ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشى ترامپ ھۆكۈمىتىنى ئۇيغۇرلار مەسىلىسى بويىچە جىددىي تەدبىر ئېلىشقا چاقىردى
2018.10.03

«ئۇيغۇرلار يۈزلەنگەن جىددىي ۋەزىيەت نۆۋەتتە دۇنياغا ئاشكارا بولدى، بىز بۇ زۇلۇمنى ئىسپاتلايدىغان پەيتتىن ئۆتۈپ بولدۇق، بىزلا ئەمەس خەلقئارالىق مەتبۇئاتلار، ھەتتا غەربلىك مۇتەخەسسىسلەرمۇ بۇنىڭغا قاتتىق بىر ئىنكاس قايتۇرۇلمىسا خىتاي ھۆكۈمىتى ئومۇميۈزلۈك قىرغىنچىلىققا ئۆتۈشى مۇمكىن دەپ ئاگاھلاندۇرماقتا. چۈنكى ھازىر بۇ مەسىلە ئىنسان ھەقلىرى مەسىلىسىدىن ھالقىپ بولدى شۇنداقلا دۇنيا تارىخىدا گىتلېر زامانىسىدىن كېيىن قايتا يۈز بەرمەيدىغانلىقى ھەققىدە ۋەدىلەر بېرىلگەن بۇنداق بىر قىرغىنچىلىققا نۆۋەتتە ئۇيغۇرلار يۈزلەنمەكتە. ھازىر يەنە كۈتىدىغان نېمە قالدى؟ بۇ پاجىئەنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن ئامېرىكا شۇنداقلا خەلقئارا جەمئىيەت بايانات بىلەنلا چەكلىنىپ قالسا بولمايدۇ، بىز ئامېرىكىدىن قىلالمايدىغان ئىشلارنى تەلەپ قىلمايمىز، ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ قولىدا بىر يۈرۈش ئېمبارگو تۈرلىرى ۋە ئېمبارگو ۋاسىتىلىرى بار، ئامېرىكا ھۆكۈمىتىدىن ھېچ بولمىغاندا ‹يەر شارى ماگنىتىسكىي قانۇنى› نى جىددىي ئىجرا قىلىشنى تەلەپ قىلىمىز.»
بۇ بايانلار مەركىزى ۋاشىنگتوندىكى UHRP يەنى ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشىنىڭ مۇدىرى ئۆمەر قانات تەرىپىدىن 2-ئۆكتەبىر كۈنى ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىدە ترامپ ھۆكۈمىتىنىڭ خەلقئارا دىنىي ئەركىنلىككە مەسئۇل ئالاھىدە ئەلچىسى سام بروۋنبەك رىياسەتچىلىكىدە ئۆتكۈزۈلگەن يۇمىلاق ئۈستەل يىغىنىدا ئوتتۇرىغا قويۇلغان.
بۇ يىغىن ھەققىدە زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان ئۆمەر قانات ئەپەندىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، خەلقئارا دىنىي ئەركىنلىكىنى ئىلگىرى سۈرۈش يۇمىلاق ئۈستەل يىغىنىغا 40 تىن ئارتۇق خەلقئارالىق تەشكىلاتلار ۋە ئامېرىكا ھۆكۈمەت ئورگانلىرىدىن كەلگەن ۋەكىللەر قاتناشقان. ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشىنىڭ مۇدىرى ئۆمەر قانات ئەپەندى ئۇيغۇرلارنىڭ نۆۋەتتىكى ۋەزىيىتى، خىتاينىڭ ئۇيغۇر ئېلىدا قۇرغان جازا لاگېرلىرى، خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا ئېلىپ بېرىۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىقنى مەقسەت قىلغان بىر يۈرۈش سىياسەتلىرى ھەققىدە دوكلات بەرگەن.
ئۆمەر قانات ئەپەندى ئۆزىنىڭ بىر سائەت داۋام قىلغان بۇ يىغىندا بەرگەن دوكلاتىدا مۇنداق دېگەن: «ئامېرىكا ھۆكۈمىتىلا ئەمەس بەلكى خىتاي خەلقى ۋە خەلقئارا جەمئىيەت ئەگەر خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ ئۇيغۇرلار ئۈستىدىن ئېلىپ بېرىۋاتقان بۇ خىل ئىرقىي قىرغىنچىلىق ھەمدە ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەتلىرىنى توسۇپ قېلىش ئۈچۈن جىددىي ھەرىكەت قىلمىسا، خىتاينىڭ جىنايەتلىرىگە يېشىل چىراغ يېقىپ بەرگەن بولىدۇ.»
ئۆمەر قانات ئەپەندى دوكلاتىدا خىتاينىڭ ئۇيغۇر دىيارىدىكى لاگېرلارغا قامالغان تۇتقۇنلارنى مەخپىي ھالدا خىتاي ئۆلكىلىرىگە يۆتكەشكە باشلىغانلىقىنى ئەمەلىيەتتە قىرغىنچىلىقنىڭ سىگنالى دەپ قارايدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويغان. ئۇ مۇنداق دەيدۇ: «خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ ئۇيغۇرلارنى خىتاي ئۆلكىلىرىدە ئېرىتىپ يوق قىلىش مەقسىتىنى يوق دېيەلمەيمىز.»
ئۆمەر قانات ئەپەندى يەنە مۇنداق دېگەن: «ئۇيغۇرلار ھازىر يۈزلىنىۋاتقان مەسىلە بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىدە ئوتتۇرىغا قويۇلىدىغان مەسىلىدىن نۆۋەتتە ئاللىقاچان ب د ت خەۋپسىزلىك كېڭىشىدە ئوتتۇرىغا قويۇلۇشقا تېگىشلىك مەسىلىگە ئايلاندى. چۈنكى ئۇيغۇرلار نۆۋەتتە 2-دۇنيا ئۇرۇشى مەزگىلىدە يەھۇدىيلار ئۇچرىغان مىللىي قىرغىنچىلىقلارغا دۇچ كېلىۋاتىدۇ دۇنيا ھازىر بۇنى كۆرۈۋاتىدۇ، ھۆكۈمەتلەر ئەمدى بۇنىڭغا جىددىي تەدبىر ئېلىشى كېرەك.»
مەزكۇر يىغىندا خرىستىئان خىتايلارنىڭ ۋەكىللىرىمۇ قاتناشقان بولۇپ، ئۇلارمۇ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلار ئۈستىدىن يۈرگۈزۈۋاتقان نۆۋەتتىكى سىياسەتلىرىنى «قىرغىنچىلىق» دەپ ئەيىبلىگەن. بۇ ھەقتە توختالغان ئۆمەر قانات ئەپەندى يەنە مۇنداق دەيدۇ: «خەلقئارا جەمئىيەت قاتتىق بىر تەدبىر قوللىنىشى كېرەك. ئەگەردە خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان قىرغىنچىلىق سىياسىتى جىددىي توسۇپ قېلىنمايدىكەن، خىتاي دۇنيانىڭ سۈكۈتىدىن ئىلھام ئېلىپ بۇ قىرغىنچىلىقنى يەنىمۇ كېڭەيتىشى مۇمكىن. ئۇ چاغدا ئۇيغۇرلاردىن كېيىن تىبەت، خىتاي خەلقى ھەتتا ئەتراپتىكى باشقا دۆلەتلەرمۇ بۇ قىرغىنچىلىقلاردىن مۇستەسنا قالماسلىقى مۇمكىن. خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ سىياسىتىگە قارشى چىقمىغاندا خىتايغا ئوخشاش باشقا دىكتاتور دۆلەتلەرنىڭمۇ بۇ خىلدىكى قىرغىنچىلىقلارنى ئېلىپ بېرىشىغا يېشىل چىراغ يېقىلىدۇ. شۇڭا ئۇيغۇرلار ئۇچراۋاتقان بۇ قىرغىنچىلىقنى توسۇشتا خىتايلارنىڭمۇ، پۈتۈن دۇنيا جامائەتچىلىكىنىڭ ئىنسانىي مەسئۇلىيىتى بار.»
بۇنىڭ ئالدىدا، يەنى 27-ئىيۇل كۈنى ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ ئۇيۇشتۇرۇشى بىلەن ئېچىلغان خەلقئارا دىنىي ئەركىنلىكىنى ئىلگىرى سۈرۈش يىغىنىنىڭ خۇلاسە باياناتىدا خىتاينى دىنىي ئەركىنلىك جەھەتتە خەلقئارا ئەھدىنامىلەر بويىچە بەرگەن ۋەدىسىگە ئەمەل قىلىشقا ۋە ئۇيغۇر رايونىدىكى يىغىۋېلىش لاگېرلىرىنى دەرھال تاقاشقا چاقىرغان ئىدى. يىغىنىدا سۆز قىلغان ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ خەلقئارا دىنىي ئەركىنلىككە مەسئۇل ئالاھىدە ئەلچىسى سام بروۋنبەك خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان باستۇرۇش سىياسىتىدىن قاتتىق ئەندىشىلەنگەنلىكىنى بىلدۈرگەن ئىدى.