د ئۇ ق تۈرك تەشكىلاتلىرى بىلەن جازا لاگېرلىرىغا قارشى ھەمكارلىق ئورناتماقتا
2019.02.20

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ رەھبەرلىرى گېرمانىيەنىڭ كۆلن، فرانكفۇرت، نۈرنبېرگ قاتارلىق شەھەرلىرىدىكى تۈرك تەشكىلاتلىرىنىڭ باش شىتابلىرىنى زىيارەت قىلدى.
19-فېۋرالدىن باشلاپ د ئۇ ق رەھبەرلىرى گېرمانىيەنىڭ بىر قانچە چوڭ شەھەرلىرىدىكى تۈرك تەشكىلاتلىرىنىڭ باش شىتابىنى زىيارەت قىلىپ، خىتاينىڭ ئۇيغۇر دىيارىدا تەسىس قىلغان جازا لاگېرلىرىغا قارشى ئورتاق ھەرىكەت قوزغاش ئىشلىرىدا ئۆز-ئارا ھەمكارلىقلار ئورناتقان.
18-فېۋرال ئامېرىكىدىكى بىر ھەپتىلىك زىيارىتىنى ئاخىرلاشتۇرۇپ ميۇنخېن شەھىرىگە قايتىپ كەلگەن د ئۇ ق رەئىسى دولقۇن ئەيسا ئەپەندى، 19-فېۋرالدىن ئېتىبارەن گېرمانىيەنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى تۈرك تەشكىلاتلىرى بىلەن ھەمكارلىق ئورنىتىش مەقسىتىدە پائالىيىتىنى باشلىۋەتكەن.
گېرمانىيەنىڭ كۆلن شەھىرىدىن زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان د ئۇ ق رەئىسى دولقۇن ئەيسا ئەپەندى تۇنجى بولۇپ مەركىزى كۆلندە بولغان «خەلقئارا تۈرك دېموكراتلار بىرلىكى» نى زىيارەت قىلغانلىقىنى ھەمدە مەزكۇر تەشكىلاتنىڭ رەئىسى بۈلەنت بىلگى ئەپەندى بىلەن سۆھبەتلەر ئۆتكۈزۈپ، ئالدىمىزدىكى ئايلاردا گېرمانىيە تەۋەسىدە خىتاينىڭ جازا لاگېرلىرىغا قارشى بىرلىكتە پائالىيەتلەر ئۇيۇشتۇرۇش توغرىسىدا پىكىر بىرلىكى ھاسىل قىلغانلىقىنى تىلغا ئالدى.
بۇ قېتىمقى پائالىيەتتە د ئۇ ق رەئىسى دولقۇن ئەيسا ئەپەندىگە قۇرۇلتاي دىنىي ئىشلار كومىتېتىنىڭ مۇدىرى، «شەرقىي تۈركىستان ئۆلىمالار بىرلىكى» نىڭ مۇئاۋىن رەئىسى تۇرغۇنجان ئالاۋۇدۇن ۋە قۇرۇلتاي فوندىنىڭ مۇدىرى ئابدۇجېلىل ئەمەت ئەپەندىلەرمۇ ھەمراھ بولۇپ بارغان.
تۇرغۇنجان ئالاۋۇدۇن ئەپەندى «خەلقئارا تۈرك دېموكراتلار بىرلىكى» دىن باشقا يەنە بۇ ئىككى كۈندە گېرمانىيەنىڭ باشقا شەھەرلىرىدىكى بىر قىسىم تەسىرى زور تۈرك تەشكىلاتلىرى بىلەنمۇ سۆھبەتلەر ئېلىپ بېرىلغانلىقىنى بىلدۈردى.
قۇرۇلتاي فوندىنىڭ مۇدىرى ئابدۇجېلىل ئەمەت ئەپەندى بۇ قېتىمقى زىيارەتتە ئاساسلىقى خىتاينىڭ ئۇيغۇرلار ئۈستىدىن يۈرگۈزۈۋاتقان زۇلۇم سىياسەتلىرىگە، بولۇپمۇ جازا لاگېرلىرىغا قارشى تۈرك تەشكىلاتلىرى بىلەن ئىش بىرلىكى قۇرۇشنىڭ مۇھىم مەقسەت قىلىنغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.
د ئۇ ق رەھبەرلىرىنىڭ بۇ قېتىمقى زىيارىتى ھەققىدە توختالغان دولقۇن ئەيسا ئەپەندى ئالدىمىزدىكى ئايلاردا تۈرك ۋە باشقا ئىسلام ئەللىرى خەلقلىرى بىلەن ھەمكارلىشىپ، پۈتۈن دۇنيا مىقياسىدا خىتايغا قارشى زور ھەرىكەت دولقۇنى قوزغايدىغانلىقىنى، بۇنىڭ ئۈچۈن «شەرقىي تۈركىستان ھەمكارلىق مۇنبىرى» قۇرۇش خىزمىتىنىڭ جىددىي داۋام قىلىۋاتقانلىقىنى تەكىتلىدى.
د ئۇ ق رەھبەرلىرىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئالدىمىزدىكى 3-ئايلاردا تۈرك ۋە باشقا ئىسلام تەشكىلاتلىرى، كىشىلىك ھوقۇق ئورگانلىرىنىڭ ھەمكارلىقىدا ب د ت ھەمدە ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ مەركىزىدە شۇنداقلا 4-ئايلاردا يەنە ۋاشىنگتوندا كۆلىمى زور بولغان نامايىشلار ئۇيۇشتۇرۇلىدىكەن. دۇنيانىڭ ئوخشىمايدىغان ئەللىرىدە يەنە خىتايغا قارشى ھەر تۈرلۈك ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنلىرى ئۆتكۈزۈلىدىكەن.