ئۇيغۇر دىيارىدىكى كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكى ئامېرىكا-خىتاي سودا مۇناسىۋىتى ۋە خەۋپسىزلىك سۆھبىتىدە تىلغا ئېلىندى

مۇخبىرىمىز سادا
2018.11.12
Pompeo-uyghur-mesilisi.jpg ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىدە ئۆتكۈزۈلگەن ئامېرىكا-خىتاي سودا مۇناسىۋىتى ۋە خەۋپسىزلىك سۆھبىتىدە، ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مايك پومپيو ئەپەندى ئۇيغۇرلار مەسىلىسىنى ئالاھىدە تىلغا ئالدى. 2018-يىلى 9-نويابىر، ۋاشىنگتون.
state.gov

خىتاينىڭ ئۇيغۇر دىيارىدىكى ئۇيغۇر ۋە باشقا ئاز سانلىق مىللەتلەرگە يۈرگۈزۈۋاتقان كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكى ۋە باشقا سىياسىي باستۇرۇشلىرى خەلقئارادا ئىلگىرىكى يىللارغا قارىغاندا كۆپلەپ ئىنكاسلارنى قوزغىماقتا.

نەچچە كۈن ئاۋۋال ب د ت دا ئېچىلغان خىتاينىڭ 2018-يىللىق كىشىلىك ھوقۇق ۋەزىيىتىگە قاراپ چىقىش يىغىنى مەزگىلىدە، خىتاي دائىرىلىرى ئۆزىنىڭ كىشىلىك ھوقۇق «ئەۋزەل» لىكلىرى ھەققىدە لاپ ئۇرغان شۇنداقلا خىتاي ھۆكۈمەت تاراتقۇلىرىدا ئۆزلىرىنى ماختاپ «بىز تونۇشتۇرغان كىشىلىك ھوقۇق ۋەزىيىتى ھەققىدىكى پىكىرلىرىمىز خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ قىزغىن قوللىشىغا ئېرىشتى» دەپ تەشۋىق قىلغان بولسىمۇ، ئەمما ئارىدىن ئۇزاق ئۆتمەيلا خەلقئارا تاراتقۇلاردا خىتاينىڭ بۇ قىلمىشىغا رەددىيە بېرىلگەن ئىنكاسلار ۋە ماقالىلەر ئېلان قىلىنغان ئىدى.

مۇشۇ قاتاردا ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىدا ئېچىلغان ئامېرىكا-خىتاي سودا مۇناسىۋىتى ۋە خەۋپسىزلىك سۆھبىتىدە ئۇيغۇرلار مەسىلىسىنى ئالاھىدە تىلغا ئېلىنغان. مەزكۇر سۆھبەت 9-نويابىر كۈنى ئېچىلغان بولۇپ، سۆھبەتكە ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مايك پومپىيو، دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى جىم مەتتىس ۋە خىتاي كومپارتىيەسى مەركىزى كومىتېتى تاشقى ئىشلار ئىشخانىسىنىڭ مۇدىرى ياڭ جيېچى، دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى ۋېي فېڭخېلار قاتناشقان. سۆھبەتتە ئىككى دۆلەت ئەمەلدارلىرى ئوتتۇرىسىدا دىپلوماتىيە ۋە دۆلەت خەۋپسىزلىكى مەسىلىلىرى بويىچە دىيالوگلار ئېلىپ بېرىلغان.

مەزكۇر سۆھبەتتە ئەڭ ئاۋۋال ئامېرىكا-خىتاي مۇناسىۋەتلىرى تېمىسى تىلغا ئېلىنغان. بۇنىڭدا ئامېرىكا تەرەپ ئامېرىكا پرېزىدېنتى ترامپنىڭ ئىككى دۆلەت ئارىسىدىكى ئىجابىي ۋە ئەمەلىي نەتىجىنى ئاساس قىلىدىغان كۆز-قارىشىنى تەكىتلەپ، بۇ خىل مۇناسىۋەتنىڭ ئادىللىق ۋە ئۆز-ئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈشنى ئاساس قىلىش تەشەببۇسىنى ئوتتۇرىغا قويغان. بۇ تەشەببۇسقا ئىككى تەرەپ بىردەك ئىككى دۆلەت ئارىسىدىكى پەرقلەرنى ئازايتىپ، ئورتاق نىشان ئۈچۈن بىرلىشىشنى تەكىتلىگەن.

ئۇنىڭدىن باشقا يەنە جەنۇبىي دېڭىز مەسىلىسىمۇ ئوتتۇرىغا قويۇلغان. بۇ نۇقتىدا ئامېرىكا ۋە خىتاي تەرەپ خەلقئارا قانۇنغا ئاساسەن جەنۇبىي دېڭىز رايونىنىڭ تىنچلىقىغا كاپالەتلىك قىلىشقا، تالاش-تارتىشلارنى تىنچلىق بىلەن ھەل قىلىپ، جەنۇبىي دېڭىز رايونىدا ئەركىن قاتناشقا كاپالەتلىك قىلىشقا ۋەدىلەشكەن. ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مايك پومپىيو مۇنۇلارنى تەكىتلىگەن: «بىز خىتاينىڭ جەنۇبىي دېڭىز رايونىدىكى ھەربىي ھەرىكىتىگە دىققەت قىلىمىز ۋە خىتاينىڭ بۇ رايونغا قارىتا بەرگەن بۇرۇنقى ۋەدىسىگە ئەمەل قىلىشىنى ئۈمىد قىلىمىز.»

سۆھبەتتىكى مۇھىم تېمىلارنىڭ بىرى ئۇيغۇرلارنىڭ تىلغا ئېلىنىشى بولغان. مايك پومپىيو بۇ مەسىلىنى ئالاھىدە ئوتتۇرىغا قويغان بولۇپ، بۇنىڭدا ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ خىتاينىڭ خەلقئارا قانۇندا بەلگىلەنگەن مەسئۇلىيىتىنى ياخشى ئادا قىلمىغانلىقىنى، كىشىلىك ھوقۇق ۋە دىنىي ئەركىنلىك جەھەتتە بەرگەن ۋەدىلىرىگە ئەمەل قىلمىغانلىقىنى ئەسكەرتىپ ئۆتكەن. ئۇنىڭدىن باشقا يەنە خىتاينىڭ ئۇيغۇر دىيارىدىكى كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكى مەسىلىسىنىمۇ ئالاھىدە تەكىتلىگەن.
ئۇ مۇنداق دېگەن: «ئامېرىكا ھۆكۈمىتى ۋە خەلقئارالىق تەشكىلاتلار خىتاينىڭ دۆلەت ئىچىدىكى خرىستىئان، بۇددىست ۋە 800 مىڭدىن بىر مىليونغىچە بولغان مۇسۇلمانلارنىڭ دىنىي ئەركىنلىكىنىڭ دەپسەندە بولۇش مەسىلىسىگە ھەر ۋاقىت دىققەت قىلىپ تۇرىدۇ.»

ئۆتكەن ھەپتە گېرمانىيە پارلامېنتىدا خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان ھەددىدىن ئاشقان باستۇرۇش سىياسىتىنى توختىتىش ھەققىدە بايانات ئېلان قىلىندى. ئۇنىڭدىن بۇرۇن ئەنگلىيە پارلامېنت ئەزاسى ئەلستەير كارمىشەل ئەنگلىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى جېرېمىي خانتقا ئۇيغۇر دىيارىدىكى «قايتا تەربىيە لاگېرلىرى» نى ئەيىبلەپ خەت يازغان ئىدى. شۇنىڭغا ئەگىشىپ ئاۋسترالىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى خىتايدا ئېلىپ بارغان زىيارىتى داۋامىدا جازا لاگېرلىرى ھەققىدىكى ئەندىشىسىنىمۇ ئوتتۇرىغا قويغان ئىدى.

كۆزەتكۈچىلەرنىڭ بايانلىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، ئامېرىكا باشچىلىقىدا نۇرغۇن دۆلەتلەر ئۇيغۇرلارنىڭ نۆۋەتتىكى ۋەزىيىتىنى خەلقئارا سەھنىلەرگە ئېلىپ چىقىپ، بۇ مەسىلىنىڭ پۈتۈن دۇنيانىڭ دىققەت ئېتىبارىنى تارتىدىغان بىر مەسىلىگە ئايلىنىشى ئۈچۈن كۈچ چىقارماقتىكەن. ئۇنداقتا، مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇر جامائىتى بۇ مەسىلىدە قانداق تىرىشچانلىقلارنى كۆرسىتىش كېرەك؟ دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ئىجرائىيە كومىتېتىنىڭ رەئىسى ئۆمەر قانات ئەپەندى بۇ ھەقتە توختىلىپ، مۇنداق دېدى: «ھازىر مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلار ئۆزىنىڭ باشتىن كەچۈرگەن كۈلپەتلىرىنى ئوچۇق-ئاشكارا سۆزلەپ، خەلقئارا جەمئىيەتكە ئاڭلىتىشقا باشلىدى. مېنىڭچە، تەشكىلاتلارنىڭ يۈز ئېغىز سۆزلىگىنىدىن شۇ شارائىتنى ئۆز-كۆزى بىلەن كۆرگەن شاھىتلارنىڭ بىر ئېغىز گۇۋاھلىقى چوڭ تەسىر قوزغايدۇ. شۇڭا مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلار ئۆزى تۇرۇۋاتقان دۆلەتلەردىكى ھۆكۈمەتلەر، سىياسەتچىلەر، پارلامېنت ئەزالىرى ۋە خەلقئارا تەشكىلاتلارغا مۇراجىئەت قىلىشنى داۋاملاشتۇرۇشى كېرەك.»

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.