دوكتور ئاسپىرانت تاھىر مۇتەللىپ قاھىرى: «دادام بىلەن كۆرۈشۈشكە مۇۋەپپەق بولدۇم، ئەمما كۆڭلۈم يەنىلا يېرىم»
2019.03.04

قەشقەردىكى ئاتاقلىق ئىسىمشۇناس مۇتەللىپ سىدىق قاھىرىنىڭ تۇتقۇندا ئىكەنلىكى ئۆتكەن يىلى 11-ئايدا رادىيومىز تەرىپىدىن ئاشكارىلانغاندىن كېيىن، ئۇنىڭ گېرمانىيەدە ئوقۇۋاتقان ئوغلى تاھىر مۇتەللىپ قاھىرى دادىسىنىڭ ئىز-دېرىكىنى ئېلىش ئۈچۈن جىددىي ھەرىكەتكە ئۆتكەن ئىدى.
دەسلەپتە گېرمانىيەدىكى خىتاي ئەلچىخانىسى ۋە قەشقەر ئۇنىۋېرسىتېتى بىلەن ئالاقىلىشىپ ھېچقانداق ئۇچۇرغا ئېرىشەلمىگەن تاھىر مۇتەللىپ ئاخىرى ئەھۋالنى خەلقئارا ئاخباراتقا ئاشكارىلىغان ھەمدە ئالاقىدار خەلقئارا تەشكىلات ۋە دۆلەت ئورگانلىرىدىن دادىسىنىڭ ئىز-دېرىكىنى قىلىشتا ياردەم سورىغان ئىدى.
ئۇ ھەرىكەتكە ئۆتۈپ 4 ئايدىن كېيىن، يەنى 3-ئاينىڭ 1-كۈنى، 17 ئايدىن بېرى ئالاقىسى ئۈزۈلگەن دادىسى بىلەن ۋىدىيولۇق كۆرۈشۈشكە مۇۋاپپەق بولغان.
يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن پروگراممىنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلىغايسىلەر.