خىتاي دىپلوماتلار تۈركىيەدىكى ب ب پارتىيەسىدىن ئۇيغۇرلارنى قوللىماسلىقىنى تەلەپ قىلغان

ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئەركىن تارىم
2019.01.24
xitay-elchi-turkiye-buyuk-birlik-partiyesi.jpg خىتاي دىپلوماتلىرى «بۈيۈك بىرلىك پارتىيەسى» نىڭ مۇئاۋىن رەئىسى ۋە باش كاتىپى ئۈزەيىر تۇنچ ئەپەندىنىڭ ئىشخانىسىدا (سول تەرەپتە ئولتۇرغان كىشى مەزكۇر پارتىيەنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى ئۈنسال قارابۇلۇت ئەپەندى). 2019-يىلى 19-يانۋار، ئەنقەرە.
RFA/Erkin Tarim

خىتاينىڭ ئەنقەرەدىكى ئەلچىخانىسىنىڭ دىپلوماتلىرى تۈركىيە «بۈيۈك بىرلىك پارتىيەسى» نى زىيارەت قىلىپ، لاگېرلار ھەققىدىكى مەلۇماتلارنىڭ توغرا ئەمەسلىكىنى ۋە ب ب پ نىڭ ئۇيغۇرلارنى قوللاشنى توختىتىشنى تەلەپ قىلغان.

خىتاي ئەلچىخانىسىنىڭ ئىككى دىپلوماتى 1-ئاينىڭ 19-كۈنى تۈركىيە «بۈيۈك بىرلىك پارتىيەسى» نى زىيارەت قىلىپ، ئۇلاردىن ئۇيغۇرلارنى قوللىماسلىقنى، تۈركىيەدە ئاڭلىتىلىۋاتقان ئۇيغۇرلار ھەققىدىكى تەشۋىقاتلارغا قۇلاق سالماسلىقنى تەلەپ قىلغان. لېكىن «بۈيۈك بىرلىك پارتىيەسى» نىڭ مۇئاۋىن رەئىسى ئۈنسال قارابۇلۇت بىلەن يەنە بىر مۇئاۋىن رەئىسى ۋە باش كاتىپى ئۈزەيىر تۇنچ ئەپەندى خىتاي دىپلوماتلىرىنىڭ تەلىپىنى رەت قىلغان.

ب ب پ نىڭ مۇئاۋىن رەئىسى ئۈنسال قارابۇلۇت ئەپەندى بۇ ھەقتىكى سوئاللىرىمىزغا جاۋاب بېرىپ، خىتاينىڭ ئەنقەرەدە تۇرۇشلۇق ئەلچىخانىسىنىڭ مۇشاۋىرى چېڭ ۋېيخۇا بىلەن ئەلچىخانىنىڭ سىياسىي ئىشلىرىغا مەسئۇل 1‏-كاتىپى ۋاڭ فېينىڭ ب ب پ مەركىزىنى زىيارەت قىلغانلىقىنى، ئۇلار ب ب پ رەئىسى مۇستافا دەستىچى بىلەن كۆرۈشۈشنى تەلەپ قىلغان بولسىمۇ، لېكىن مۇستافا دەستىچى ئۇلار بىلەن ب ب پ نىڭ مۇئاۋىن رەئىسى ۋە باش كاتىپى ئۈزەيىر تۇنچ بىلەن يەنە بىر مۇئاۋىن رەئىسى ئۈنسال قارابۇلۇتنى كۆرۈشۈشكە بۇيرۇغانلىقىنى بايان قىلدى.

ئۈنسال قارابۇلۇت ئەپەندى خىتاي دىپلوماتلارنىڭ بايان قىلغانلىرى توغرىسىدا توختىلىپ مۇنداق دېدى: «بىز ئۇلاردىن سىلەرنىڭ بىزنى زىيارەت قىلىشتىكى مەقسىتىڭلار نېمە دەپ سورىدۇق. ئۇلار ‹شىنجاڭدىكى ۋەزىيەت تۈركىيەدە ئوخشىمايدىغان شەكىلدە ئاڭلىتىلىۋاتىدۇ. بۇنداق بىر ئىش يوق، سىلەرگە خاتا مەلۇمات بېرىلىۋاتىدۇ. بۇ تەتۈر تەشۋىقاتتىن ئىبارەتتۇر› دېدى.»

خىتاينىڭ ئەنقەرەدىكى ئەلچىخانىسى بۈيۈك بىرلىك پارتىيەسىنى زىيارەت قىلىشنى تەلەپ قىلغان ۋاقىتتا پارتىيە رەئىسى مۇستافا دەستىچى ئەپەندى 18-يانۋار كۈنى ئۇيغۇر ئاكادېمىيەسىنىڭ رەئىسى پروفېسسور، دوكتور ئالىمجان ئىنايەت ئەپەندىنى ئۆز ئىشخانىسىدا قوبۇل قىلىپ، ئۇيغۇرلارنىڭ ھازىرقى ئېغىر ۋەزىيىتى توغرىسىدا مەلۇمات ئىگىلىگەن ئىدى. ئۈنسال قارابۇلۇت ئەپەندى بۇ ھەقتە مەلۇمات بېرىپ مۇنداق دېدى: «خىتاي ئەلچىخانىسى بىز بىلەن كۆرۈشۈش تەلىپى كەلگەندە پارتىيە رەئىسىمىز تۈركىيەدىكى بەزى شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلىرىنىڭ مەسئۇللىرى بىلەن ئۇچراشتى. ئۇ يەردىكى بېسىم سىياسىتىنى خىتايلارنىڭ يۈزىگە دەيلى دەپ ئۇلارنى قوبۇل قىلدۇق.»

ئۈنسال قارابۇلۇت ئەپەندىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ب ب پارتىيەسىنىڭ رەھبەرلىرى خىتاي دىپلوماتلىرى بىلەن بىر سائەت ئەتراپىدا سۆزلەشكەن. ئۇ مۇنداق دېدى: «ئۇيغۇر قېرىنداشلىرىمىزغا ئېلىپ بېرىلىۋاتقان زۇلۇمغا قاراپ تۇرالمايمىز. ئەگەر شەرقىي تۈركىستاندا زۇلۇم ئاخىرلاشسا تۈركىيەدە ۋە دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلارمۇ خاتىرجەم بولىدۇ. ئۇلار بىئارام بولسا، بىزمۇ بىئارام بولىمىز. شۇڭا بىز بۈيۈك بىرلىك پارتىيەسى بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا ئېلىپ بېرىۋاتقان زۇلۇمىغا سۈكۈت قىلالمايمىز. ئۇيغۇرلار ئۈستىدىكى زۇلۇم تۈگۈمىگىچە، ئۇلارنى قوللاپ-قۇۋۋەتلەشنى داۋاملاشتۇرىمىز. بۇندىن بۇرۇنمۇ بولغىنىدەك، بۇندىن كېيىنمۇ شەرقىي تۈركىستان دەۋاسىنى داۋاملىق قوللاپ-قۇۋۋەتلەيمىز.»

خىتاي دىپلوماتلىرى يەنە مەزكۇر پارتىيەنىڭ 7‏-فېۋرال كۈنى ئەنقەرەدە ئۆتكۈزمەكچى بولغان «غۇلجا قەتلىئامى ۋە شەرقىي تۈركىستاندا جازا لاگېرلىرى» ناملىق مۇھاكىمە يىغىنىنى بىكار قىلىشىنى، ھېچبولمىسا «شەرقىي تۈركىستان» دېگەن نامنىڭ ئورنىغا «شىنجاڭ» دېگەن ئىسىمنى ئىشلىتىشنى ئوتتۇرىغا قويغان. ب ب پ نىڭ مۇئاۋىن رەئىسى ئۈنسال قارابۇلۇت ئەپەندى خىتاي دىپلوماتلىرىغا ئۇلارنىڭ بۇ تەلەپلىرىنى قوبۇل قىلالمايدىغانلىقىنى، خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا ئېلىپ بېرىلىۋاتقان زۇلۇمى تۈگۈمىگىچە، تۈركىيەدە بۇ خىل پائالىيەتلەرنى داۋاملاشتۇرىدىغانلىقىنى ئېيتقانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇ مۇنداق دېدى: «بىز 7-فېۋرال كۈنى شەرقىي تۈركىستان توغرىسىدا يىغىن چىقىرىدىغانلىقىمىزنى دېدۇق. ئۇلار ‹ئاچمىساڭلار بوپتىكەن› دەپ كۆڭۈللىرى بەكلا يېرىم بولدى. ‹ھېچ بولمىسا يىغىننىڭ نامىنى ئۆزگەرتىڭلار› دېدى. بىز تەكلىپنامەلەرنى باستۇرۇپ بولدۇق. پارلامېنت ئەزالىرى، ئەلچىخانا خادىملىرى، ھەرقايسى سىياسىي پارتىيەلەرنىڭ مەسئۇللىرى بولۇپ 600 دەك كىشىگە تەكلىپنامە ئەۋەتىمىز دېدۇق. ‹شەرقىي تۈركىستان دېگەن ئاتالغۇنى ئۆزگەرتىش ئىمكانى يوقمۇ؟› دېدى. بىز ئۇلارغا بۇنىڭ مۇمكىن ئەمەسلىكىنى دېدۇق.»

ب ب پ نىڭ مۇئاۋىن رەئىسلىرىدىن ئۈزەيىر تۇنچ ئەپەندى بىلەن ئۈنسال قارابۇلۇت ئەپەندى خىتاينىڭ ئۇيغۇر رايونىدىكى ئاسسىمىلياتسىيە سىياسىتىنى تەنقىدلىگەن. ئۇلار خىتاي دىپلوماتلىرى بىلەن بولغان كۆرۈشۈشتە ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆز تىلى ۋە دىنىنىڭ چەكلەنگەنلىكىنى، خىتايلارنى ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆيلىرىگە ئورۇنلاشتۇرۇشنى ئەسلا قوبۇل قىلغىلى بولمايدىغانلىقىنى، ئۇ زېمىننىڭ ئەسلى ئىگىلىرى بولغان ئۇيغۇرلار ۋە ئۇلارنىڭ قىزلىرىنى خىتايلار بىلەن تويلىشىشقا مەجبۇرلاشنى توختىتىشنى ئالاھىدە تەكىتلەشكەن.

خىتاي دىپلوماتلار بۇرۇندىن تارتىپ تۈركىيەدە دىپلوماتىيەلىك يوللار ئارقىلىق خىتاينىڭ تەشۋىقاتىنى قىلىپ كەلمەكتە. پۈتۈن دۇنيا ئاخباراتلىرىدا ئۇيغۇر دىيارىدىكى جازا لاگېرلىرى مەسىلىسى ئوتتۇرىغا قويۇلۇۋاتقان بىر ۋەزىيەتتە خىتاي دىپلوماتلىرىنىڭ تۈركىيەدىكى سىياسىي پارتىيەلەرنى زىيارەت قىلىپ، خىتاينى ئاقلىشى تۈركلەرنى ئىشەندۈرەلەمدۇ؟

ئەنقەرەدىكى ئىستراتېگىيەلىك چۈشەنچىلەر ئىنستىتۇتىنىڭ مۇتەخەسسىسى دوكتور ئەركىن ئەكرەم ئەپەندى كېيىنكى كۈنلەردە تۈركىيەنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا نامايىشلار بولۇۋاتقانلىقىنى، خىتاينىڭ «ئۇيغۇر رايونىدا جازا لاگېرلىرى يوق» دېيىشىگە تۈركىيەدە ھېچكىمنىڭ ئىشەنمەيدىغانلىقىنى بايان قىلدى.

دوكتور ئەركىن ئەكرەم ئەپەندى يەنە خىتاي بۇ خىل پائالىيەتلىرى ئارقىلىق بەزى تۈركلەرنى ئىشەندۈرەلىگەن تەقدىردىمۇ، لېكىن تۈركىيەدىكى مۇتلەق كۆپ كىشىلەرنىڭ خىتاينىڭ تەشۋىقاتىغا ئىشەنمەيدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.

بۈيۈك بىرلىك پارتىيەسى رەھبەرلىرىنىڭ ئېيتىشىچە، خىتاي ئەلچىخانىسى 2-ئاينىڭ 15-كۈنى يەنە بەزى تۈرك مۇخبىرلارنى ئۇيغۇر دىيارىغا تەكلىپ قىلىپ ئاپىرىپ، ئاتالمىش «كەسپىي تېخنىكا تەربىيەلەش مەركەزلىرى» نى ئېكسكۇرسىيە قىلدۇرماقچىكەن.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.