ئەنقەرەدە تۇنجى قېتىم «جازا لاگېرلىرى» مەسىلىسى توغرىسىدا مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنى ئۆتكۈزۈلدى

ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئەركىن تارىم
2018.10.29
enqerede-lager-mesilisi.jpg «جازا لاگېرلىرى» مەسىلىسى توغرىسىدا ئەنقەرەدە تۇنجى قېتىم ئۆتكۈزۈلگەن مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا سۆزگە تەكلىپ قىلىنغانلار. 2018-يىلى 28-ئۆكتەبىر، تۈركىيە.
RFA/Erkin Tarim

28-ئۆكتەبىر كۈنى مەركىزى تۈركىيەنىڭ پايتەختى ئەنقەرەدىكى «تۈرك ئوجاقلىرى» تەشكىلاتى تۈركىيەدە پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان 12 ئەتراپىدا ئۇيغۇر تەشكىلاتىنىڭ مەسئۇللىرىنى ئەنقەرەگە چاقىرىپ، «جازا لاگېرلىرى» مەسىلىسى توغرىسىدا مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنى ئۆتكۈزدى. يىغىنغا شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلار مۇنبىرى رەئىسى ھىدايەتۇللا ئوغۇزخان ئەپەندى، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى مۇئاۋىن رەئىسى دوكتور ئەركىن ئەكرەم ئەپەندى، قەيسەرىدىكى شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتى رەئىسى سېيىت تۈمتۈرك ئەپەندى ۋە ئۇيغۇر زىيالىيسى دوكتور ئابدۇرېشىت قارلۇق ئەپەندى ئىشتىراك قىلىپ، «جازا لاگېرلىرى» توغرىسىدا مەلۇمات بەردى.

ئەنقەرەدىكى رتوب مېھمانخانىسىدا ئۆتكۈزۈلگەن مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىغا تۈركىيەنىڭ 70 ئەتراپىدا ۋىلايىتىدىكى «تۈرك ئوجاقلىرى» تەشكىلاتىنىڭ شۆبىلىرىنىڭ مەسئۇللىرى، رادىيو، تېلېۋىزىيە، گېزىت- ژۇرناللارنىڭ مۇخبىرلىرىدىن بولۇپ كۆپ ساندا كىشى ئىشتىراك قىلدى.

مەزكۇر مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا مەتبۇئات باياناتىنى «تۈرك ئوجاقلىرى» تەشكىلاتىنىڭ رەئىسى پروفېسسور دوكتور مەمەت ئۆز ئەپەندى ئوقۇپ ئۆتتى. ئۇ، مۇنداق باشلىدى: «ھۆرمەتلىك مۇخبىرلار، بۈگۈن بۇ يەردە خىتاي شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى دەپ ئاتايدىغان شەرقىي تۈركىستاندا يېقىنقى يىللاردىن بېرى يۈز بېرىۋاتقان ئىنسان ھەق-ھوقۇقلىرى دەپسەندىچىلىكى ۋە 21-ئەسىردىكى ئەڭ ئېغىر سىستېمىلىق ئاسسىمىلياتسىيە ۋە ئىرقىي قىرغىنچىلىق سىياسىتى توغرىسىدا تۈركىيەدىكى شەرقىي تۈركىستان ئاممىۋى تەشكىلاتلىرى بىلەن بىرلىكتە سىلەرگە مەلۇمات بېرىش ئۈچۈن بۇ يەرگە جەم بولدۇق».

پروفېسسور دوكتور مەمەت ئۆز ئەپەندى، باياناتىدا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇرۇندىن تارتىپ ھەر خىل باھانىلەر بىلەن رايوندا ھەددىدىن تاشقىرى بېسىم سىياسىتى ئېلىپ بېرىۋاتقانلىقىنى بايان قىلىپ مۇنداق دېدى: «ھەممىمىزگە مەلۇم بولغىنىدەك شەرقىي تۈركىستان 1949-يىلىدا رۇسلارنىڭ ياردەم قىلىشى بىلەن خىتاي كوممۇنىست پارتىيەسى تەرىپىدىن بېسىۋېلىنغان ئىدى. 1955-يىلى ئاپتونوم رايونغا ئايلاندۇرۇلغان شەرقىي تۈركىستان پۈتمەس-تۈگىمەس چەكلىمە، بېسىم ۋە زۇلۇم ئېلىپ بېرىلىدىغان رايونغا ئايلاندى. خىتاي بۇ يەردىكى بېسىم سىياسىتىنى ‹تۈركىستان› دېگەن سۆزنى چەكلەش بىلەن باشلىغان. خىتاي سىياسىتىنى ‹يەرلىك مىللەتچىلىككە قارشى تۇرۇش›، ‹پانتۈركىزم ۋە پانئىسلامىزمغا قارشى كۈرەش قىلىش›، ‹سوۋېت ئىتتىپاقىغا باغلانغانلارغا قارشى تۇرۇش› دېگەندەك شوئارلار بىلەن داۋاملاشتۇرغان. كېيىن مەدەنىيەت زور ئىنقىلابى مەزگىلىدە ئېغىلغا سىغمايدىغان بېسىم ۋە ئاسسىمىلياتسىيە سىياسىتى يۈرگۈزۈلگەن بولۇپ، ماۋ زېدوڭ ئۆلگەندىن كېيىن، سىرتقا ئېچىۋېتىش سىياسىتى بىلەن ئۇيغۇر خەلقى بىرئاز راھەتلىككە ئېرىشكەن. 1990-يىلى سوۋېت ئىتتىپاقى يىمىرىلگەندىن كېيىن خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستانلىقلارغا ئېلىپ بېرىۋاتقان بېسىم سىياسىتى قايتا كۈچەيگەن».

«تۈرك ئوجاقلىرى» تەشكىلاتى رەئىسى پروفېسسور دوكتور مەمەت ئۆز ئەپەندى باياناتىدا «جازا لاگېرلىرى» ھەققىدە توختىلىپ مۇنداق دېدى: «ئىنسان ھەقلىرى تەشكىلاتلىرىنىڭ مەلۇماتلىرىغا ئاساسلانغاندا 2017-يىلى 4-ئايدىن بۇيان ئىز-دېرەكسىز يوق بولۇپ كەتكەن ياكى خىتاينىڭ ‹جازا لاگېرلىرى›دا ئۆلتۈرۈلگەن 231 ئەتراپىدا زىيالىي ئېنىقلاپ چىقىلغان. ئەگەر، بۇنداقلا داۋاملىشىدىغان بولسا بۇنىڭ بىر ئىرقىي قىرغىنچىلىققا ئايلىنىشى مۇمكىندۇر».

پروفېسسور دوكتور مەمەت ئۆز ئەپەندى مەتبۇئات باياناتىنىڭ ئاخىرىدا تۈركىيە ۋە باشقا تۈركىي جۇمھۇرىيەتلەرنى خىتايغا ئىنكاس قايتۇرۇشقا چاقىرىپ مۇنداق دېدى: «مۇستەقىل خەلقئارالىق تەشكىلاتلار ئوتتۇرىغا قويغان خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستانلىقلارغا ئېلىپ بېرىۋاتقان زۇلۇمىنى ئەيىبلەيمىز. ئەگەر، خىتاي ھۆكۈمىتى تۈركىيە ۋە ئوتتۇرا ئاسىيا تۈركىي جۇمھۇرىيەتلىرى بىلەن ياخشى مۇناسىۋەت ئورنىتىشنى خالىسا تۈركىيە ۋە تۈركىي جۇمھۇرىيەتلىرى رەھبەرلىرىنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتىدىن ئۇنىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى تۈركىي مىللەتلەرنىڭ مىللىي كىملىكىگە ھۆرمەت قىلىشى كېرەكلىكىنى تەلەپ قىلىش مەجبۇرىيىتى بار».

ئارقىدىن دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى مۇئاۋىن رەئىسى ئەركىن ئەكرەم ئەپەندى سۆزلەپ: «ئۇيغۇر دىيارىنىڭ تۈركلەرنىڭ ئاتا يۇرتى ئىكەنلىكىنى، تۈركلەرنىڭ ئاتا يۇرتىدىكى ئىنسانلار ئېغىر ئەھۋالدا قالغان بۈگۈنكى كۈندە خىتاي ھۆكۈمىتىگە ئىنكاس قايتۇرۇلمايۋاتقان بولسا، ئۇ ھالدا ئىنسانلىقتا مەسىلە بار ئىكەنلىكى» نى ئىلگىرى سۈردى.

ئارقىدىن 12 ئەتراپىدا تەشكىلات بىرلىكتە قۇرغان شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلار مۇنبىرى رەئىسى ھىدايەتۇللا ئوغۇزخان ئەپەندى سۆزلىدى. ئۇ، «تۈركىيە ھۆكۈمىتىنىڭ تىجارەت مەنپەئەتىنى دەپ، شەرقىي تۈركىستاندىكى تراگېدىيەگە كۆز يۇمماسلىقى كېرەكلىكى» نى بايان قىلىپ مۇنداق دېدى: «شەرقىي تۈركىستان خەلقى ۋە چەتئەلدىكى شەرقىي تۈركىستانلىقلار تۈركىيەنىڭ خىتايغا ئىنكاس قايتۇرۇشىنى ئۈمىد بىلەن كۈتمەكتە. 50 مىڭ ئەتراپىدا ئۇيغۇر تۇرۇۋاتقان 80 مىليون نوپۇسقا ئىگە تۈركىيەدە كىشىلەر كوچىغا چىقىپ نامايىش قىلمامدۇ؟ خىتايغا بىرنەرسە دېمەمدۇ؟ يۇقىرىدا ئوتتۇرىغا قويۇلغان ‹لاگېر مەسىلىسى›دە مىليونلىغان ئادەم لاگېرغا تاشلانغان تۇرسا، ئۇيغۇرلارنىڭ ئىپپىتى تاجاۋۇزغا ئۇچراۋاتسا، بۇنىڭغا تىجارەت مەنپەئەتىنى دەپ قاراپ تۇرۇشقا بولامدۇ؟ شۇڭا بىز تۈركىيە دۆلەت رەئىسى رەجەپ تاييپ ئەردۇغاننىڭ، دۆلەت باغچەلىنىڭ تۈركىيە پارلامېنتىدا ‹جازا لاگېرلىرى› مەسىلىسى توغرىسىدا مۇزاكىرە ئېلىپ بېرىپ، خىتايغا نارازىلىق بىلدۈرۈشىنى تەلەپ قىلىمىز».

مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىغا تۈركلەردىن سىرت ئەنقەرە، قەھرىمەن ماراش ۋە ئىستانبۇلدىن كەلگەن ئۇيغۇرلارمۇ ئىشتىراك قىلدى. قەھرىمەن ماراشتىكى سۈتچى ئىمام ئۇنىۋېرسىتېتى ئوقۇتقۇچىسى دوكتور ئالىمجان بۇغرا ئەپەندى يىغىندا لاگېر مەسىلىسىنىڭ ئىخچام ۋە تەسىرلىك قىلىپ ئاڭلىتىلغانلىقىنى بايان قىلدى.

يېقىندىن بېرى تۈركىيە پارلامېنتىدىكى «ئىيى» پارتىيەسىنىڭ رەئىسى مەرال ئاقشەنەر خانىم، مەزكۇر پارتىيەنىڭ پارلامېنتتىكى ۋەكىلى ياۋۇز ئاغىرئالى ئوغلۇ، جۇمھۇرىيەت خەلق پارتىيەسىدىن بولغان پارلامېنت ئەزاسى گۈرسەل تېكىن ۋە خەلق دېموكراتىيەسى پارتىيەسىدىن بولغان بىر نەپەر پارلامېنت ئەزاسى تۈركىيە پارلامېنتىدا «جازا لاگېرلىرى» مەسىلىسىنى ئوتتۇرىغا قويغان بولسىمۇ، ئەمما تۈركىيەدىكى ئاممىۋى تەشكىلاتلار «جازا لاگېرلىرى» مەسىلىسىدە مەخسۇس بايانات بېرىش يىغىنى چاقىرمىغان ئىدى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.