سېناتور بوب مېنېندىز خىتاي ھۆكۈمىتىنى ئۇيغۇر ئېلىدىكى يىغىۋېلىش لاگېرلىرىنى ئاياغلاشتۇرۇشقا چاقىردى
2019.01.29
ئامېرىكىنىڭ نوپۇزلۇق خەۋەر قاناللىرىدىن «CNN تېلېۋىزىيەسى» 28-يانۋار كۈنىدىكى خەۋەر پروگراممىسىدا «خىتاينىڭ ئۇيغۇر كرىزىسى» تېمىسىغا ئورۇن بەردى. پروگراممىدا ئامېرىكا كېڭەش پالاتاسىنىڭ غوللۇق ئەزالىرىدىن بىرى بولغان بوب مېنېندىز ئەپەندى زىيارەت قىلىنغان بولۇپ، بوب مېنېندىز ئەپەندى پروگراممىدا ئۇيغۇرلارنىڭ ۋەزىيىتى ھەققىدە مۇھىم سۆزلەرنى قىلدى.
سېناتور بوب مېنېندىز يېقىندا ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىدە تونۇشتۇرۇلغان «ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق سىياسىتى-2019» ناملىق قانۇن لايىھەسىنى تونۇشتۇرغان ۋەكىللەرنىڭ بىرى بولۇپ، ئۇ يېقىندىن بۇيان خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا قارشى يۈرگۈزۈۋاتقان سىياسەتلىرىگە قارشى ئاكتىپ ئاۋاز چىقىرىۋاتقان نوپۇزلۇق ئەربابلارنىڭ بىرى بولۇپ قالغان ئىدى.
ئۇ CNN تېلېۋىزىيەسىنىڭ پروگراممىسىدا ئۇيغۇر ئېلىدىكى لاگېرلارنى شەرھلەشتە ئەينى يىللاردا ناتسىستلار گېرمانىيەسىنىڭ يەھۇدىيلارنى قامىغان لاگېرلىرى ئۈچۈن ئىشلىتىلگەن «يىغىۋېلىش لاگېرلىرى» دېگەن ئاتالغۇنى ئىشلەتتى. ئۇ، CNN مۇ كىرىستى لۇنىڭ «خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر ئېلىدىكى لاگېرلارنى «كەسپىي ماھارەت مەركىزى» ياكى «تەربىيەلەش مەركىزى» دەپ ئاتاۋاتىدۇ، سىز بۇ ئورۇنلارغا قانداق باھا بېرىسىز؟» دېگەن سوئالىغا جاۋاب بېرىپ «مەن بۇ ئورۇنلارنى يىغىۋېلىش لاگېرلىرى دەپ ئاتايمەن. بىز بۇ ئورۇنلاردا بىر مىليونغا يېقىن ئۇيغۇرنىڭ قامالغانلىقىغا ئىشىنىمىز. بۇ ئۇيغۇرلارنىڭ كىشىلىك ھوقۇقىغا ۋە خەلقئارا قانۇنلارغا قىلىنغان ئېغىر دەپسەندىچىلىك بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. بىز خىتاي ھۆكۈمىتىدىن لاگېرلارنى ئاياغلاشتۇرۇشنى تەلەپ قىلىشىمىز ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ كىشىلىك ھوقۇق ۋەزىيىتىنى يېقىندىن كۆزىتىشىمىز كېرەك» دېدى.
بوب مېنېندىز سۆزىدە يۇقىرىقىدەك مەقسەتلەرگە يېتىش ئۈچۈن ئۆزلىرىنىڭ ئۇيغۇرلار ھەققىدىكى قانۇن لايىھەسىنى ئوتتۇرىغا قويغانلىقىنى بايان قىلدى.
كىرىستى لۇ سېناتور بوب مېنېندىزدىن «نېمە ئۈچۈن ئۇيغۇر ئېلىدىكى لاگېرلار مەسىلىسىگە جىددىي مۇئامىلە قىلىنىۋاتقانلىقىنى» سورىدى. بوب مېنېندىز بۇنىڭغا جاۋاب بېرىپ ئالدى بىلەن بۇنىڭغا ئۇيغۇرلارنىڭ ۋەزىيىتىدە يۈز بەرگەن غايەت زور دەرىجىدىكى ئۆزگىرىش يەنى بىر مىليوندىن ئوشۇق كىشىنىڭ لاگېرغا قامىلىشىدەك بىر جىددىي ۋەزىيەتنىڭ سەۋەب بولغانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇ شۇنداقلا يەنە بۇنىڭ شى جىنپىڭ ھۆكۈمىتىنىڭ سىياسەتلىرىنىڭ مۇقەددىمىسى بولۇشى مۇمكىنلىكىنى ئەسكەرتتى. ئۇ مۇنداق دېدى:
«بۇ بەلكىم خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇندىن كېيىن ئۇيغۇرلار ۋە باشقا مۇسۇلمان ئاز سانلىق مىللەتلەردىن ھالقىپ، ھۆكۈمەتكە قارشى چىققان ھەرقانداق بىر كىشىنى تەربىيەلەش مەركەزلىرىگە، يەنى يىغىۋېلىش لاگېرىغا ئەۋەتىدىغان سىياسەتلىرىنىڭ باشلىنىشى بولۇشى مۇمكىن. شۇڭا مەن ئەمدى بۇ مەسىلىنى خەلقئارا جامائەت قاتتىق تەكىتلەيدىغان ۋە خىتايغا بېسىم ئىشلىتىپ، بۇنىڭ خەلقئارا قانۇنلارغا خىلاپ ئىكەنلىكىنى بىلدۈرۈپ، ئۇنى سىياسەتلىرىنى ئۆزگەرتىشكە قىستايدىغان ۋاقىت كەلدى، دەپ قارايمەن»
ئۇ سۆزىدە يەنە ئۇيغۇرلارغا ئائىت قانۇن لايىھەسىنىڭ مەزمۇنلىرىنى قىسقىچە تونۇشتۇرۇپ، ئۇنىڭدا ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ مۇناسىۋەتلىك دوكلات تەييارلىغۇچىلىرىنىڭ ئۇيغۇر رايونىدا چەكلىمىسىز ھالدا تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىشىنى قوللاش، ئۇنىڭدىن باشقا ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنى «خەلقئارا ماگنېتسكى قانۇنى» نى ئىشقا سېلىش ئارقىلىق ئۇيغۇرلارنىڭ كىشىلىك ھوقۇقىنى دەپسەندە قىلىشقا بىۋاسىتە چېتىلغان خىتاي ھۆكۈمىتى ۋە پارتىيەسى ئىچىدىكى ئەمەلدارلارنى جازالاش ۋە شۇنداقلا خىتايدا تىجارەت قىلىۋاتقان ئامېرىكا شىركەتلىرىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدىكى يىغىۋېلىش لاگېرلىرىغا چېتىلىدىغان ھەرقانداق تىجارىي پائالىيەتلەر بىلەن شۇغۇللىنىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە شۇنداقلا كىشىلىك ھوقۇق ۋە دېموكراتىيەنى ئالغا سۈرىدىغان يەنە باشقا مۇھىم ماددىلار بارلىقىنى بايان قىلىپ ئۆتتى.
CNN مۇخبىرى كىرىستى لۇ CNN تېلېۋىزىيەسىنىڭ خەلقئارالىق قانىلىنىڭ خىتاي ئىچىدىمۇ تارقىتىلىدىغانلىقىنى ئەسكەرتىپ تۇرۇپ، «بىز ھازىر بۇ پروگراممىنى خىتايدا توسالغۇسىز قويۇلۇۋاتىدۇ، دەپ پەرەز قىلىۋاتىمىز. بۇ پروگرامما ئارقىلىق سىز خىتاي ھۆكۈمىتىگە نېمە دېمەكچى؟» دەپ سورىدى.
بوب مېنېندىز بۇنىڭغا «مېنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتىگە دەيدىغىنىم، خەلققە بېسىم ئىشلىتىش سىزنى چوڭ دۆلەت بولۇش ئارزۇيىڭىزغا يەتكۈزمەيدۇ. سىز تىنچلىق بىلەن ئىپادە قىلىنىۋاتقان پەرقلەرگە يول قويۇشنى بىلىشىڭىز، ئۇيغۇرلار ۋە باشقىلارنىڭ ئوخشىمىغان پىكىرلىرىنى دۆلەت بىخەتەرلىكىگە تەھدىت دەپ قارىۋالماي، ئۇلارنىڭ ئۆزىنى ئەركىن ھالدا ئىپادە قىلىشىغا يول قويۇشىڭىز كېرەك. مەن خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ شۇ يۆنىلىشكە قاراپ مېڭىشىنى ئارزۇ قىلىمەن، چۈنكى شۇنداق قىلغاندىلا خىتاي ئاندىن ئۆزى دەۋاتقان چوڭ دۆلەت بولۇش چۈشىنى ئەمەلگە ئاشۇرالايدۇ.» دەپ جاۋاب بەردى.
مۇخبىر كىرىستى لۇ بۇنىڭغا ئۇلاپلا بوب مېنېندىزدىن «سىزچە خىتاي ھۆكۈمىتى ئۆزگىرەمدۇ؟ سىزچە «ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق سىياسىتى» قانۇن لايىھەسى خىتاينىڭ ھەرىكىتىنى ئۆزگەرتەمدۇ؟
بوب مېنېندىز بۇنىڭغا جاۋاب بېرىپ خەلقئارانىڭ ئورتاق ھەرىكىتىنىڭ خىتاينى ئۆزگەرتىدىغانلىقىنى تەكىتلىدى. ئۇ مۇنداق دېدى: «ئەلۋەتتە، مەن ئۇلارنىڭ ئۆز سىياسەتلىرىگە قايتا قاراپ چىقىشىنى ۋە ئۇنى ئۆزگەرتىشىنى ئۈمىد قىلىمەن ۋە بۇنىڭ خىتاي ئۆزىنىڭ ھەرىكەتلىرىنىڭ خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق نورمىلىرىغا خىلاپلىقىنى چۈشىنىشىگە يول ئاچىدىغان بىر خەلقئارالىق ھەرىكەتنىڭ باشلىنىشى بولۇپ قېلىشىنى ئارزۇ قىلىمەن. خىتاي ئەگەر چوڭ دۆلەت بولىمەن دەيدىكەن، ئۇ ھالدا ئۆزىنىڭ خەلقئارا قانۇنلار ئاساسىدا ئىش كۆرۈشى كېرەكلىكىنى چۈشىنىپ يېتىشى كېرەك.»
بوب مېنىندىز سۆزىنى داۋام قىلىپ يەنە مۇنداق دېدى: «بىز ئەگەر بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ بۇ ئاساستا خىتايغا چاقىرىق قىلىش ئاساسىنى چىڭىتالىساق، يەنى بۇ ئۆزگىرىش چاقىرىقىنى پەقەتلا ئامېرىكىنىڭ ئەمەس، بەلكى دۇنيادىكى ئۇنىۋېرسال كىشىلىك ھوقۇق خىتابنامىسىگە قول قويغان بارلىق دۆلەتلەرنىڭ ئورتاق تەلىپى سۈپىتىدە ئوتتۇرىغا قويالىساق، ئاخىرى بېرىپ كۆزلىگەن مەقسىتىمىزگە يېتىدىغانلىقىمىزغا ئىشىنىمەن. ئەلۋەتتە، بۇ ئۆزگىرىش بىر كېچىدە يۈز بەرمەيدۇ، ئەمما خىتاي خەلقئارادىكى ئوبرازىغا دىققەت قىلىدىغان دۆلەت بولغانلىقتىن، كۆرسىتىلگەن تىرىشچانلىقلارنىڭ ئۇلارنىڭ بۇ يولدا ئىلگىرىلىشىگە تۈرتكە بولىدىغانلىقىغا ئىشىنىمەن.»
خىتاي ھۆكۈمىتى ئۆتكەن ئىككى يىلدىن بۇيان ئۇيغۇر ئېلىدە كەڭ كۆلەملىك تۇتۇق ھەرىكىتى ئېلىپ بېرىپ، ئىككى مىليونچە ئۇيغۇر ۋە باشقا تۈركىي تىللىق مىللەتلەرنى ئاتالمىش «قايتا تەربىيەلەش لاگېرلىرى» غا قامىغان ئىدى. ئۇيغۇر ئېلىدە يۈز بېرىۋاتقان بۇ غايەت زور ئىنسانىيەت كرىزىسى ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىدىكى ھەر ئىككى پارتىيەدىن بولغان ئەزالارنى ھەرىكەتكە كەلتۈرگەن. نەتىجىدە ئامېرىكا كېڭەش ۋە ئاۋام پالاتاسىنىڭ ماركو رۇبىيو، كىرىستوفىر سىمىس قاتارلىق 25 نەپەر ئەزاسى ئۆتكەن يىل نوبايىر ئېيىدا «ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق سىياسىتى قانۇن لايىھىسى-2018» ناملىق قانۇن لايىھەسىنى بىر قېتىم تونۇشتۇرغان.
ئەمما لايىھە دۆلەت مەجلىسىدە ئاۋازغا قويۇلۇشتىن ئىلگىرى مەجلىس ئەزالىرى قايتا سايلاپ چىقىلغانلىقى ئۈچۈن، بۇ قانۇن لايىھەسىگە بىر قىسىم يېڭى مەزمۇنلار قوشۇلۇپ، بۇ يىل 17-يانۋار كۈنى «ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق سىياسىتى قانۇن لايىھىسى-2019» نامىدا قايتا تونۇشتۇرۇلدى. دىققەت قوزغايدىغان بىر مۇھىم نۇقتا بولسا قانۇننىڭ ئىلگىرىكى نۇسخىسىغا ھەر ئىككى پالاتادىن جەمئىي 25 ۋەكىل ئىمزا قويغان بولسا، بۇ نۆۋەتلىك يېڭى نۇسخىسىغا جەمئىي 31 ۋەكىل ئىمزا قويغان. چەتئەللەردىكى ئۇيغۇر جامائىتى بولسا بۇ قانۇن لايىھەسىنىڭ ئەمەلگە ئېشىپ، ئۇيغۇرلارنىڭ بېشىغا كېلىۋاتقان زۇلۇمنى ئازايتىش يولىدىكى تۇنجى بىر قانۇن بولۇپ قېلىشىنى ئۈمىد قىلىشماقتا.