ئىستانبۇلدا «خىتاي جازا لاگېرلىرىدىكى شەرقىي تۈركىستانلىقلارنىڭ ئاقىۋىتى» ناملىق يىغىن ئۆتكۈزۈلدى

ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئارسلان
2018.10.29
lager-istanbul-yighin.jpg «خىتاي جازا لاگېرلىرىدىكى شەرقىي تۈركىستانلىقلارنىڭ ئاقىۋىتى» ناملىق يىغىندا ئەگە ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پروفېسسورى، ئۇيغۇر ئاكادېمىيەسىنىڭ رەئىسى دوكتور ئالىمجان ئىنايەت ئەپەندى رىياسەتچىلىك قىلماقتا. 2018-يىلى 27-ئۆكتەبىر، ئىستانبۇل.
RFA/Arslan

مەركىزى ئىستانبۇلدىكى ئۇيغۇر ئاكادېمىيەسىنىڭ ئۇيۇشتۇرۇشى بىلەن 27-ئۆكتەبىر كۈنى ئىستانبۇلدا «خىتاي جازا لاگېرلىرىدىكى شەرقىي تۈركىستانلىقلارنىڭ ئاقىۋىتى» ناملىق مۇھاكىمە يىغىنى ئۆتكۈزۈلدى.

مەزكۇر يىغىنغا ئەگە ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پروفېسسورى، ئۇيغۇر ئاكادېمىيەسىنىڭ رەئىسى دوكتور ئالىمجان ئىنايەت ئەپەندى رىياسەتچىلىك قىلدى. يىغىندا خىتاينىڭ جازا لاگېرىدا 8 ئاي يېتىپ چىققان قازاقىستان پۇقراسى ئۆمەر بەكئالى ئۆزىنىڭ لاگېردىكى قاباھەتلىك كەچمىشلىرى توغرىسىدا توختىلىپ ئۆتتى. ئۇنىڭ ئازابلىق كەچۈرمىشلىرى يىغىن ئەھلىنى سۈكۈتكە چۆمدۈردى.

ئاندىن پروفېسسور ئالىمجان ئىنايەت «خىتاينىڭ جازا لاگېرلىرىدىكى ئۇيغۇر بىلىم ئادەملىرى )ئاكادېمىكلىرى» نىڭ جىنايىتى نېمە؟» دېگەن تېمىدا دوكلات بەردى.

يىغىندا يەنە نەۋشەھەر ھاجى بەكتاش ۋەلى ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ دوتسېنتى ئادەم ئۆگەر «شەرقىي تۈركىستاندىكى ئۇيغۇر فولكلورى تەتقىقاتچىلىرىنىڭ بۈگۈنكى ئاقىۋىتى» دېگەن تېمىدا، ئىستانبۇل ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئوقۇتقۇچىسى ئالى ئەھمەدبەگئوغلى «شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسى ۋە تۈركىيەنىڭ قىلىشقا تېگىشلىك ئىشلىرى» دېگەن تېمىدا، بەيكەنت ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئوقۇتقۇچىسى مەغپىرەت كامال يۇنۇسئوغلى «جازا لاگېرلىرىدىكى ئۇيغۇر ئايال زىيالىيلىرى» دېگەن تېمىدا، «خەۋەر ئاجاندا» ژۇرنىلىنىڭ يازغۇچىسى دوكتور پەرھات قۇربان تەڭرىتاغلى «جازا لاگېرىدىكى تاجسىز سۇلتان-ئابدۇرېھىم ھېيت» دېگەن تېمىدا دوكلات بەردى.

يىغىندا دوكلات بەرگۈچىلەرنىڭ كۆپىنچىسى ئۇيغۇر دىيارىنىڭ ئەسلى قانۇنلۇق ئىگىلىرى بولغان ئۇيغۇر، قازاق ۋە باشقا يەرلىك تۈركىي خەلقلەرنىڭ خىتاي يۈرگۈزۈۋاتقان ئىرقىي ئايرىمىچىلىق، مەدەنىيەت بۇزغۇنچىلىقى، ئاسسىمىلياتسىيە ۋە يوق قىلىش سىياسىتىنىڭ نەتىجىسىدە تارىختىكى ئەڭ ئېغىر خىرىسقا دۇچ كېلىۋاتقانلىقى ئوتتۇرىغا قويۇلدى.

يىغىندا يەنە مىليونلارچە بىگۇناھ ئۇيغۇر زىيالىيلىرى، بىلىم ئىگىلىرى، ئەدەبىيات-سەنئەتچىلەر، تەنتەربىيە ساھەسىدىكى چولپانلار ۋە تىجارەتچىلەرنىڭ تۇتقۇن قىلىنىپ خىتاينىڭ جازا لاگېرلىرى ۋە تۈرمىلىرىدە ئېغىر روھىي ۋە جىسمانىي ئازابلارغا دۇچار بولۇۋاتقانلىقى، ئىچكى ئەزالىرىنىڭ ئوغرىلىنىۋاتقانلىقى، ئاتا-ئانىلىرىدىن ئايرىلىپ ئىگە-چاقىسىز قالغان نارەسىدە يېتىم بالىلارنىڭ ئۆسمۈرلەر لاگېرلىرىغا سۇلانغانلىقى ياكى خىتاينىڭ ئىچكىرى ئۆلكىلىرىگە يۆتكەپ كېتىلگەنلىكى دەلىل-ئىسپاتلار ئارقىلىق ئوتتۇرىغا قويۇلدى.

ئۇيغۇر ئاكادېمىيەنىڭ رەئىسى ئالىمجان ئىنايەت خىتاينىڭ ھازىر ئۇيغۇرلار ئۈستىدىن رەسمىي يوق قىلىش سىياسىتى يۈرگۈزۈۋاتقانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى. ئۇ جازا لاگېرلىرىغا قامالغان بىگۇناھ ئۇيغۇر زىيالىيلىرى، يازغۇچىلىرى ۋە سەنئەتچىلەرنىڭ ئىسىملىرىنى ئوقۇپ ئۆتتى ھەمدە خىتاينىڭ بۇ قىلمىشلىرىغا قەتئىي قارشى تۇرىدىغانلىقىنى ئىپادىلىدى.

يىغىن ئاخىرىدا ئۇيغۇر ئاكادېمىيەسىنىڭ ئىجرائىيە رەئىسى ئابدۇلھەمىت قاراخان يىغىننىڭ خۇلاسە دوكلاتىنى ئوقۇپ ئۆتتى. خۇلاسە دوكلاتىدا خىتاينىڭ جازا لاگېرلىرىغا كىملەرنىڭ قامالغانلىقى توغرىسىدا تەپسىلىي مەلۇمات بېرىلدى. ئۇنىڭدا تۈركىيە، سەئۇدى ئەرەبىستان قاتارلىق 26 دۆلەتكە بېرىپ كەلگەنلەر، چەتئەللەردە ئۇرۇق-تۇغقانلىرى بولغانلار، «قانۇنسىز دىنىي پائالىيەت» كە قاتناشقانلار، گۇمانلىق كىشىلەر، 1980- يىللىرى بىلەن 1990-يىللار ئارىسىدا تۇغۇلغان ياشلار، مىللىي ئاڭغا ئىگە كىشىلەر، بايلار ۋە كارخانىچى سودىگەرلەر، ئالىملار، زىيالىيلار ھەمدە سەنئەتچىلەرنىڭ تۇتقۇن نىشانى بولغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلدى. خۇلاسە دوكلاتىدا يەنە خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قارىتىۋاتقان سىياسىتىنى «ئىرقىي قىرغىنچىلىق» دەپ قارايدىغانلىقى بىلدۈرۈلدى. يىغىن ئاخىرىدا دوكلات بەرگۈچىلەرگە تەقدىرنامە تەقدىم قىلىندى.

ئۇيغۇر ئاكادېمىيەسىنىڭ ئىجرائىيە رەئىسى ئابدۇلھەمىت قاراخان زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، خىتاينىڭ جازا لاگېرلىرىدا ناھەق يېتىۋاتقان ئۇيغۇرلارنىڭ ئەھۋالىغا قارىتا تۈركىيە ھۆكۈمىتى ۋە خەلقىنىڭ دىققىتىنى قوزغاش مەقسىتىدە مەزكۇر يىغىننى تۈرك تىلىدا ئۇيۇشتۇرغانلىقىنى بىلدۈردى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.