شىۋېتسىيە باش مىنىستىرى ئۇلف كرىستېرسسون «خىتاي مۇنبىرى» دە ئۇيغۇر مەسىلىسىگە كۆڭۈل بۆلىدىغانلىقىنى تىلغا ئالغان
2023.06.01
ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ نۆۋەتچى رەئىسلىك ۋەزىپىسىنى ئۆتەۋاتقان شىۋېتسىيە باش مىنىستىرى ئۇلف كرىستېرسسون، خىتايغا تاقابىل تۇرۇش توغرۇلۇق ئۈچ تۈرلۈك پىكىرنى ئوتتۇرىغا قويغان.
«فىرانسىيە ئاۋازى» رادىيوسى 31-ماي ئېلان قىلغان «شىۋېتسىيە باش مىنىستىرى خىتاي بىلەن بولغان مۇناسىۋەتلەر ھەققىدە توختالدى: ئۇرسۇلانىڭ ئېيتقانلىرىنىڭ ئاساسى بار، تورمۇزلىغاندىن خەتەرنى ئازايتقان ئەۋزەل» ناملىق خەۋەردە بايان قىلىشىچە، 30-31-ماي كۈنلىرى ئامېرىكا-ياۋروپا سودا ۋە تېخنولوگىيە كومىتېتىنىڭ 4-نۆۋەتلىك يىغىنى شىۋېتسىيەنىڭ لۇلېئو شەھىرىدە چاقىرىلغان. شۇ كۈنى يەنە شىۋېتسىيە پايتەختى ستوكھولىمدا «خىتاي مۇنبىرى» يىغىنى ئۆتكۈزۈلۈپ، يىغىندا ئامېرىكا ۋە ياۋروپانىڭ خىتايغا قاراتقان سىياسەتلىرىنى كۆزدىن كەچۈرۈش، سودا، يۇقىرى تېخنولوگىيە، سۈنئىي ئىدراك، كەلگۈسى دۇنيا تەرتىپى قاتارلىق مەسىلىلەردە خىتايغا قانداق مۇئامىلىدە بولۇش مۇزاكىرە قىلىنغان.
خەۋەردە كۆرسىتىشىچە، ئامېرىكا ۋە ياۋروپا ئىتتىپاقىغا ئەزا دۆلەتلەرنىڭ ۋەكىللىرى قاتناشقان بۇ يىغىندا نۇقتىلىق ھالدا دۇنيا تەرتىپىنى قوغداش، خىتايغا تاقابىل تۇرۇشنىڭ چارە-تەدبىرلىرىنى ئىزدەش مۇھىم مۇزاكىرە تېمىسى بولغان بولۇپ، نۆۋەتتە ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ رەئىسلىك ۋەزىپىسىنى ئۆتەۋاتقان شىۋېتسىيەنىڭ باش مىنىستىرى ئۇلف كرىستېرسسون ئېچىلىش نۇتۇقىدا خىتايغا تۇتىدىغان مۇئامىلە توغرىسىدا 3 تۈرلۈك پىكىرنى ئوتتۇرىغا قويغان. بۇ تۈرلۈك 3 پىكىرنىڭ بىرى «خەتەرنى ئازايتىشقا بولغان ئېھتىياج ۋە بۇنىڭ مەنىسى»، ئىككىنچىسى «قانداق قىلغاندا باشقا دۆلەتلەر بىلەن بولغان مۇناسىۋەتلەرنى قويۇقلاشتۇرۇپ، خىتايغا تاقابىل تۇرۇشنىڭ چارىلىرىنى يارىتىش»، ئۈچىنچىسى «ياۋروپا ئىتتىپاقىنى خەلقئارادا ئىشەنچلىك بىر كۈچكە ئايلاندۇرۇش» تىن ئىبارەت بولغان.
شىۋېتسىيە باش مىنىستىرى ئۇلف كرىستېرسسون «خەتەرنى ئازايتىشقا بولغان ئېھتىياج ۋە بۇنىڭ مەنىسى» ھەققىدە توختالغاندا، غەربلىكلەر بۇندىن 20 يىللار ئىلگىرى كۈتكەن خىتاينىڭ ئەركىنلىك، دېموكراتىيە يولىغا مېڭىش ئارزۇلىرىنىڭ كۆپۈككە ئايلانغانلىقىنى بايان قىلغان. شۇنداقلا كۈنسېرى تەرەققىي قىلىپ دۇنياۋىي چوڭ كۈچكە ئايلانغان خىتاينىڭ 70-يىللاردىن ھازىرغا قەدەر ياراتقان ئۇتۇقلىرىنى مۇئەييەنلەشتۈرۈپ، خىتاي بىلەن كىلىمات ئۆزگىرىشى، يەر شارى خاراكتېرلىك ساغلاملىق مەسىلىسى، قورالسىزلىنىش ۋە توقۇنۇشلارنى ھەل قىلىش قاتارلىق خەلقئارالىق ساھەلەردە يەنىلا ھەمكارلىشىشنىڭ زۆرۈرلۈكىنى تەكىتلىگەن. بۇنىڭ ئۈچۈن ياۋروپا كومىسسىيونىنىڭ رەئىسى ئۇرسۇلا ۋون دېر لايىننىڭ ‹تورمۇزلىغاندىن، خەتەرنى ئازايتقان ئەۋزەل› دېگەن سۆزىنىڭ ئاساسى بارلىقىنى مىسال قىلىپ كۆرسەتكەن.
ئەمما ئۇلف كرىستېرسسون سۆزىدە يەنە «بارغانسېرى مۇستەبىتلىك يولىغا قاراپ ئىلگىرىلەۋاتقان بىر پارتىيە ھۆكۈمرانلىقىدىكى خىتاي» نىڭ دۇنيا ئۈچۈن يارىتىۋاتقان خەۋپلىرىنىمۇ ئەسكەرتىپ، غەرب قىممەت قارىشىنى ھەمدە تىبەت، ئۇيغۇر، خوڭكوڭ خەلقلىرىنىڭ ھەقلىرىنى قوغداشنى داۋاملاشتۇرىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، مۇنداق دېگەن: «بىز ئوخشاش قاراشتىكى شېرىكلىرىمىز بىلەن بىر يولدا مېڭىپ، دېموكراتىيە ۋە خەلقئارا قانۇنلارنى قوغدايمىز. بىز يەنە تىبەت، شىنجاڭ، خوڭكوڭنى ئۆز ئىچىگە ئالغان خەلقلەرگە قارىتا يۈرگۈزۈلۈۋاتقان خىتاينىڭ كىشىلىك ھوقۇق تاجاۋۇزچىلىقى قىلمىشلىرىغا ئورتاق تاقابىل تۇرىمىز.»
ياۋروپا ئىتتىپاقىغا ئەزا دۆلەتلەر ۋەكىللىرى بىلەن ئامېرىكا ۋەكىللىرىنىڭ خىتايغا تاقابىل تۇرۇشنىڭ چارە-تەدبىرلىرىنى مۇزاكىرە قىلىشى ئاساسلىق تېما بولغان بۇ يىغىن ھەققىدە توختالغان نورۋېگىيەدىكى ۋەزىيەت ئانالىزچىسى بەختىيار ئۆمەر ئەپەندىنىڭ قارىشىچە، ئىككى تەرەپنىڭ خىتايغا ئورتاق قارشى تۇرۇش مەسىلىسىدە يەنىلا بەلگىلىك پىكىر ئىختىلاپى ۋە مۇجىمەللىكلىرىنىڭ مەۋجۇتلۇقى ئايان بولماقتا ئىكەن.
ئۇلف كرىستېرسسون «قانداق قىلغاندا باشقا دۆلەتلەر بىلەن بولغان مۇناسىۋەتلەرنى قويۇقلاشتۇرۇپ، خىتايغا تاقابىل تۇرۇشنىڭ چارىلىرىنى يارىتىش» دېگەن تېما ھەققىدە توختالغاندا، رۇسىيەنىڭ ئۇكرائىناغا تاجاۋۇز قىلىشى، خىتاينىڭ رۇسىيەنى قوللىشى، ئامېرىكانىڭ غەرب دۆلەتلىرى بىلەن بىرلىشىپ ئۇكرائىناغا ياردەم قىلىشى، خىتاينىڭ كۈنسېرى كۈچىيىۋاتقان تەيۋەن تەھدىتى قاتارلىق بىر قاتار مەسىلىلەرنى مىسال قىلىپ ئۆتكەندىن كېيىن، «ياۋروپانىڭ دوستى خىتاي ئەمەس، بەلكى ئامېرىكادۇر» دېگەن خۇلاسىنى چىقارغان ۋە قىممەت قاراشلىرى پەرقلەنمەيدىغان ئامېرىكا بىلەن بولغان مۇناسىۋەتنى يەنىمۇ كۈچەيتىشنى تەشەببۇس قىلغان.
شىۋېتسىيە باش مىنىستىرى ئۇلف كرىستېرسسوننىڭ سۆزىگە قارىغاندا، شىۋېتسىيە ھۆكۈمىتى يېقىندا «دۆلەتلىك خىتاي ئىشخانىسى» ناملىق مەخسۇس بىر ئورگاننى تەسىس قىلىپ، ئۇنىڭغا زور مىقداردا مەبلەغ ئاجراتقان، خىتاينى ھەر ساھەدە ئىنچىكە تەھلىل قىلىش خىزمىتىنى باشلىغان. د ئۇ ق نىڭ شىۋېتسىيەدىكى باياناتچىسى دىلشات رېشىت ئەپەندىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، شىۋېتسىيە ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقىغا قارشى تۇرۇۋاتقان ئامېرىكا ھۆكۈمىتىگە تۇتۇۋاتقان پوزىتسىيەسى، خىتايغا قارىتا مۇئامىلىسىدىن زور دەرىجىدە پەرقلىق ئىكەن ھەمدە ھازىرغا قەدەر ئۇيغۇرلار توغرىسىدا تۈزۈك ئاۋازىنى چىقارمايۋاتقان شىۋېتسىيەنىڭ ھاكىمىيەت قاتلىمىدا ئۇيغۇرلار مەسىلىسى يەنىلا مۇھىم بىر تېما سۈپىتىدە مەۋجۇت بولۇپ تۇرماقتا ئىكەن.
ئۇلف كرىستېرسسون «ياۋروپا ئىتتىپاقىنى خەلقئارادا ئىشەنچلىك بىر كۈچكە ئايلاندۇرۇش» ھەققىدە توختالغاندا، قىممەت قاراشلىرىدا ئورتاقلىق بولغان بارلىق دېموكراتىك دۆلەتلەر بىلەن زىچ ھەمكارلىشىپ، ياۋروپالىقلارنىڭ شەرەپلىك ئەنئەنىسىگە ئايلانغان دېموكراتىيە ۋە ئەركىنلىكنىڭ ئۈلگىسى بولۇشتەك نوپۇزىنى كۈچلەندۈرۈشنى، بولۇپمۇ ياۋروپا ئىتتىپاقىدىكى 27 دۆلەتنىڭ بىر مۇشت بولۇپ ئۇيۇشۇپ، خىتايغا ئورتاق تاقابىل تۇرۇشنىڭ زۆرۈرلۈكىنى تەكىتلىگەن.
ئۇ سۆزىنىڭ خاتىمىسىدە مۇنداق دېگەن: «پۈتۈن دۇنيادىكى دېموكراتىك دۆلەتلەر ئۆزلىرىنىڭ ئەۋزەللىكلىرىگە تايانغاندىلا رىقابەت كۈچىگە، مۇۋەپپەقىيەتكە ۋە جەلپكارلىققا ئىگە بولالايدۇ. قىممەت قاراشلىرىمىزنى قوغداش بۇنىڭ ئىچىدىكى ھەممىدىن مۇھىم نۇقتا. بىراق، مۇشۇنداق قىلماقچى بولغان ۋاقتىمىزدا، بىزنىڭ پۈتۈن دۇنيا دائىرىسىدىكى ھەر بىر تۇپراقتا ئەڭ ياخشى نەتىجىلەرنىڭ روياپقا چىقىشىغا ئېھتىياجىمىز تۇغۇلىدۇ. بىزنىڭ موھتاج بولۇۋاتقىنىمىز ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ ئىچكىي قىسمىدىكى ئىستراتېگىيەلىك ئىتتىپاقلىق ۋە ئىتتىپاقىمىزنىڭ سىرتىدىكى ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىق مۇناسىۋەتلىرىدۇر. بۇ بەلكىم ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ ئۆز مەنپەئەتلىرىنى قوغدىشى ھەمدە ئۇنىۋېرسال قىممەت قارىشى ئۈچۈن كۈرەش قىلىشى ئېھتىياجلىق بولغان ئىشەنچنى تۇرغۇزۇشنىڭ ئاساسى بولۇپ قېلىشى مۇمكىن.»