د ئۇ ق: دائىرىلەرنىڭ چاغان ئۆتكۈزۈش تەشۋىقاتى ئۇيغۇرلارنى ئاسسىمىلياتسىيە قىلىش سىياسىتىنىڭ يالىڭاچ ئىپادىسى

ئۇيغۇر ئېلىدە خىتاي دائىرىلىرى ھەر يىلى چاغان بايرىمى مەزگىلىدە مۇقىملىقنى قوغداش باھانىسىدە، تۈرلۈك قاتتىق باستۇرۇش ۋە نازارەت قىلىش ھەرىكەتلىرىنى كۈچەيتىپ كەلمەكتە.
مۇخبىرىمىز مېھرىبان
2013.02.11
chaghan-maniwer-305.jpg خىتاي دائىرىلىرىنىڭ چاغان مەزگىلىدە ئۆتكۈزگەن تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش مانېۋىرى. 2013-يىلى فېۋرال.
chinanews.com

بۇ يىلمۇ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايون دائىرىلىرى خىتاينىڭ چاغىنى مەزگىلىدە ھەرقايسى جايلاردا قاتتىق بىخەتەرلىك تەدبىرىنى كۈچەيتىش بىلەن بىللە، رادىئو، تېلېۋىزورلاردا ئۇيغۇرلارنىڭمۇ خىتاينىڭ چاغان بايرىمىنى تەبرىكلەۋاتقانلىقى ھەققىدە تەشۋىقات-خەۋەرلەرنى كۆپەيتتى. بۇ خىل ئەھۋالغا قارىتا چەتئەللەردىكى ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرىدىن دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى باياناتچىسى دىلشات رىشىت جىددىي ئىنكاس قايتۇرۇپ، دائىرىلەرنىڭ بۇ خىل تەشۋىقاتلىرى ئۇيغۇرلارنى ئاسسىمىلياتسىيە قىلىش سىياسىتىنىڭ يالىڭاچ ئىپادىسى ئىكەنلىكىنى تەكىتلەپ، ئۇيغۇرلارنى ئۆز ئۆرپ- ئادىتىنى قوغداشقا چاقىردى.

2013-يىللىق چاغان مەزگىلىدە، خىتاينىڭ ھۆكۈمەت مەتبۇئاتلىرىنىڭ، يىللاردىن بۇيان رايوندا يولغا قويۇلۇۋاتقان بايراملىق چارلاش، چاغاندا نۆۋەتچى قويۇش قاتارلىق تۈرلۈك بىخەتەرلىك تەدبىرلىرى ھەققىدىكى خەۋەرلەرنى بەرگەندىن باشقا، چاغان مەزگىلىدە ئۆتكۈزۈلگەن تېررورلۇققا قارشى قوراللىق مانېۋىر ۋە ئۇيغۇرلارنىڭمۇ چاغاننى تەبرىكلەۋاتقانلىقى ھەققىدىكى خەۋەرلەرنى بېرىشى، ئۇيغۇر تورداشلىرىنىڭ نارازىلىقىنى قوزغىغاندىن باشقا، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى قاتارلىق چەتئەللەردىكى ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرىنىڭ ۋە ئۇيغۇر كۆزەتكۈچىلىرىنىڭ ئەيىبلىشىگە ئۇچرىدى.

ئۆتكەن بىر ھەپتىدىكى خىتاينىڭ خىتاي ئارمىيىسى خەۋەرلەر تورى، جۇڭگو خەۋەرلەر تورى، خەلق تورى قاتارلىقلاردا ئۇيغۇر ئېلىدە ئېلىپ بېرىلىۋاتقان تېررورلۇققا قارشى مانېۋىر ۋە بۇ مانېۋىردا ئۇيغۇرلارنىڭ تېررورچىلار رولىنى ئالغانلىقى ھەققىدىكى سۈرەتلىك خەۋەرلەر بېسىلدى. جۇڭگو خەۋەرلەر تورىنىڭ 7-فېۋرالدىكى خەۋىرىدە، شىنجاڭ قوراللىق ساقچى قىسىملىرى 5-كورپۇسى ئۆتكۈزگەن «تېررورلۇققا قارشى مانېۋىرىدا بېشىغا شاپاق دوپپا كىيدۈرۈلۈپ يەردە ياتقۇزۇلغان بىر ئۇيغۇرنىڭ يېنىدا ھەربىي ئاپشاركىنى تۇتۇپ تۇرغان بىر خىتاي ئەسكەرنىڭ سۈرىتى بېسىلدى. خەۋەردە رايوندا تۇرۇشلۇق قوراللىق قىسىم ئەسكەرلىرىنىڭ تېررورلۇققا قارشى ئەمىلى جەڭ مەشىقى ئۆتكۈزۈپ، چاغان مەزگىلىدىكى ھوشيارلىقىنى، جەڭ قىلىش ئىقتىدارىنى ئاشۇرۇۋاتقانلىقى تەرىپلەندى. ئۇندىن باشقا خىتاينىڭ مەركىزى خەلق تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ 2013-يىللىق چاغانلىق پروگراممىسىدا، شىنجاڭ تېلېۋىزىيىسى، شىنجاڭ گېزىتى قاتارلىقلاردا ئۇيغۇرلارنىڭمۇ باھار بايرىمىدا ھەر خىل پائالىيەتلەرنى ئۆتكۈزگەنلىكى تەشۋىق قىلىندى. ھەتتا مەلۇم بىر ئۇيغۇرنىڭ چاغاننى تەبرىكلەپ ئۆيىنىڭ ئىشىكىگە خىتايلارغا ئوخشاش چاغانلىق مەسنىۋىنى ئۇيغۇرچە ھۆسنخەت شەكلىدە ئاسقانلىقى ھەققىدە سۈرەتلىك خەۋەر بېرىلدى.

ئۇيغۇر بىز تورىنىڭ خەلقئارا تور بېكىتىدە خەۋەر قىلىنىشىچە، ئۇيغۇر تورداشلار بۇ خىل خەۋەرلەر ھەققىدە خىتايدىكى ئاممىۋى تور بېكەتلىرىدە نارازىلىقىنى ئىپادىلەپ، «تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش مانېۋىرلىرىدا ئۇيغۇرلارنىڭ تېررورچى قىلىپ كۆرسىتىلىشى ئېغىر مەسئۇلىيەتسىزلىك»،«ھۆكۈمەت ئۆزى تەشۋىق قىلىۋاتقان مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىغا خىلاپ قىلمىش» دەپ ئەيىبلىگەن. تورداشلار يەنە خىتاينىڭ مەركىزى تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ چاغانلىق پروگراممىسىدا بېرىلگەن ئاقسۇ ئاۋات ناھىيىسىدىكى مەلۇم بىر ئۇيغۇر ئائىلىسىنىڭ مۇسەللەس ئىچىپ چاغان ئۆتكۈزگەنلىكى، شىنجاڭ گېزىتى قاتارلىقلاردا ئېلان قىلىنغان چاغاندا ئۆيىنىڭ ئىشىكىگە خىتايلارغا ئوخشاش مەسنەۋى يېزىپ چاپلىغان ئۇيغۇر ھەققىدىكى رەسىملىك خەۋەرنى ئەيىبلەپ، «بۇ خىل تەشۋىقاتلار ئۇيغۇرلارنىڭ مىللىي ئۆرپ-ئادىتىگە ھۆرمەت قىلمىغانلىق، خىتاي مەدەنىيىتىنى ئۇيغۇرلارغا زورلاپ تاڭغانلىق» دېگەن ئىنكاسلارنى يازغان.

يېقىنقى بىر ھەپتە ئىچىدە خىتاينىڭ ھۆكۈمەت مەتبۇئاتلىرىدا ئېلان قىلىنغان بۇ خىل خەۋەرلەر دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى قاتارلىق چەتئەللەردىكى ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرىنىڭ قاتتىق ئەيىبلىشىگە ئۇچرىدى.

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى باياناتچىسى دىلشات رىشىت بۈگۈن رادىئومىزدا بايانات بېرىپ، خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدە ھەر يىلى چاغان بايرىمى مەزگىلىدە مۇقىملىقنى قوغداش باھانىسىدە، تۈرلۈك قاتتىق باستۇرۇش ۋە نازارەت قىلىش ھەرىكەتلىرىنى كۈچەيتىۋاتقانلىقىنى، بولۇپمۇ بۇ يىل چاغان مەزگىلىدە تېررورلۇققا قارشى مانېۋىر ئۆتكۈزۈپ ئۇيغۇرلارغا ھەيۋە كۆرسىتىش قاتارلىق ھەرىكەتلەردە بولۇشى ئۇيغۇرلارنىڭ نارازىلىقىنى ھەسسىلەپ ئاشۇرىدىغانلىقىنى تەكىتلىدى.

باياناتچى دىلشات رىشىت، خىتاينىڭ مەركىزى تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى قاتارلىق ھۆكۈمەت مەتبۇئاتلىرىدا بېرىلگەن ئۇيغۇرلارنىڭ چاغان ئۆتكۈزگەنلىكى ھەققىدىكى خەۋەرلەر ھەققىدە توختىلىپ، ئىسلام دىنىغا ئېتىقاد قىلىدىغان ئۇيغۇرلارنىڭ چاغان ئۆتكۈزۈپ شاراب ئىچىۋاتقانلىقى ھەققىدىكى كۆرۈنۈشلەرنىڭ خىتاينىڭ ھۆكۈمەت تەشۋىقات ۋاسىتىلىرىدە ئاشكارا تەشۋىق قىلىنىشى، ئۇيغۇرلارغا خىتاي مەدەنىيىتىنى تېڭىپ ئۇيغۇرلارنىڭ مىللىي كىملىكىنى يوقىتىشقا ئۇرۇنغانلىق دەپ ئەيىبلىدى.

دىلشات رىشىت يەنە، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى نامىدىن ئۇيغۇرلارنى ئۆز مەدەنىيىتىنى، دىنىي ئېتىقادىنى قوغداشقا چاقىرىپ، خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى ھەم غەرب دېموكراتىك دۆلەتلىرىنى خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قارىتا يۈرگۈزۈۋاتقان باستۇرۇش ۋە مىللىي ئاسسىمىلياتسىيە سىياسىتىنى يېقىندىن كۆزىتىپ، خىتايغا بېسىم ئىشلىتىشكە چاقىردى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.