خەلقئارالىق مۇسۇلمان خەلقلىرى بىرلىكى قۇرۇلتىيىدا ئۇيغۇر مەسىلىسى ئوتتۇرىغا قويۇلدى

ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئارسلان
2018.12.05
Hidayetullah-oguzhan-musulmanlar-yighini-sozde.jpg خەلقئارالىق مۇسۇلمان خەلقلىرى بىرلىكىنىڭ 27-نۆۋەتلىك قۇرۇلتىيىغا ئۇيغۇرلارغا ۋاكالىتەن شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى ھىدايەتۇللا ئوغۇزخان تەكلىپ بىلەن قاتنىشىپ، ئۇيغۇرلارنىڭ ھازىرقى ئەھۋالى توغرىسىدا سۆز قىلدى. 2018-يىلى 3-دېكابىر، ئىستانبۇل.
RFA/Arslan

مەركىزى تۈركىيەنىڭ پايتەختى ئەنقەرەگە جايلاشقان ئىقتىساد ۋە ئىجتىمائىي تەتقىقاتلار مەركىزىنىڭ ئۇيۇشتۇرۇشى بىلەن خەلقئارالىق مۇسۇلمان خەلقلىرى بىرلىكىنىڭ 27-نۆۋەتلىك قۇرۇلتىيى 12-ئاينىڭ 2-3-كۈنلىرى ئىستانبۇلدىكى ۋوۋ مېھمانخانىسىنىڭ يىغىن زالىدا ئۆتكۈزۈلدى. يىغىن ئاخىرىدا خۇلاسە دوكلاتى ئېلان قىلىنغان بولۇپ، دوكلاتتا «شەرقىي تۈركىستان مۇسۇلمانلىرىغا قارىتا يۈرگۈزۈلۈۋاتقان بېسىم ۋە ئىنسان قېلىپىدىن چىققان قەبىھ مۇئامىلىلەر قوبۇل قىلىنمايدۇ»، دېيىلدى.

ئىسلام دۇنياسىنىڭ ئوخشىمىغان جايلىرىدىن كەلگەن سىياسىي پارتىيە رەئىسلىرى، ئىجتىمائىي تەشكىلاتلارنىڭ رەھبەرلىرى، پارلامېنت ئەزالىرى، تەتقىقاتچىلار ۋە ۋەكىللەرنىڭ قاتنىشىشى بىلەن ئېچىلغان بۇ يىغىنغا «ئۆزگىرىش ۋە ئالمىشىشلاردىكى يېڭى دەۋر ۋە ئىسلام دۇنياسى» دەپ نام بېرىلگەن بولۇپ، يىغىندا ئىقتىساد ۋە ئىجتىمائىي تەتقىقاتلار مەركىزىنىڭ رەئىسى رىجائى كۇتان ۋە سائادەت پارتىيەسىنىڭ رەئىسى مۇللا كەرىمۇللا ئەپەندى ئېچىلىش نۇتقىنى سۆزلىدى.

بۇ يىغىندا ئاساسلىقى ئىسلام دۇنياسىنىڭ مەسىلىلىرى ۋە مۇسۇلمانلارنىڭ بىرلىكى توغرىسىدا مۇھاكىمە ۋە مۇزاكىرە ئېلىپ بېرىلدى. شۇنداقلا، مورۇ، پەلەستىن، كەشمىر، روھىنگا، «شەرقىي تۈركىستان مەسىلىلىرى» ئوتتۇرىغا قويۇلدى.

بۇ يىغىنغا ئۇيغۇرلارغا ۋاكالىتەن شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى ھىدايەتۇللا ئوغۇزخان تەكلىپ بىلەن قاتنىشىپ ئۇيغۇرلارنىڭ ھازىرقى ئەھۋالى توغرىسىدا سۆز قىلدى.

ھىدايەتۇللا ئوغۇزخان ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ھازىر يوق بولۇش خەۋپىگە دۇچ كېلىۋاتقانلىقى، ئۇيغۇرلارنىڭ خىتاينىڭ جازا لاگېرىدا قىيىن-قىستاققا ئېلىنىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى شۇنداقلا ئىسلام دۇنياسىنى ئۇيغۇر مەسىلىسىگە كۆڭۈل بۆلۈشكە چاقىردى.

ھىدايەتۇللا ئوغۇزخان سۆزىدە ئۇيغۇرلارنىڭ ھازىرقى ئەھۋالى توغرىسىدا توختىلىپ مۇنداق دېدى: «بۈگۈنكى كۈندە ئىسلام دۇنياسىنىڭ قانىغان يارىسى بولغان شەرقىي تۈركىستان توغرىسىدا سۆز قىلىمەن. بۈگۈنكى كۈندە كۆپلىگەن دۆلەتلەر شەرقىي تۈركىستاندىكى مەسىلىلەر توغرىسىدا مەلۇماتقا ئىگە بولسىمۇ، لېكىن بۇ مەسىلە كۈنتەرتىپكە كەلمەيۋاتىدۇ. خىتاي ھەربىي، سىياسىي ۋە دىپلوماتىيە جەھەتتە كۈچلىنىش ئۈچۈن تىرىشىۋاتىدۇ. بۇ يەردە ئەڭ كۆپ قۇربانلىق بېرىۋاتقانلار شەرقىي تۈركىستانلىقلاردۇر. 70 يىلدىن بۇيان دىكتاتورنىڭ ئاسسىمىلياتسىيە قىلىشى ئاستىدا بولغان شەرقىي تۈركىستانلىقلار ئېغىر زۇلۇم ئاستىدا ياشاۋاتىدۇ. شەرقىي تۈركىستان مۇسۇلمانلىرى ئىشغال قىلىنىشتىن ئىلگىرى مۇستەقىل دۆلىتى بار ئىدى. تۇنجى ئىسلام جۇمھۇرىيىتى دۆلىتى شەرقىي تۈركىستاندا قۇرۇلدى. خىتاي ئىشغالىيىتىدىن كېيىن بېشىمىزغا كېلىۋاتقان پاجىئەلەرنى بىلىۋاتىسىلەر. ھازىر شەرقىي تۈركىستان مۇسۇلمانلىرى خىتاي جازا لاگېرلىرىغا قامالدى. دۇنيادىن ئۇزاقلاشتۇرۇلغان بىر ۋەزىيەتتە قالدۇق».

يىغىننىڭ ئىككىنچى كۈنى خۇلاسە دوكلاتى ئېلان قىلىنغان بولۇپ، خۇلاسە دوكلاتىدا، پەلەستىن، كەشمىر، مورو، روھىنگا قاتارلىق مۇسۇلمانلارنىڭ مەسىلىلىرى ئوتتۇرىغا قويۇلغان بولۇپ، دوكلاتتا يەنە ئۇيغۇر مەسىلىسىگىمۇ ئورۇن بېرىلدى. خۇلاسە دوكلاتىنى ئىقتىساد ۋە ئىجتىمائىي تەتقىقات مەركىزىنىڭ باش كاتىپى ئاتىك ئاغداغ ئەپەندى ئوقۇپ ئۆتتى.

ئۇ خۇلاسە دوكلاتىدا ئۇيغۇر مەسىلىسى توغرىسىدا توختىلىپ مۇنداق دېدى: «خىتايدىكى جازا لاگېرلىرىدا مىليونلىغان شەرقىي تۈركىستان مۇسۇلمانلىرىغا قارىتا يۈرگۈزۈلۈۋاتقان بېسىم ۋە ئىنسان قېلىپىدىن چىققان قەبىھ مۇئامىلىلەر قوبۇل قىلىنمايدۇ. دىنىي ۋە مەدەنىيەت جەھەتتىكى ئاسسىمىلياتسىيە ۋە بېسىملار دىققەت بىلەن كۆزىتىلىپ كېلىنىۋاتىدۇ. شەرقىي تۈركىستانلىق مۇسۇلمان خەلقىنىڭ ئاساسىي ھەق-ھوقۇقلىرى ۋە ئەركىنلىكلىرى تالاش-تارتىش قىلىدىغان مەسىلە بولماسلىقى لازىم».

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.