ئامېرىكا ئاۋام پالاتا ئەزالىرى ترامپ ھۆكۈمىتىنى ئۇيغۇر مەسىلىسىدە خىتاينى جاۋابكارلىققا تارتىشقا چاقىردى
2019.03.05

ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىنىڭ بىر قىسىم ئەزالىرى ئۆتكەن يىلى 8-ئايدا ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مايك پومپېيوغا مەكتۇپ يېزىپ، ئۇنى خىتاينىڭ ئۇيغۇر رايونىدىكى كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكىگە قارىتا تەدبىر قوللىنىشقا، «ماگنىتىسكىي كىشىلىك ھوقۇق قانۇنى» نى ئىشقا سېلىپ، بۇنىڭدا جاۋابكارلىقى بار ئەمەلدارلارنى جازالاشقا چاقىرغان ئىدى. لېكىن ئۇلارنىڭ قارىشىچە، مايك پومپېيو ئۆتكەن يىلى 9-ئايدا ئۇلارغا ئېمبارگو قويۇشنى بىلدۈرگەن بولسىمۇ، لېكىن ھۆكۈمەت ھازىرغا قەدەر بۇنىڭغا قارىتا يېتەرلىك تەدبىر قوللانمىغان.
ئامېرىكا ئاۋام پالاتاسى تاشقى ئىشلار كومىتېتىنىڭ 4 نەپەر دېموكراتىك ۋە جۇمھۇرىيەتچى ئەزاسى 4-مارت كۈنى مايك پومپېيوغا يەنە مەكتۇپ يېزىپ، ترامپ ھۆكۈمىتىنى خىتاينىڭ ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىنى دەپسەندە قىلىشىغا قارىتا يېتەرلىك تەدبىر قوللانماسلىقى بىلەن تەنقىد قىلغان شۇنىڭدەك ھۆكۈمەتنى خىتاينىڭ ئۇيغۇر رايونىدىكى قىلمىشىنى جاۋابكارلىققا تارتىشقا ئۈندىگەن. مەكتۇپتا، بۇ ئىشنىڭ ئىنتايىن جىددىي مەسىلە ئىكەنلىكى ئەسكەرتىلىپ: «خىتاي مەركىزى ۋە رايونلۇق ھۆكۈمىتىنىڭ سىياسىتى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدىكى ئۇيغۇر ۋە باشقا تۈركىي مۇسۇلمان خەلقلەرنىڭ تۈپ ئەركىنلىكىنى رەت قىلىپ، ‹قايتا-تەربىيەلەش›، ‹تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش› نامىدا كەڭ كۆلەملىك تەقىبلەش ۋە قاماش پروگراممىسىنى يۈرگۈزۈپ كەلدى. بىر مىليوندىن ئارتۇق ئۇيغۇر ۋە باشقا مۇسۇلمان مىللەتلەر ئۇلارنىڭ كىملىكى، تىلى ۋە تارىخىنى يوقىتىش ھەرىكىتىنىڭ بىر قىسمى سۈپىتىدە ‹سىياسىي قايتا-تەربىيەلەش لاگېرلىرى› غا قانۇنسىز قامالماقتا» دېيىلگەن.
مەكتۇپتا يەنە بەزى ئامېرىكا شىركەتلىرىنىڭ خىتاينىڭ خەيكاڭ، داخۇئا تېخنىكا شىركىتى بىلەن ھەمكارلىقى سەۋەبلىك خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارنى جازالىشىغا ھەسسە قوشۇۋاتقانلىقىغا دائىر خەۋەرلەرنىڭ ئۆزلىرىنى قاتتىق بىئارام ھېس قىلىۋاتقانلىقىمۇ بىلدۈرۈلگەن. مەكتۇپتا، بىخەتەرلىك شىركىتى- «ئاۋانگارت مۇلازىمەت گۇرۇھى» نىڭ ئۇيغۇر رايونىدا مەشىق مەركىزى قۇرغانلىقى، ئامېرىكا بىئو-تېخنىكا شىركىتى-تېرمو فىشېرنىڭ ئۇيغۇر رايونىغا د ن ئا ئەۋرىشكىسىنى رەتلەش ئەسۋابى سېتىپ بەرگەنلىكى ئالاھىدە تىلغا ئېلىنىپ، «ئۇنىڭ قانداقلارچە بۇ ئەسۋابنى سېتىشىغا يول قويۇلغانلىقى ھازىرغا قەدەر ئېنىق ئەمەس» دەپ تەكىتلەنگەن.
ئامېرىكادىكى ئەركىنلىك سارىيى ترامپ ھۆكۈمىتىنى خىتاي ئەمەلدارلىرىغا ئېمبارگو قۇيۇشقا چاقىرىپ كېلىۋاتقان كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ بىرى. مەزكۇر تەشكىلاتنىڭ ئالىي دەرىجىلىك تەتقىقاتچىسى سارا كۇكنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئۇيغۇرلارنىڭ ۋەزىيىتى بەك جىددىي مەسىلە بولۇپ، ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ قولىدا خىتاي ئەمەلدارلىرىنى ئاگاھلاندۇرىدىغان ئۈنۈملۈك قوراللار بار ئىكەن. ئۇ، 5-مارت كۈنى زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ مۇنداق دېدى: «مەن بۇ يەردە خىتاي ئەمەلدارلىرىغا ئېمبارگو قويۇشنىڭ بولۇپمۇ ماگنىتىسكىي قانۇنىغا ئاساسەن ئېمبارگو قويۇشنىڭ قانچىلىك زۆرۈرلۈكىنى قايتا تەكىتلەيمەن. لېكىن، بۇ يەردە خەلقئارا دىنىي ئەركىنلىك قانۇنىنى ئىشقا سېلىپ تېخىمۇ كۆپ ئىشلارنى قىلغىلى بولىدۇ. لېكىن، بۇ قانۇن كۆپ ھاللاردا بەك ئىشقا سېلىنمىغاچقا بىز ئۇنىڭ ئەھۋالىنى بىلمەيمىز. بۇ قانۇن ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ خىل دەپسەندىچىلىكنى توختىتىشىدىكى ئىنتايىن مۇھىم قوراللىرىنىڭ بىرى».
ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ نېمە ئۈچۈن ھازىرغا قەدەر «ماگنىتىسكىي قانۇنى» ياكى «يەر شارى دىنىي ئەركىنلىك قانۇنى» نى ئىشلەتمىگەنلىكىنىڭ سەۋەبى مەلۇم ئەمەس. ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى 5-مارت كۈنى رادىيومىزغا يوللىغان يازما باياناتىدا، خىتاينى ئۇيغۇر رايونىدىكى سەلبىي سىياسىتىگە خاتىمە بېرىشكە ئۈندىگەن. لېكىن، ئېمبارگو مەسىلىسىنى چۈشەندۈرمىگەن. باياناتتا، خىتاي لاگېرلارنى «كەسپىي تەربىيەلەش مەركەزلىرى» دەپ تەرىپلىسىمۇ، لېكىن شاھىتلارنىڭ بايانى ۋە سۈنئىي ھەمراھ رەسىملىرىنىڭ بۇ خىل تەرىپلەشنى ئىنكار قىلىۋاتقانلىقى ئەسكەرتىلىپ: «بىز داۋاملىق خىتاينى بۇ خىل سەلبىي سىياسەتكە خاتىمە بېرىشكە، خالىغانچە تۇتقۇن قىلىنغان بارلىق كىشىلەرنى قويۇپ بېرىشكە، چەتئەللەردە تۇرۇشلۇق مۇسۇلمان ئاز سانلىق مىللەت كىشىلىرىنى خىتايغا قايتىپ كېلىپ ئېنىقسىز تەقدىرگە مۇپتىلا قىلىشنى توختىتىشقا چاقىرىمىز» دېيىلگەن.
ئامېرىكا ئاۋام پالاتا ئەزالىرىنىڭ مەزكۇر مەكتۇپى ئاۋام پالاتا تاشقى ئىشلار كومىتېتىنىڭ رەئىسى ئېللىئوت ئەنگېل، دېموكراتىك ئاۋام پالاتا ئەزاسى برەد شېرمان، جۇمھۇرىيەتچى ئاۋام پالاتا ئەزاسى تەد يوھو ۋە كرىستوفىر سىمىتلار تەرىپىدىن يېزىلغان. بۇ ئاۋام پالاتا ئەزالىرىنىڭ مايك پومپېيوغا يېقىنقى 6 ئاي ئىچىدە 2-قېتىم مەكتۇپ يېزىشىدۇر.
بەزى كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ قارىشىچە، ئامېرىكا ئاۋام پالاتا ئەزالىرىنىڭ مەكتۇپى ئىنتايىن كۈچلۈك سىگنال ئىكەن. ئامېرىكادىكى ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشىنىڭ تاشقى ئىشلار دىرېكتورى لۇئىسا گرېۋ، مەكتۇپنىڭ كىشىگە ئىلھام بېرىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇ مۇنداق دەيدۇ: «مەكتۇپ ئادەمگە پەۋقۇلئاددە ئىلھام بېرىدۇ. يېڭى دۆلەت مەجلىسىنىڭ ئاۋام پالاتا تاشقى ئىشلار كومىتېتى ئۇيغۇرلارنىڭ كىشىلىك ھوقۇقىنى قوللاشتا ناھايىتى كۈچلۈك ئىرادىسىنى ئىپادىلىمەكتە. كومىتېت رەئىسى ئەنگېل ۋە ئۇنىڭ خىزمەتداشلىرى ئامېرىكىنىڭ بۇ مەسىلىگە كۈچلۈك ئىنكاس بىلدۈرۈپ، خىتايدىكى بۇ كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكىنى، بولۇپمۇ ئۇيغۇر رايونىدىكى قورقۇنچلۇق كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكىنى توختىتىشتا ھەر قايسى سىياسىي-پارتىيە گۇرۇھلار مەيدانىنىڭ ئورتاق ئىكەنلىكىنى نامايان قىلدى».
ئۇنىڭ ئىلگىرى سۈرۈشىچە، ئامېرىكا ۋە باشقا دېموكراتىك دۆلەتلەر بۇ مەسىلىگە ئىنكاس بىلدۈرۈشتە بەك كەچ قالماقتا ئىكەن. ئۇ، ئەگەر دېموكراتىك دۆلەتلەر خىتاي بىلەن بولغان نورمال ئالاقىسىنى توختاتمىسا، بۇ خىتاينىڭ كىشىلىك ھوقۇقنى داۋاملىق دەپسەندە قىلىشىغا يېشىل چىراغ يېقىپ بېرىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. لۇئىسا گرېۋ مۇنداق دەيدۇ: «ئامېرىكا ۋە ئىنسانلارنىڭ ئىززەت-ھۆرمىتىگە ئەھمىيەت بېرىدىغان دۆلەت ۋە ھۆكۈمەتلەر خىتاي بىلەن بولغان نورمال ئالاقىنى خېلى بۇرۇنلا توختىتىشى كېرەك ئىدى. خىتاي بىلەن نورمال ئالاقىنى يەنە داۋاملاشتۇرۇشقا بولمايدۇ. دۇنياغا مەلۇم بولغاندەك خىتاي ھۆكۈمىتى 21-ئەسىردە جازا لاگېرلىرىنى قۇرۇپ، ئېتنىك، دىنىي گۇرۇھلارنى ۋە بەزى دىندارلارنى نىشانغا ئالماقتا. قىسقىسى، خەلقئارا رەھبەرلەرنىڭ ئۇيغۇر رايونىدىكى ئىشلاردا سۈكۈت قىلىشى خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكىگە يېقىلغان يېشىل چىراغ دەپ، قارىلىشى مۇمكىن.»
ئەركىنلىك سارىيىدىكى سارا كۇك ئۇيغۇر مەسىلىسىنىڭ قانچىلىك جىددىي مەسىلە ئىكەنلىكىدە لۇئىسا گرېۋ بىلەن ئوخشاش تونۇشقا ئىگە. ئۇنىڭ قارىشىچە، ھۆكۈمەت بۇ مەسىلىنى قانچىلىك تېز تەدبىر قوللانسا شۇنچىلىك كۆپ كىشىنىڭ ھاياتىنى قوغداپ قالىدىكەن. ئۇ مۇنداق دەيدۇ: «شىنجاڭدا يۈز بېرىۋاتقان ئىشلار ئۇنىڭغا قارىتا جىددىي تەدبىر قوللىنىشنى كېرەك قىلىدۇ. چۈنكى، بەك كۆپ ئادەم تۇتقۇندا تۇرۇۋاتىدۇ. ئۇ يەردە كىشىلەرنىڭ خورلاشقا ئۇچراۋاتقانلىقى، قەبىھ ۋاسىتىلەر بىلەن تەن جازاسىغا دۇچار بولۇۋاتقانلىقى، ئۆلۈم-يېتىملەرنىڭ كۆپىيىۋاتقانلىقى بىزگە سىر ئەمەس. شۇڭا، ئۇنىڭغا ئارىلاشساق نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ ھاياتىنى قۇتقۇزۇپ قالىدىغانلىقىمىزنى بىلىشىمىز كېرەك. بولمىسا ۋاقىت ئۇزارغانسېرى تېخىمۇ كۆپ كىشى ئۆلىدۇ».
ئاۋام پالاتا ئەزالىرىنىڭ مەكتۇپىدا، «ئاۋانگارت مۇلازىمەت گۇرۇھى» نىڭ ئۇيغۇر رايونىدا مەشىق مەركىزى قۇرۇشى، تېرمو-فىشېر شىركىتىنىڭ د ن ئا ئەۋرىشكىسىنى رەتلەش ئەسۋابلىرىنى سېتىشى قاتارلىق ھادىسىلەر ئۇيغۇر رايونىنىڭ كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىگە ئاممىۋى ھوشيارلىقنى ئۆستۈرۈشنىڭ زۆرۈرلۈكىنى كۆرسىتىپلا قالماي، بۇنىڭدا مەسئۇلىيىتى بار خىتاي ئەمەلدارلىرىنىڭ جاۋابكارلىقىنى سۈرۈشتۈرۈشنىڭ زۆرۈرلۈكىنى كۆرسىتىپ بەرگەنلىكى تەكىتلەنگەن. مەكتۇپتا يەنە ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ ئامېرىكا شىركەتلىرىنىڭ مەزكۇر رايوندىكى مەشغۇلاتى، خىتاي بىلەن بولغان كىشىلىك ھوقۇق سۆھبىتى قاتارلىق بىر قاتار مەسىلىلەرگە جاۋاب بېرىشى تەلەپ قىلىنغان.