خادىملار ش ئۇ ئا ر سىياسىي-قانۇن كومىتېتىنىڭ سېكرېتارى شىرزات باۋۇدۇننىڭ تۇتۇلغانلىق ئۇچۇرىنى زىددىيەتلىك جاۋابلار بىلەن ئىنكار قىلدى

مۇخبىرىمىز شۆھرەت ھوشۇر
2018.12.21
Shirzat-Bawudun-01.jpg ش ئۇ ئا ر سىياسىي-قانۇن كومىتېتىنىڭ تۇتقۇن قىلىنغان سېكرېتارى شىرزات باۋۇدۇن.
Social Media

ئامېرىكا ئۇيغۇر بىرلەشمىسىنىڭ رەئىسى ئىلشات ھەسەن بۈگۈن ئۆزلىرىنىڭ ئالاقىدار قاناللىرى ئارقىلىق ئىگىلىگەن ئۇچۇرلىرىغا ئاساسەن ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم سىياسىي-قانۇن كومىتېتىنىڭ سابىق مۇئاۋىن سېكرېتارى شىرزات باۋۇدۇننىڭ 17‏-دېكابىر كۈنى تۇتۇلغانلىقىنى رادىيومىزغا مەلۇم قىلدى. مۇخبىرىمىزنىڭ ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم سىياسىي-قانۇن كومىتېتى، ئىنتىزام تەكشۈرۈش ئىشخانىسى ۋە تەشكىلات بۆلۈملىرىگە قارىتا ئېلىپ بارغان تېلېفون زىيارەتلىرى داۋامىدا ئالاقىدار خادىملار شىرزات باۋۇدۇننىڭ تۇتقۇن قىلىنغانلىق ئۇچۇرىنى زىددىيەتلىك جاۋابلار بىلەن ئىنكار قىلىشقا ئۇرۇندى.

ئامېرىكا ئۇيغۇر بىرلەشمىسىنىڭ رەئىسى ئىلشات ھەسەن ئەپەندى بۇنىڭدىن بىر ئاي ئىلگىرى ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم سىياسىي-قانۇن كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن سېكرېتارى شىرزات باۋۇدۇننىڭ ۋەزىپىسىدىن قالدۇرۇلغانلىقى ۋە تەكشۈرۈلۈۋاتقانلىقى ھەققىدە ئۇچۇر يەتكۈزگەن ئىدى. ئەينى چاغدا ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشكىلات بۆلۈمىدىن بۇ ھەقتە مەلۇمات سورىغىنىمىزدا تېلېفونىمىزنى قوبۇل قىلغان خادىملار بۇ تېمىدا سۆز قىلىشتىن ئۆزلىرىنى قاچۇرغان، ئەمما ئۇنىڭ تەكشۈرۈلۈۋاتقانلىقىنى ئىنكار قىلمىغان ئىدى.

تۈنۈگۈن ئىلشات ھەسەن يەنە ئۆزلىرىگە ئىشەنچلىك مەنبەلەرگە ئاساسەن شىرزات باۋۇدۇن ئۈستىدىكى تەكشۈرۈشنىڭ خۇلاسىسى چىققانلىقى ۋە تەكشۈرۈش نەتىجىسىدە ئۇنىڭ «ئىككى يۈزلىمىچىلىك» بىلەن ئەيىبلىنىپ تۇتقۇن قىلىنغانلىقىنى مەلۇم قىلدى. بىز بۇ ئۇچۇرنى ئالغاندىن كېيىن ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ ئىنتىزام تەكشۈرۈش قاتارلىق ئالاقىدار بۆلۈملىرىگە قايتىدىن تېلېفون قىلدۇق. كۆپىنچە خادىملار شىرزات باۋۇدۇننى تونۇمايدىغانلىقى ياكى ئەھۋالدىن خەۋىرىنى يوقلۇقىنى ئېيتتى.

ئەمەلىيەتتە «بەيدۇ» ئۇچۇر ئامبىرىدا تونۇشتۇرۇلۇشىچە، شىرزات باۋۇدۇن 30 يىلدىن بۇيان ئاساسەن سىياسىي-قانۇن ساھەسىدە خىزمەت قىلغان. بۇ يىل 52 ياشقا كىرگەن شىرزات باۋۇدۇن، 1988‏-يىلى غەربىي-شىمال سىياسىي-قانۇن ئىنستىتۇتىنى پۈتتۈرۈپ، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ساقچى مەكتىپىدە ئوقۇتقۇچىلىق بىلەن خىزمەت ھاياتىنى باشلىغان. ئۇ 1989‏-يىلىدىن 2011‏-يىلىغا قەدەر خوتەن ۋىلايەتلىك ج خ باشقارمىسى سىياسىي بۆلۈم باشلىقى، قاراقاش ناھىيىلىك ج خ ئىدارىسىنىڭ باشلىقى، خوتەن ۋىلايەتلىك ج خ ئىدارىسىنىڭ دۆلەت ئامانلىق (گوباۋ) بۆلۈمى باشلىقى، قاراقاش ناھىيىسىگە ھاكىم ۋە پارتكوم سېكرېتارى قاتارلىق ۋەزىپىلەرنى ئۆتىگەن.

ۋەزىيەتتىن خەۋەردار كىشىلەر شىرزات باۋۇدۇننىڭ خوتەندىكى مەزگىلىدە نۆۋەتتە ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا سىياسىي قانۇن-كومىتېتىنىڭ سېكرېتارى بولۇپ ۋەزىپە ئۆتەۋاتقان، لاگېرلارنى باشقۇرۇشتا يېتەكچى رول ئويناۋاتقان جۇ خەيلۇن بىلەن يېقىن دوستلۇق مۇناسىۋىتى بارلىقى ۋە 2011 ‏-يىلدىن بۇيان ئۇنىڭ ھىمايىسىدە يۇقىرى ۋەزىپىلەرگە تەيىنلەنگەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرمەكتە.

«بەيدۇ» ئۇچۇر ئامبىرىدا تونۇشتۇرۇلۇشىچە، شىرزات باۋۇدۇن 2011 ‏-يىلدىن كېيىن ئۈرۈمچى شەھەرلىك پارتكوم بىرلىكسەپ بۆلۈمىنىڭ باشلىقى، ئاپتونوم رايونلۇق ئەدلىيە نازارىتىنىڭ نازىرى، ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەشنىڭ مۇئاۋىن باش كاتىپى ۋە ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم سىياسىي-قانۇن كومىتېتىنىڭ سېكرېتارى قاتارلىق ۋەزىپىلەرنى ئۆتىگەن.

ئىلشات ھەسەننىڭ بايان قىلىشىچە، شىرزات باۋۇدۇن بۇنىڭدىن 3 كۈن ئاۋۋال، يەنى 17‏-دېكابىر كۈنى تۇتقۇن قىلىنغان. ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم سىياسىي-قانۇن كومىتېتى ئىنتىزام تەكشۈرۈش گۇرۇپپىسىنىڭ خادىمى ئۆزىنىڭ شىرزات باۋۇدۇننى تونۇيدىغانلىقىنى ئىنكار قىلمىغان بولسىمۇ، ئەمما ئۇنىڭ نۆۋەتتىكى ئەھۋالىدىن خەۋەرسىزلىكىنى ئېيتتى ۋە بۇ ھەقتە سىياسىي-قانۇن كومىتېتى مەمۇرى ئىشخانىسىدىن مەلۇمات ئېلىشىمىزنى تەۋسىيە قىلدى.

سىياسىي-قانۇن كومىتېتىنىڭ ئىشخانا خادىمى شىرزات باۋۇدۇن ھەققىدىكى سوئالىمىزغا ئەندىكىش بىلەن جاۋاب قايتۇرۇپ، ئۇنىڭ ئىشخانىدا يوقلۇقىنى ئېيتتى. ئوخشاش ئىشخانىدىكى يەنە بىر خادىم دەسلەپتە شىرزاتنىڭ تۈنۈگۈن تۇتۇلغانلىقى ھەققىدىكى سوئالىمىزغا دەسلەپتە «ھەئە» دەپ جاۋاب قايتۇرغان بولسىمۇ، ئارقىدىن ئەھۋالدىن ئېنىق مەلۇماتى يوقلۇقىنى بايان قىلىپ، سوئاللىرىمىزدىن ئۆزىنى قاچۇردى. مەزكۇر ئىشخانىدىكى يەنە بىر خادىم شىرزات باۋۇدۇننىڭ خېلى ۋاقىتتىن بېرى ئىشخانىدا يوقلۇقىنى ئېيتتى. بىز ئېنىق ھالدا ئۇنىڭ قاچاندىن بېرى يوقلۇقىنى سورىغىنىمىزدا، ئۇ 10 نەچچە كۈندىن بېرى يوق ئىكەنلىكىنى ئېيتتى. بىز ئۇنىڭدىن شىرزات باۋۇدۇننىڭ نۆۋەتتە قەيەردە ئىكەنلىكى، تۇتقۇن قىلىنغان ياكى قىلىنمىغانلىقىنى سورىغىنىمىزدا، ئۇ شىرزاتنىڭ باشقا جايغا يۆتكىلىپ كەتكەنلىكىنى ئېيتتى. بىز ئۇنىڭدىن شىرزاتنىڭ قەيەرگە يۆتكىلىپ كەتكەنلىكىنى سورىغىنىمىزدا، ئۇ شىرزاتنىڭ سىياسىي كېڭەشكە يۆتكەلگەنلىكىنى ئېيتتى. ئەمما تور ئارخىپلىرىنى ئاختۇرغىنىمىزدا «تەڭرىتاغ تورى» نىڭ بۇ يىل 7 ‏-سېنتەبىردىكى خەۋىرىدە شىرزات باۋۇدۇننىڭ ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەشنىڭ مۇئاۋىن باش كاتىپلىق ۋەزىپىسىدىن قالدۇرۇلغانلىقىنى بايان قىلىنغان. مانا بۇ بايان يۇقىرىقى خادىمنىڭ شىرزاتنىڭ سىياسىي كېڭەشكە يۆتكەلگەنلىكى ھەققىدىكى جاۋابى بىلەن زىت كەلمەكتە ۋە شۇنداقلا ئىلشات ھەسەن يەتكۈزگەن شىرزات باۋۇدۇننىڭ تۇتقۇن قىلىنغانلىقى ھەققىدىكى ئۇچۇرنىڭ توغرىلىقىنى دەلىللىمەكتە.

ئىلشات ھەسەن شىرزات باۋۇدۇننىڭ تۇتقۇن قىلىنىشىنىڭ ئۇيغۇر ئەمەلدارلار ئۈچۈن يەنە بىر چوڭ ئىبرەتلىك ھېكايە ئىكەنلىكىنى تەكىتلىدى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.