ئورمانچىلىق نازارىتىنىڭ سابىق نازىرى مەمەت ئابدۇللانىڭ «ئىككىيۈزلىمىچىلىك» سەۋەبىدىن تۇتقۇندا ئىكەنلىكى دەلىللەندى
2018.12.06

ئۇيغۇر رايونىدا بۇلتۇردىن باشلانغان ئاتالمىش «ئىككىيۈزلىمىچىلەرگە قارشى ھەرىكەت» دولقۇنىدا ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئورمانچىلىق نازارىتىنىڭ سابىق نازىرى مەمەت ئابدۇللانىڭ بۇلتۇر 5-ئايدا تۇتقۇن قىلىنغانلىقى جەمئىيەت خەۋەرلىرىدە تارقىلىپ يۈرگەن ئىدى. مۇخبىرىمىزنىڭ ئۇيغۇر رايوندىكى ھەر دەرىجىلىك ئىدارە-ئورگانلارغا قارىتا ئېلىپ بارغان ئېنىقلاشلىرى داۋامىدا بۇ يىل 68 ياشقا كىرگەن، پېنسىيەگە چىققان نازىر مەمەت ئابدۇللانىڭ «ئىككىيۈزلىمىچىلىك» بىلەن ئەيىبلىنىپ تۇتقۇن قىلىنغانلىقى دەلىللەندى.
كورلاغا قارىتا ئېلىپ بارغان ئەھۋال ئېنىقلاشلىرىمىز داۋامىدا، كورلادىكى مەلۇم بىر ئەمەلدارنىڭ ئۈرۈمچىدە تۇتقۇندىكى ئورمانچىلىق نازارىتىنىڭ نازىرى مەمەت ئابدۇللا سەۋەبلىك تۇتقۇن قىلىنغانلىقى ئاشكارىلاندى. مەلۇم بولۇشىچە، بۇ يىل 68 ياشقا كىرگەن مەمەت ئابدۇللا 1950-يىلى كورلادا تۇغۇلغان. 1983-يىلىدىن 1993-يىلىغىچە كورلادا ئىككى نۆۋەت شەھەر باشلىقى بولۇپ ۋەزىپە ئۆتىگەن. ئۇ 1993-يىلىدىن 1997-يىلىغىچە كورلادا تارىم ۋادىسىنى باشقۇرۇش ئىدارىسىنىڭ باشلىقى بولغان. 1997-يىلىدىن 2008-يىلىغىچە ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئورمانچىلىق نازارىتىنىڭ نازىرى بولۇپ ۋەزىپە ئۆتىگەن. 2008-يىلى 3-ئايلاردا دەم ئېلىشقا چىققان.
بىز ئۇشبۇ خەۋەرنى ئاڭلىغاندىن كېيىن، ئورمانچىلىق نازارىتىگە تېلېفون قىلدۇق. نازارەتتىكى نۆۋەتچى خادىم، سابىق نازىر مەمەت ئابدۇللانىڭ تۇتقۇندا ئىكەنلىكىنى دەلىللىدى.
كورلادىكى ۋەزىيەتتىن خەۋەردار كىشىلەر مەمەت ئابدۇللانىڭ كورلادا شەھەر باشلىقى ۋە ئورمانچىلىق نازارىتىگە نازىر مەزگىلىدە، ئەتراپىغا ئۇيغۇر كادىرلارنى كۆپلەپ يىغقانلىقى، ئۇيغۇر كادىرلارنى مۇھىم ئورۇنلارغا مۇھىم ۋەزىپىگە تەيىنلىگەنلىكى ئۈچۈن، ئۆتكەن يىللىق سىياسىي دولقۇندا ئىككىيۈزلىمىچىلىك بىلەن ئەيىبلەنگەنلىكىنى ئىلگىرى سۈردى. ئەمما نازارەتنىڭ نۆۋەتچى خادىمى، سابىق نازىر مەمەت ئابدۇللانىڭ نېمە ئۈچۈن تۇتۇلغانلىقىنى جەمئىيەتكە ئاشكارىلاشقا بولمايدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى.
مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇر كۆزەتكۈچىلەر دائىرىلەرنىڭ ئادەتتە ئىجتىمائىي ياكى ئىقتىسادىي جىنايەت بىلەن ئەيىبلەنگەنلەرنى جەمئىيەتتىن مەخپىي تۇتمايدىغانلىقى، پەقەت سىياسىي جىنايەتچىلەرنىڭلا قىلمىشىنى جەمئىيەتتىن سىر تۇتىدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈپ كەلگەن.
نازارەتنىڭ نۆۋەتچى خادىمى سابىق نازىر مەمەت ئابدۇللانىڭ قاچان ۋە نېمە ئۈچۈن تۇتۇلغانلىقى ھەققىدىكى سوئالىمىزنى ئىزچىل ھالدا رەت قىلدى. مەمەت ئابدۇللانىڭ 8 يىل بۇرۇن پېنسىيەگە چىققانلىقى ۋە شۇنىڭدىن كېيىن ئۇنى كۆرۈپ باقمىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويغان مەزكۇر خادىم، مەمەت ئابدۇللانىڭ تۇتقۇن قىلىنغانلىقى ھەققىدە ئىدارىدە ئومۇميۈزلۈك ئۇقتۇرۇش چىقىرىلغانلىقىنىمۇ يوشۇرمىدى.
كورلادىكى ۋەزىيەتتىن خەۋەردار كىشىلەر سابىق نازىر مەمەت ئابدۇللانىڭ ئادەتتە جامائەتچىلىككە ئىنتايىن ئېتىبار بېرىدىغان ۋە جامائەت پىكىرىگە ھۆرمەت قىلىدىغان كىشى ئىكەنلىكى، شۇڭا يۇرتتىكى دىنىي زات ۋە يۇرت مۆتىۋەرلىرى بىلەن يېقىن مۇناسىۋەتتە بولۇپ كەلگەنلىكى، يېقىنقى يىللاردا تۇتقۇن قىلىنغان دىنىي زاتلار ئارىسىدا ئۇ يېقىن ئۆتكەن ۋە رەسمىيەت ئىشلىرىغا ياردەم قىلغان دىنىي زاتلارمۇ بولغانلىقى ئۈچۈن، ئۇنىڭ «ئىككىيۈزلىمىچىلىك» بىلەن ئەيىبلەنگەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويدى. ئەمما ئورمانچىلىق نازارىتىنىڭ ئالاقىدار خادىمى مەمەت ئابدۇللانىڭ نېمە ئۈچۈن تۇتۇلغانلىقىنى، نازارەت پارتكومىنىڭ ئىنتىزام تەكشۈرۈش بۆلۈمىنىڭلا جاۋاب بېرەلەيدىغانلىقىنى تەكىتلىدى.
بىز ئورمانچىلىق نازارىتىنىڭ ئىنتىزام تەكشۈرۈش بۆلۈمىگە تېلېفون قىلغىنىمىزدا، ئالاقىدار خادىم مەمەت ئابدۇللانىڭ تۇتقۇندا ئىكەنلىكىنى يوشۇرمىدى، ئەمما ئۇ خادىم مەمەت ئابدۇللانىڭ دېلوسىنى سىرتقا ئاشكارىلاشقا بولمايدىغانلىقىنى تەكىتلىدى.
ھەر ئىككى خادىمنىڭ بايان قىلىشىچە، مەمەت ئابدۇللانىڭ تۇتقۇن قىلىنغانلىقى نازارەتتىكى يىغىنلاردا ئاشكارا ئېلان قىلىنغان. شۇنداق تۇرۇقلۇق بۇ خادىملار، سابىق نازىر مەمەت ئابدۇللا ھەققىدە ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتىدىن مەلۇمات سورىشىمىزنى تەۋسىيە قىلدى. تېلېفونىمىزنى قوبۇل قىلغان ھەر ئىككى خادىم، مەمەت ئابدۇللانىڭ «ئىككىيۈزلىمىچىلىك» بىلەن ئەيىبلەنگەنلىكى ھەققىدىكى ئۇچۇرنى رەت قىلمىدى.
يەنە كورلادىكى ۋەزىيەتتىن خەۋەردار كىشىلەرنىڭ بايان قىلىشىچە، مەمەت ئابدۇللا كورلىغا شەھەر باشلىقى ۋە ئورمانچىلىق نازارىتىگە نازىر مەزگىلىدە بىرقانچە قېتىم خىزمەت مۇناسىۋىتى بىلەن، ياۋروپا دۆلەتلىرىگە زىيارەتكە چىققان. شۇڭا ۋەزىيەتتىن خەۋەردار كىشىلەر مەمەت ئابدۇللانىڭ تۇتۇلۇشىغا ئەنە شۇ ياۋروپا ساياھىتىنىڭ سەۋەب بولغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈشمەكتە. يەنە بەزىلەر بولسا، ئۇنىڭ 2008-، 2009-، 2013- ۋە 2015-يىللىرى ئامېرىكىدا ياشاۋاتقان پەرزەنتلىرىنى يوقلاشقا بارغانلىقى ۋە مۇشۇ زىيارەت داۋامىدىكى ئىجتىمائىي ئالاقىلىرى سەۋەبىدىن تۇتقۇن قىلىنغانلىقىنى پەرەز قىلىشماقتا.
مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇر كۆزەتكۈچىلىرىنىڭ قارىشىچە، خىتاي دائىرىلىرى 2000-يىللاردىن 2016-يىلىغا قەدەر ئۇيغۇر جەمئىيىتىنىڭ دىنىي ساھەسىگە ۋە خىتايغا قارشى سىياسىي مەيدانى نىسبەتەن ئوچۇق بولغان كىشىلەرگە ئومۇميۈزلۈك زەربە بېرىپ بولغاندىن كېيىن، 2017-يىلدىن باشلاپ، «ئىككىيۈزلىمىچىلەر» گە قارشى تۇرۇش نامى ئاستىدا، ئۇيغۇرلار ئىچىدىكى ئۆزلىرى ھەمكارلىشىپ كەلگەن ئەمەلدارلار، كۆزگە كۆرۈنگەن تىجارەتچىلەر ۋە زىيالىيلارغىمۇ زەربە بېرىشكە ئۆتكەن. مەلۇم بولۇشىچە نازىر مەمەت ئابدۇللابۇ زەربە دولقۇنىدا تۇتقۇن قىلىنغانلىقى دەلىللەنگەن بىرقانچە سابىق يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارلاردىن بىرىدۇر.