قۇمۇلنىڭ قارادۆۋە، خوتەننىڭ ھاڭگىيا يېزىلىرى ئوقۇغۇچىلارنى لېكسىيەگە تەشكىللىمەكتىكەن
2016.08.04

ئۇيغۇر ئېلىدىكى ئىجتىمائىي تاراتقۇلارنىڭ ئۇچۇرلىرىغا قارىغاندا، بۇ يىللىق يازلىق تەتىل ئۈچۈن يۇرتىغا قايتقان ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى يەرلىك دائىرىلەرنىڭ پىلانلىشى بىلەن «سىياسىي تەشۋىقات» لېكسىيەسى ئاڭلاشقا ئۇيۇشتۇرۇلماقتىكەن.
بۈگۈن قۇمۇل شەھىرىدىن مائارىپ سېپىدە خىزمەت قىلىدىغان بىر خادىمنىڭ رادىيومىزغا بىلدۈرۈشىچە، 27 - ئىيۇل كۈنى قارادۆۋە بازىرىدا يازلىق تەتىل مەزگىلىدە يۇرتىغا قايتقان ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىغا بىر مەيدان لېكسىيە ئۇيۇشتۇرۇلغان.
ئىگىلىنىشىچە، قارادۆۋە بازىرىنىڭ باشلىقى يۈسۈپ ئىسھاق بىلەن قۇمۇل شەھەرلىك مائارىپ ئىدارىسىنىڭ مۇتەخەسسىسلىرى 150 تىن ئارتۇق قارادۆۋىلىك ئىستۇدېنتلارغا مەخسۇس لېكسىيە سۆزلىگەن.
ئۇلارنىڭ لېكسىيەسىدە قارادۆۋىنىڭ نۆۋەتتىكى سىياسىي ۋە ئىقتىسادىي ئەھۋالى، ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ ئۆز يۇرتى ئۈچۈن قىلىشقا تېگىشلىك خىزمەتلىرى، ھۆكۈمەتنىڭ دىن، مىللىي مەسىلە ھەققىدىكى قانۇن - بەلگىلىمە ۋە سىياسەتلىرى شۇنداقلا «ئۈچ خىل كۈچ» كە قانداق تاقابىل تۇرۇش ھەققىدىكى كونكرېت چارىلەر ئالاھىدە تەكىتلەنگەن ئىكەن.
مەزكۇر خادىمنىڭ بىلدۈرۈشىچە، يەرلىك دائىرىلەرنىڭ يېقىنقى بىرقانچە يىللىق تەشۋىقاتى ۋە تىنىمسىز خىزمەت ئىشلىشى داۋامىدا نۆۋەتتە قارادۆۋە بازارلىق مەكتەپتە بېشىغا ياغلىق ئارتىدىغان قىز ئوقۇغۇچىلار ئاساسەن قالمىغان ئىكەن.
مەلۇمكى، قارادۆۋە بازىرى قۇمۇل شەھىرىنىڭ تەخمىنەن 85 كىلومېتىر غەربىگە جايلاشقان بولۇپ، بۇ يەر قۇمۇلدىكى داڭلىق «چىلان بازىسى» ھېسابلىنىدىكەن. بۇ بازاردىكى 10 نەچچە مىڭ ئاھالىنىڭ 90 پىرسەنتتىن كۆپرەكىنى يەرلىك ئۇيغۇرلار تەشكىل قىلغان بولۇپ، دىن ۋە مىللىي مەسىلىدە قۇمۇلدىكى ئەڭ سەزگۈر رايونلارنىڭ بىرى ئىكەن.
خوتەن ۋىلايىتىنىڭ مائارىپ ساھەسىدە خىزمەت قىلىدىغان بىر مەسئۇل خادىمنىڭ رادىيومىزغا بىلدۈرۈشىچە، لوپ ناھىيەسىنىڭ ھاڭگىيا يېزىسى يازلىق تەتىل مەزگىلىدە ئوقۇغۇچىلارنى ئىز قوغلاپ نازارەت قىلىش جەھەتتە باشقا يېزىلارغا «ئۈلگە» ياراتماقتىكەن.
مەزكۇر خادىم لوپ ناھىيەلىك مائارىپ ئىدارىسىدىكى بارلىق خىزمەتچى خادىملارنىڭ ھەرقايسى يېزىلاردىكى مەكتەپلەرگە ئەۋەتىلگەنلىكى ۋە مائارىپ ئىدارىسى بىلەن مەسئۇلىيەت توختامى تۈزگەنلىكىنى ئاشكارا قىلدى.
ئىگىلىنىشىچە، ھاڭگىيا يېزىسى تەۋەسىدىكى مەكتەپلەردە يازلىق تەتىل مەزگىلىدە ئوقۇغۇچىلارنى ئىز قوغلاپ نازارەت قىلىش، قاتلاممۇ - قاتلام تەكشۈرۈپ تۇرۇش، ھەر جۈمە كۈنى پۈتۈن ئوقۇتقۇچى ۋە ئوقۇغۇچىلار مەكتەپكە يىغىۋېلىنىپ سىياسىي لېكسىيە ئاڭلاش ئىشلىرى ئورۇنلاشتۇرۇلغانىكەن.
سىياسىي لېكسىيە سۆزلەشتىن ئىبارەت بۇ تەشۋىقات پائالىيىتىنىڭ ئوتتۇرا، باشلانغۇچ مەكتەپلەردىن سىرت يەنە، ئۇيغۇر ئېلىدىكى ئالىي مەكتەپلەردىمۇ كەڭ قانات يېيىشى دىققەت قوزغىماقتا.
ئۈرۈمچىدىكى مەلۇم ئالىي مەكتەپنىڭ تەشۋىقات بۆلۈمىدە ئۇزۇن يىل خىزمەت قىلغان، ئەمما نام - شەرىپىنى ئاشكارىلاشنى خالىمايدىغان بىر خانىمنىڭ رادىيومىزغا بىلدۈرۈشىچە، ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىغا سىياسىي لېكسىيە سۆزلەش تەشۋىقات پائالىيىتى 2004 - يىلىدىن بۇيان رەسمىي يولغا قويۇلغان ئىكەن.
2009 - يىلىدىكى «5 - ئىيۇل ۋەقەسى» دىن كېيىن، ئالىي مەكتەپلەردىكى سىياسىي لېكسىيەلەرنىڭ تىغ ئۈچى بىۋاسىتە ئاتالمىش «ئۈچ خىل» كۈچكە قارىتىلىپ، لېكسىيە سۆزلىگۈچىلەر كۆلەملەشكەن ھەمدە ئۇنىڭ قاپلاش دائىرىسى ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدىكى 15 ئالىي مەكتەپكە كېڭەيگەن ئىكەن.