقىسىنى كۈچەيتىپ مۇلازىمەتنى تېخىمۇ ياخشى قىلىشنى مەقسەت قىلىدىغان ئېھتىياجلىق بىر تەربىيەلەش بولسىمۇ ئەمما خىتاينىڭ بۇ قوش تىل سىنىپى ئارقىلىق خىتاي ساقچىلىرىغا ئۇيغۇر تىلىنى ئۆگىتىشى، پۈتۈنلەي سىياسىي ئىستراتېگىيە ھېسابلىنىدۇ. بىز بۇنىڭدا خىتاينىڭ مەقسىتىنى چىقىش قىلىشىمىز كېرەككى، ئۇيغۇر رايونى خىتاينىڭ ساقچى دۆلىتىگە ئايلاندۇرۇلغان تەقىب ئاستىدىكى رايون. بۇلارنىڭ مەخسۇس خىتاي مىللىتىدىن تەربىيەلىشى قانداقتۇر يالغۇز ئۇيغۇر ئاممىسىنى تېخىمۇ قاتتىق كونترول قىلىشنى مەقسەت قىلىپ قالماي، خىتايلارنىڭ دۆلەت بىخەتەرلىكى ئۈچۈن، ئۇيغۇر ساقچىلاردىن بەكرەك سادىقلىق بىلەن خىزمەت قىلىدىغانلىقى كۆزدە تۇتۇلغان. خىتاينىڭ بۇنى رايوندا خېلى يىللاردىن بېرى سىستېمىلاشتۇرغانلىقىدىن ئۇنىڭ خىتاينىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىپ ئىستراتېگىيەسىنىڭ بىر قىسمى ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ».
«قوش تىللىق» خىتاي ساقچىلار ھەر يەردە
مەزكۇر مەكتەپتە باشقا ئاساسلىق كەسىپلەردىن يەنە تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش كەسپى 2014-يىلى خىتاي جامائەت خەۋپسىزلىكى مىنىستىرلىقىنىڭ ھاۋالىسى بىلەن قۇرۇلغان ئالاھىدە تولۇق كۇرس كەسپى ئىكەن. 2014-يىلدىن باشلاپ، بۇ كەسىپ خىتايدىكى 27 ئۆلكە، ئاپتونوم رايون ۋە بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەردىكى جامائەت خەۋپسىزلىك ئورگانلىرىغا تەكشۈرۈش تەتقىقاتى، يەنى ئۇيغۇر تىلى بويىچە تولۇق كۇرس ئوقۇغۇچىلىرىنى قوبۇل قىلغان ۋە تەربىيەلىگەن. 2018-يىلدىن 2020-يىلغىچە، بۇ كەسىپ بويىچە جەمئىي 306 ساقچىنى تەربىيەلىگەن، ئۇلار پۈتۈن مەملىكەتتىكى جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگانلىرىنىڭ تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش بۆلۈمىدە ئىشلەشكە تەقسىم قىلىنغان بولۇپ، ئۇيغۇر-خىتاي قوش تىللىق ساقچى كەملىكىنى تولۇقلىغان. ئۇلار خىتاي جامائەت خەۋپسىزلىكى مىنىستىرلىقىنىڭ كۆزىدە چوڭ قۇرۇقلۇقتىكى ھەرقايسى ئۆلكە ۋە شەھەرلەردە بىخەتەرلىك ئىختىساسلىقلىرى دەپ قارىلىدىكەن.
شىنجاڭ ساقچى ئىنستىتۇتىنىڭ-2024 يىللىق بۇ يىللىق ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش نىزامىدا بولسا مەزكۇر مەكتەپنىڭ «قوش تىل ساقچىلىرىنى تەربىيەلەش نىشانى» دېگەن يەرگە، «شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىقى، ئۇزۇن مۇددەتلىك تىنچلىقى ۋە تەرتىپىگە مۇلازىمەت قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، دۆلەت بىخەتەرلىك ئىستراتېگىيەسىگە مۇلازىمەت قىلىدۇ» دەپ ئىزاھات بېرىلگەن.
قەلبىنۇر سىدىق: «قوش تىللىق» خىتاي ساقچىلار ئىرقىي قىرغىنچىلىقتا ئەڭ ئاكتىپ رول ئوينىغۇچىلار
سابىق قوش تىل ئوقۇتقۇچىسى، خىتاينىڭ ئۇيغۇر دىيارىدا قۇرغان لاگېرلىرىدا مەجبۇرىي خىتاي تىلى ئوقۇتقۇچىسى بولغان لاگېر شاھىتى قەلبىنۇر سىدىق خانىم گوللاندىيەدىن زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ،
خىتاي ئۇيغۇرلارنى كەڭ كۆلەمدە تۇتقۇن قىلىپ لاگېرلارغا سولاشتا، لاگېر ۋە تۈرمىلەردە ئۇيغۇر تىلىنى پۇختا بىلىدىغان خىتاي ساقچىلارنىڭ ئاساسلىق باستۇرۇش كۈچى بولغانلىقىنى، ئۇلارنىڭ ئۇيغۇر ئېلىنىڭ ھەر ساھەلىرىدە، ئۇيغۇر ئاممىسى ئىچىدە جاسۇسلۇق ھەرىكىتىنى كەڭ قانات يايدۇرغانلىقىنى چۈشەندۈرۈپ ئۆتتى.
ئۇلار ئۇيغۇر رايونىدىن ھالقىپ چەت ئەللەرگىچە ھەرىكەت قىلماقتا
شىنجاڭ ساقچى ئىنستىتۇتىنىڭ ھازىر ئۈرۈمچى، چاڭشا يولى ۋە مىدوڭدىن ئىبارەت ئىككى مەكتەپ رايونى بار بولۇپ، 16 بۇلاردا تولۇق كۇرس ۋە 5 ئوتتۇرا تېخنىكوم كەسپى تەسىس قىلىنغان. ئۇلار رايوننىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگانلىرى بىلەن 30 ھەمكارلىق مائارىپ بازىسى قۇرغان. بۇ يەنە يەنە خىتاينىڭ غەربىي شىمال رايونىدىكى تۇنجى ئاممىۋى بىخەتەرلىك تولۇق كۇرس ئىنستىتۇتى ۋە رايوندىكى ئاممىۋى بىخەتەرلىك ئورگانلىرىنىڭ مۇھىم بىر قىسمى ئىكەن.
نۆۋەتتە بۇ ئىنستىتۇت يەنە خىتاي جامائەت خەۋپسىزلىكى مىنىستىرلىقى تەرىپىدىن ساقچى تەربىيەلەش بازىسى ۋە جامائەت خەۋپسىزلىكى مىنىستىرلىقىنىڭ ئەمەلىي مەشىق بازىسى، «جۇڭگو-شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش كەسپىي تەربىيەلەش بازىسى» قىلىپ بېكىتىلگەن.
نۆۋەتتە بۇ ئىنستىتۇت يەنە «بىر بەلباغ، بىر يول» تەشەببۇسىغا مۇلازىمەت قىلىدىغان بولۇپ، 25 دۆلەت ۋە رايوندا تېررورلۇققا قارشى تۇرۇشنى ئۆز ئىچىگە ئالغان 2000 غا يېقىن خەلقئارالىق قانۇن ئىجرا قىلغۇچىنى تەربىيەلىگەنىكەن.
2024-يىلى 26-ماي خىتاي تورلاردا تارقاتقان ساقچى قوبۇل قىلىش ئېلانىدىن ئاقسۇ ۋىلايىتىگە جەمئىيەتتىن923 نەپەر ياردەمچى ساقچى خادىمى قوبۇل قىلىنماقچى ئىكەنلىكى، قوبۇل قىلىش دائىرىسى پۈتۈن خىتايغا يۈزلەنگەنلىكى پاش بولغان ئىدى. دەل شۇ مەزگىلدە، خىتاي كومپارتىيەسى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزاسى، سىياسىي-قانۇن كومىتېتىنىڭ سېكرېتارى چېن ۋېنچىڭ ئۆتكەن ھەپتە ئۇيغۇر رايونىنى كۆزدىن كەچۈرگەندە شى جىنپىڭنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇش، تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش، مۇقىملىقنى قوغداشنى دائىمىيلاشتۇرۇش كېرەكلىكىنى تەكىتلىگەنىدى.