قەشقەر سۇ ئىشلىرى ئىدارىسىدىكى ئۇيغۇر خىزمەتچىلەرنىڭ 15 پىرسەنتى يىغىۋېلىش لاگېرىغا سولىۋېلىنغان

مۇخبىرىمىز شۆھرەت ھوشۇر
2019.03.06
lager-atush-lazimetlik-uchun-kelgenler.jpg لاگېردىكى تۇغقانلىرىغا نەرسە-كېرەك ئەكېلىپ بېرىۋاتقانلار تىزىلىپ تەكشۈرۈشتىن ئۆتمەكتە. 2018-يىلى 3-دېكابىر، ئاتۇش.
AP

تۈركىيەدىكى ئۇيغۇر پائالىيەتچىلىرى  ئۆتكەن جۈمە كۈنى تولۇقلىغان تۇتقۇندىكى زىيالىيلار تىزىملىكىدە قەشقەر شەھەرلىك سۇ ئىشلىرى ئىدارىسىنىڭ مەمتىلى ۋاھاپ قاتارلىق 6 خىزمەتچىسىنىڭ يىغىۋېلىش لاگېرىدا ئىكەنلىكى قەيت قىلىنغان. مۇخبىرىمىزنىڭ بۇ يىپ ئۇچىغا ئاساسەن قەشقەردىكى ئالاقىدار سىياسىي قانۇن تارماقلىرىغا قارىتا ئېلىپ بارغان تېلېفون زىيارەتلىرى داۋامىدا، مەزكۇر ئۇچۇرنىڭ توغرىلىقى دەلىللەندى. ۋەزىيەتتىن خەۋەردار كىشىلەر يەنە مەزكۇر سۇ ئىشلىرى ئىدارىسىدە 50 نەچچە ئىشچى-خىزمەتچى بارلىقى، لاگېرغا ئەكېتىلگەن ئىشچى-خىزمەتچىلەرنىڭ ئومۇمى ئۇيغۇر ئىشچى-خىزمەتچى سانىنىڭ 15 پىرسەنتىنى ئىگىلەيدىغانلىقىنى مەلۇم قىلدى.

تۈركىيەدىكى پائالىيەتچى ئابدۇۋەلى ئايۇپنىڭ تۇتقۇندىكى زىيالىيلار تىزىملىكىدە مەمتىلى ۋاھاپ، ئەكبەر ئەمەت، تۇرغۇن ئاسىم، نۇرمەمەت نىياز، ئابدوغوپۇر تۇرسۇن، سابىرجان ھامۇت قاتارلىق 6 كادىرنىڭ نۆۋەتتە يىغىۋېلىش لاگېرىدا ئىكەنلىكى قەيت قىلىنغان.

بىز، بۇ ئۇچۇرنىڭ توغرا-خاتالىقىنى ئايدىڭلاشتۇرۇش ئۈچۈن ئاۋۋال قەشقەر شەھەرلىك ئەدلىيە ئىدارىسىگە تېلېفون قىلدۇق. ئالاقىدار خادىملار بۇ ھەقتە ئۇچۇر بېرىشتىن ئىزچىل ھالدا ئۆزىنى قاچۇردى. تۇتقۇندىكى زىيالىيلار تىزىملىكىدە مەزكۇر 6 تۇتقۇننىڭ 30 ياش بىلەن 54 ياش ئارىسىدا ئىكەنلىكى بايان قىلىنغان. تىزىملىكتە مەزكۇر 6 تۇتقۇننىڭ ئىسىملىكى ئېلان قىلىنغاندىن كېيىن، قەشقەر ۋەزىيىتىدىن خەۋەردار كىشىلەردىن بىرى رادىيومىزغا ئۇچۇر يوللاپ، تۇتقۇن تۇرغۇن ئاسىمنىڭ تېخنىك مۇدىر ئىكەنلىكى، سابىر ھامۇتنىڭ بولسا پېنسىيەدە ئىكەنلىكىنى مەلۇم قىلدى.

ئىزچىل ئېلىپ بارغان تېلېفون زىيارەتلىرىمىز داۋامىدا، قەشقەردە سىياسىي-قانۇن ساھەسىدە خىزمەت قىلىۋاتقان بىر خادىم، قولىدىكى ئارخىپلارغا ئاساسەن، قەشقەر سۇ ئىشلىرى ئىدارىسىدىن 6 نەپەر خادىمنىڭ لاگېردا ئىكەنلىكىنى دەلىللىدى.

ئۆتكەن يىلنىڭ بېشىدا ئىگىلىگەن ئۇچۇرلىرىمىزدا قەشقەردە 120 مىڭ كىشىنىڭ لاگېردا ئىكەنلىكى ئاشكارىلانغان؛ خوتەندىكى بىر كەنت سېكرېتارى ئۆزلىرىگە ئاھالىلەر نوپۇسىنىڭ 40 پىرسەنتىنى «تەربىيەلەش» كە ئاپىرىش ھەققىدە يۇقىرىدىن ئۇقتۇرۇش چۈشكەنلىكىنى ئاشكارىلانغان ئىدى. قەشقەر ۋەزىيىتىدىن خەۋەردار كىشى سۇ ئىشلىرى ئىدارىسىدىكى تۇتقۇنلار ھەققىدە رادىيومىزغا يەتكۈزگەن مەلۇماتىدا، تۇتۇلغانلارنىڭ مەزكۇر ئىدارىدىكى ئۇيغۇر ئىشچى-خىزمەتچىلەر سانىنىڭ 15پىرسەنتىنى ئىگىلەيدىغانلىقىنى ئەسكەرتكەن. سىياسىي-قانۇن ساھەسىدىكى ۋەزىپىدار خادىممۇ، سۇ ئىشلىرى ئىدارىسىدىكى ئومۇمى ئىشچى-خىزمەتچى سانىنىڭ 60 چە ئىكەنلىكى، بۇنىڭ 40 قا يېقىنىنىڭ ئۇيغۇرلار ئىكەنلىكىنى تىلغا ئالدى. زىيالىيلار تىزىملىكى ۋە ۋەزىيەتتىن خەۋەردار كىشىنىڭ مەلۇماتىدا، مەزكۇر 6 نەپەر خادىمنىڭ كونكرېت قانداق سەۋەب ياكى باھانە بىلەن تۇتۇلغانلىقى بايان قىلىنمىغان. مەزكۇر مەسئۇل خادىم، بۇ 6 خادىمدىن بىر قىسمىنىڭ تېلېفونىدىن چىققان مەسىلە سەۋەبلىك تۇتۇلغانلىقىنى ئاشكارىلىدى.

ۋەزىيەتتىن خەۋەردار كىشى رادىيومىزغا يوللىغان ئۇچۇرىدا، مەزكۇر سۇ ئىشلىرى ئىدارىسى كەسپىي جەھەتتىن سىياسىي ۋە مەدەنىيەت پائالىيەتلىرىدىن نىسبەتەن يىراق بولغانلىقى ئۈچۈن، ئۇيغۇر خىزمەتچىلەر سانىنىڭ 15 پىرسەنتىنىڭ تۇتۇلغانلىقىنى، باشقا نازۇك ساھەلەردە بولسا تۇتقۇنلار نىسبىتىنىڭ تېخىمۇ يۇقىرى ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرگەن. ئىلگىرىكى ئېنىقلاشلىرىمىزدا قەشقەر ئۇيغۇر نەشرىياتى خىزمەتچىلىرىنىڭ 30پىرسەنتىنىڭ تۇتقۇندا ئىكەنلىكى ئاشكارىلانغان.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.