گېرمانىيە سىياسىي سەھنىسىدە ئۇيغۇرلارغا مۇناسىۋەتلىك يېڭىلىقلار
2019.02.06

ئۆتكەن يىلى 11-ئاينىڭ 6-كۈنى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشى يىغىنىدا ئۇيغۇرلارنىڭ كىشىلىك ھەق-ھوقۇقلىرى مەخسۇس مۇزاكىرىگە قويۇلغان ئىدى. شۇنىڭدىن بىر كۈن ئۆتۈپلا، يەنى 11-ئاينىڭ 7-كۈنى گېرمانىيە پارلامېنتىدا پارلامېنت ئەزالىرى ۋە تەھدىت ئاستىدىكى مىللەتلەر تەشكىلاتىنىڭ مەسئۇلى ئۇلرىخ دېلىئۇس ئەپەندىلەرنىڭ ئىشتىراك قىلىشى بىلەن ھازىرلانغان ئەتىگەنلىك چاي سۆھبىتى نەتىجىسىدە گېرمانىيەنىڭ سىياسىي سەھنىسىدە «ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق ھەپتىسى» باشلانغان ئىدى.
ئۆتكەن يىلى 11-ئاينىڭ 8-كۈنى ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسى، گېرمانىيە دۆلەت تارىخىدا تۇنجى قېتىم پارلامېنتنىڭ كۈنتەرتىپىگە كىرگۈزۈلۈپ، مەخسۇس مۇنازىرىگە قويۇلغان ئىدى. ئىلتىماستا گېرمانىيە ھۆكۈمىتىنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتىنى قايىل قىلىپ، خىتايدىكى ئۇيغۇرلارغا قارىتىلغان چېكىدىن ئاشقان زوراۋانلىق ھەرىكەتلىرىنى دەرھال توختىتىشقا چاقىرىش، خىتاي ھۆكۈمىتىنى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى بىلەن مۇستەقىل كىشىلىك ھوقۇق كۆزەتكۈچىلىرىنى ئۇيغۇر ئېلىگە بېرىپ مەخسۇس تەكشۈرۈشىگە يول قويۇشقا ماقۇل كەلتۈرۈش، ئۇيغۇر ۋە قازاقلارنى تۈركۈملەپ تۇتقۇن قىلىش ھەرىكەتلىرىنى دەرھال توختىتىش، بارلىق تۇتۇپ تۇرۇش ئورۇنلىرى ۋە جازا لاگېرلارنى تاقاش ۋە قولغا ئېلىنغانلارنى شەرتسىز قويۇپ بېرىش شۇنداقلا يەنە گېرمانىيە ھۆكۈمىتىگە قاراشلىق ھەرقايسى مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلارغا مەخسۇس بۇيرۇق چۈشۈرۈپ، سىياسىي پاناھلىق تىلىگۈچى ئۇيغۇرلارنى قايتۇرماسلىق تەلەپ قىلىنغان ئىدى.
بۇ يۈكسىلىش ئارقىدىنلا گېرمانىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ھايكو مائاسنىڭ خىتاي زىيارىتىدە ئۇيغۇر دىيارىدىكى لاگېرلار مەسىلىسىنى ئالاھىدە تىلغا ئېلىشى، بۇنىڭغا ئۇلىنىپلا تىبەت پايتەختى لاسادا ئۆتكۈزۈلگەن گېرمانىيە-خىتاي كىشىلىك ھوقۇق سۆھبىتىدە گېرمانىيە پارلامېنتىنىڭ كىشىلىك ھوقۇق ۋەكىلى كوفلەر خانىمنىڭ ئۇيغۇر مەسىلىسىنى ئالاھىدە تەكىتلىگەنلىكى ۋە ھەتتا ئۇيغۇر دىيارىغا بېرىپ نەق مەيدان تەكشۈرۈش ئارزۇسىنى ئوتتۇرىغا قويۇشى بىلەن تېخىمۇ چوڭ تەسىر قوزغىغان ئىدى. بۇ مەسىلە يەنە گېرمانىيە پرېزىدېنتى ئۇلرىك ۋالتېر ستاينمېير ئەپەندىنىڭ خىتاي زىيارىتى جەريانىدا ئۇيغۇر مەسىلىسىنى قىسمەن بولسىمۇ تىلغا ئېلىشى بىلەن داۋام قىلدى. گېرمانىيەدىكى كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىلىرى ۋە ئۇيغۇر سىياسىي ئاكتىپلىرى يۇقىرىقى تىرىشچانلىقلار نەتىجىسىدە ئالدى بىلەن ئۇيغۇر سىياسىي پاناھلىق تىلىگۈچىلەرنىڭ قەتئىي قايتۇرۇلماسلىقى ۋە 4-ئايدا دىققەتسىزلىكتىن قايتۇرۇۋېتىلگەن ئادىل ئىسىملىك ئۇيغۇر يىگىت ھەققىدە دەسلەپكى ئۇچۇرغا ئېرىشىشتەك نەتىجىلەر بىلەن كونا يىلنى ئۇزىتىپ، يېڭى يىلغا كىرگەنىدى.
2019-يىلى 1-ئاينىڭ 16-كۈنى گېرمانىيە يېشىللەر پارتىيەسى تەرىپىدىن پارلامېنتقا سۇنۇلغان يۇقىرىقى ئىلتىماس خرىستىئان دېموكراتلار بىرلىكى ۋە خرىستىئان سوتسىيالىستلار بىرلىكى، سوتسىيال دېموكراتلار پارتىيەسى ۋە گېرمانىيە ئۈچۈن ئالتېرناتىف پارتىيەلىرىنىڭ رەت قىلىشى، ئەركىن دېموكراتلار بىلەن يېشىللەر پارتىيەلىرىنىڭ قوبۇل ئاۋاز بېرىشى شۇنداقلا سول پارتىيەنىڭ سۈكۈتتە تۇرۇۋېلىشى بىلەن رەت قىلىندى.
ئەمما بۇ رەت قىلىش ئەلۋەتتە ئۇيغۇرلار ۋە ئۇيغۇر دىيارى دۇچ كېلىۋاتقان كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىرى ھەققىدە ئېلىپ بېرىلىدىغان مۇلاھىزە ۋە مۇنازىرىلەر بۇ دۆلەت پارلامېنتىدا تىلغا ئېلىنمايدۇ دېگەنلىك ئەمەس ئىدى.
گېرمانىيە پارلامېنتىنىڭ 1-ئاينىڭ 23-كۈنى ئېلان قىلغان، يېشىللەر پارتىيەسى مۇزاكىرىگە سۇنغان ئىلتىماس ھەققىدىكى 19/7294 نومۇرلۇق ئاخىرقى تەۋسىيە ۋە دوكلات ھۆجىتىدە 16-يانۋاردىكى مۇزاكىرە ئاساسىدا قەلەمگە ئېلىنغان يۇقىرىقى رەت قىلىش سەۋەبلىرى ئورۇن ئالغان ئىدى.
مەزكۇر دوكلاتتا مۇنداق دېيىلگەن: «خىتاي ئەلچىخانىسىنىڭ يەنى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ مۇنازىرىگە كۆرسەتكەن ئىنكاسى تولىمۇ ھەددىدىن ئاشقانلىق. خىتاي بۇ قىلمىشى ئارقىلىق گېرمانىيەدىكى ئەركىن سايلانغان پارلامېنت ئەزالىرىنىڭ قانداق تېما ھەققىدە سۆزلەش ۋە سۆزلىمەسلىكنى بەلگىلەپ بېرىشكە ئۇرۇندى». دوكلاتتا يەنە ئۇيغۇر دىيارىدا يۈز بېرىۋاتقان چېكىدىن ئاشقان ئىنسان ھەقلىرىنى دەخلى-تەرۇز قىلىش قىلمىشلىرىدىن خەۋەردار بولغانلىقلىرى بايان قىلىنىپ، بۇ خىل زوراۋانلىقلارنىڭ پەقەتلا ئۇيغۇرلارنىڭ ۋە ياكى مۇسۇلمانلارنىڭلا بېشىغا كېلىپ قالماي، بەلكى يەنە قازاق ۋە تىبەتكە ئوخشاش مىللەتلەرنىڭ، خرىستىئان مۇرىتلىرىنىڭمۇ خارلىنىۋاتقانلىقى تەكىتلىنىپ، خىتايدىكى ئىنسان ھەقلىرى مەسىلىلىرىنى تېخىمۇ ئەتراپلىق ۋە تەپسىلىي يورۇتۇپ بېرىدىغان مۇنازىرە ئىلتىماسلىرى تەييارلاش كېرەكلىكى يېزىلغان.
ھۆججەتتە يەنە ئۇيغۇر دىيارىدا خۇددى فانتازىيە فىلىملىرىدىنمۇ كۆرگىلى بولمايدىغان دەرىجىدىكى شەخسىي ئۇچۇرلارنى تىزگىنلەشنىڭ داۋام قىلىۋاتقانلىقى، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ يول بىلەن ئىنسانلارنى كونترول قىلىشقا ئۇرۇنۇۋاتقانلىقى بايان قىلىنىپ، گېرمانىيەنىڭ بۇنىڭغا ئوخشىشىپ كېتىدىغان مەسىلىلەرگە نىسبەتەن بۇرۇنقىدىنمۇ قاتتىق قوللۇق بىلەن مۇئامىلە قىلىشى كېرەكلىكى تەكىتلەنگەن.
مەزكۇر ھۆججەتتە يەنە گېرمانىيە ئۈچۈن ئالتېرناتىف پارتىيەسىمۇ خىتاي ئەلچىخانىسىنىڭ گېرمانىيە پارلامېنتىنىڭ خىزمىتىگە ئارىلىشىشقا ئۇرۇنۇشىنى ھەددىدىن ئاشقانلىق دەپ قارايدىغانلىقىنى، گېرمانىيە پارلامېنتىنىڭ بۇ تېمىنى مۇزاكىرە قىلىشقا ھەقلىق ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن.
يېشىللار پارتىيەسىنىڭ ئىلتىماسىنى قوللاپ ئاۋاز بەرگەن ئەركىن دېموكراتلار پارتىيەسى خىتايدىكى بارلىق ئىنسان ھەقلىرى دەپسەندىچىلىكى ھەرىكەتلىرىنى بىرلا ئىلتىماس بىلەن ئىپادىلەپ بولۇشنىڭ مۇمكىن ئەمەسلىكىنى بايان قىلغان. ھۆججەتنىڭ ئاخىرىدا يەنە ئۇيغۇر دىيارىدىكى ۋەزىيەتنىڭ يېقىنقى ۋاقىتلاردا ئادەمنىڭ قورققىسىنى كەلتۈرگۈدەك دەرىجىدە يامانلىشىپ كەتكەنلىكى يەنە بىر قىسىم ئەسلىتىلگەن.
ھۆججەتتە ئورۇن ئالغان دوكلاتنىڭ مەزمۇنىدىن قارىغاندا، گېرمانىيە پارلامېنتى ئالدىمىزدىكى كۈنلەردە ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇقلىرى ھەققىدە ئېلىپ بېرىلىدىغان تېخىمۇ كۆپ ۋە كەسكىن مۇنازىرىلەرگە سەھنە بولىدىغانلىقى مەلۇم بولماقتا.
تەھدىت ئاستىدىكى مىللەتلەر تەشكىلاتىنىڭ بېرلىندا تۇرۇشلۇق ۋەكىلى ستەفان زىبېنروك ئەپەندى زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، ئۆز قاراشلىرىنى ئوتتۇرىغا قويدى.
ئۇ مۇنداق دېدى: «ئۆتكەن يىلى 11-ئاينىڭ بېشىدا ئېلىپ بېرىلغان پائالىيەتلەر ياخشى بىر باشلىنىش. بۇ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ جەنۋەدىكى پائالىيىتىنىڭ داۋامى بولغان ئىدى. كىشىنى خۇشال قىلىدىغىنى شۇكى، نۇرغۇن دۆلەتلەر ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇقىغا ئالاھىدە دىققەت قىلىۋاتىدۇ. ئۇنى ھەرگىزمۇ كىچىك بىر ئىش دەپ كۆرمەسلىككە سېلىش پوزىتسىيەسىدە بولماستىن، بەلكى ئىنسانىي ھەق-ھوقۇقلارغا بارغانسېرى كۆڭۈل بۆلۈۋاتىدۇ. بىز يۇقىرىقى ئىلتىماسنىڭ پارلامېنتتا داۋاملىق مۇنازىرىگە قويۇلمايدىغانلىقىدىن خەۋەر تاپتۇق. ئەلۋەتتە، بىز بۇ ئەھۋالنى دەرھال تەكشۈرىمىز. ۋە ئۇنىڭ رەت قىلىنىش سەۋەبىنى ئېنىقلاپ چىقىشقا تىرىشىمىز. بىز ئىلتىماسنىڭ داۋاملىق مۇنازىرىگە قويۇلۇشى ئۈچۈن يېتەرلىك قوللىغۇچى تاپالايدىغانلىقىمىزغا ئىشىنىمىز.»
ئۇ يەنە بۇندىن كېيىنكى خىزمەت پىلانىنى مۇنداق خۇلاسىلىدى: «مەن ئۆزۈم شەخسەن تۆۋەندىكىدەك 3 تۈرلۈك ئىلگىرىلەش يۆنىلىشىمىز بار دەپ قارايمەن. ئالدى بىلەن بىز دۇنيا كىشىلىك ھوقۇق خىتابنامىسى ماقۇللانغانلىقىغا 70 يىل بولغان بۇ دەۋردە، ئىككىنچى دۇنيا دۇنيا ئۇرۇشىنىڭ تەجرىبىلىرىدىن ناھايىتى ياخشى دەرس ئالغان بىر دۆلەتتە ناھەقچىلىكلەرگە قارشى تۇرىدىغان، ئىقتىسادىي مەنپەئەتنى دەپ ئىنسان ھەقلىرىنى نەزەردىن ساقىت قىلمايدىغان كىشىلەرنىڭ يەنىلا كۆپ سانلىقنى تەشكىل قىلىدىغانلىقىغا ئىشىنىمىز. بىز مۇناسىۋەتلىك شەخس ۋە ئورۇنلار بىلەن ئالاقىلىشىپ، ئۇيغۇر دىيارىدا يۈز بېرىۋاتقان ئىشلارنى تېخىمۇ تەپسىلىي سۈرۈشتۈرىمىز ۋە بۇ مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشنىڭ يوللىرىنى ئىزدەيمىز. ئۇنىڭدىن باشقا بىز يەنە ئىزچىل ھالدا سۈكۈت قىلىپ تىنچ تۇرۇۋېلىش يولىنى تاللىۋالغان ئىسلام دۆلەتلىرىنى ھەرىكەتكە كەلتۈرۈشكە تىرىشىمىز. ئۇلارنى خۇددى مالايسىيا، ھىندونېزىيە، قىسمەن بولسىمۇ قازاقىستان ۋە قىرغىزىستانلارغا ئوخشاش ئۆز دىنىي قېرىنداشلىرى بولغان ئۇيغۇرلارنى قوغداشقا ۋە قوللاشقا چاقىرىمىز. بۇ بىزنىڭ ئالدىمىزدىكى ئايلاردا قىلماقچى بولغان ئىشلىرىمىزدۇر.»