ئىچكى موڭغۇلدىكى تۈرمە خادىمى: «بىر تۈركۈم شىنجاڭلىق مەھبۇسلار ئالتە ئاي بۇرۇن يۆتكەپ كېلىندى»
2019.02.18

«زىمىستان» تورىنىڭ ئۇيغۇر رايونىدىن خىتاي ئۆلكىلىرىگە يۆتكەلگەن مەھبۇسلار ھەققىدىكى خەۋىرىدە ئۇچۇر يەتكۈزگۈچىلەردىن بىرىنىڭ ئىچكى موڭغۇللۇق ئىكەنلىكى قەيت قىلىنغان. مۇخبىرىمىز بۇ يىپ ئۇچىغا ئاساسەن ئىچكى موڭغۇل ئاپتونوم رايونىدىكى تۈرمە ۋە تۈرمە باشقۇرۇش ئورۇنلىرىغا قارىتا تېلېفون زىيارىتى ئېلىپ باردى. تۈرمە باشقۇرۇش خادىملىرى بىردەك ئۇيغۇر رايوندىن يۆتكەپ كېلىنگەن مەھبۇسلار مەسىلىسىنىڭ دۆلەت مەخپىيەتلىكى ئىكەنلىكىنى تەكىتلەش ئارقىلىق ئىچكى موڭغۇلدىكى تۈرمىلەردىمۇ ئۇيغۇر رايونىدىن يۆتكەپ كېلىنگەن مەھبۇسلارنىڭ بارلىقىنى دەلىللىدى. ئىچكى موڭغۇل ئاپتونوم رايونلۇق تۈرمە باشقۇرۇش ئىدارىسىنىڭ بىر خادىمى ئۇيغۇر رايونىدىن بىر تۈركۈم مەھبۇسلارنىڭ ئۆتكەن يىلى 8 -ئايدا يۆتكەپ كېلىنگەنلىكىنى ئاشكارىلىدى.
ھۆرمەتلىك رادىئو ئاڭلىغۇچىلار، «زىمىستان» تورىنىڭ مەزكۇر خەۋىرىدە بايان قىلىنىشىچە، ئۇيغۇر رايونىدىكى مەھبۇسلار يۆتكىلىشتىن ئاۋۋال رايوندىن يۆتكەشكە قاتنىشىدىغان ساقچىلارغا مەخپىيەتلىك ھەققىدە مەخسۇس دەرس بېرىلگەن ۋە ئەھۋالنى ئاشكارىلىماسلىق ھەققىدە توختام تۈزۈلگەن. توختامدا «ئەگەر بىرەر ئۇچۇرنى ئاشكارىلاپ قويسا ئاز دېگەندە 3 يىل تۈرمىدە ياتىدىغانلىقى» بەلگىلەنگەن. خەۋەردە يەنە ئىچكى موڭغۇللۇق بىر شاھىتنىڭ مەلۇماتلىرىغا ئاساسەن بايان قىلىنىشىچە، مەھبۇسلار يۆتكەپ كېلىنىش ئالدىدا تۈرمە ئالدىدىكى ۋە ئىچىدىكى بارلىق ۋىۋىسكا ۋە لوزۇنكىلار ئېلىۋېتىلگەن. بۇ ئارقىلىق مەھبۇسلاردىن ئۆزلىرى يۆتكەلگەن ئورۇننىڭ قەيەرلىكى يوشۇرۇلغان. تېلېفونىمىزنى قوبۇل قىلغان ئىچكى موڭغۇل ئاپتونوم رايونلۇق تۈرمە باشقۇرۇش ئىدارىسىنىڭ بىر خادىمى ئۇيغۇر رايونىدىن يۆتكەپ كېلىنگەن مەھبۇسلار ھەققىدە تۈرمە سىياسىي بۆلۈمى قاتارلىق ئالاقىدار ئورۇنلاردىن مەلۇمات ئېلىشىمىزنى تەۋسىيە قىلدى.
تېلېفونىمىزنى قوبۇل قىلغان ئىچكى موڭغۇل ئاياللار 1-تۈرمىسىنىڭ بىر خادىمى بۇ تۈرمىدە ئۇيغۇر رايونىدىن ئەكېلىنگەن مەھبۇسلارنىڭ بار-يوقلۇقى ھەققىدىكى سوئالىمىزغا بۇ ئۇچۇرلارنىڭ «دۆلەت مەخپىيەتلىكى» ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتىپ، بۇ ھەقتە مەلۇمات بېرەلمەيدىغانلىقىنى ئېيتتى. بىز ئۇنىڭدىن ئۆزلىرىنىڭ ئۇيغۇر رايوندىن يۆتكەلگەن مەھبۇسلارنى باشقۇرۇشتا قانداق قىيىنچىلىقلارغا دۇچ كەلگەنلىكىنى سورىغىنىمىزدا ئۇ ئۆزىنىڭ خىزمەت دائىرىسىنىڭ چەكلىكلىكى سەۋەبلىك ئۇ مەھبۇسلار بىلەن ئۇچرىشىش پۇرسىتىنىڭ بولمىغانلىقىنى تىلغا ئالدى. بىز ئۇنىڭدىن مەزكۇر مەھبۇسلارنىڭ ھەرقانداق بىر كىشى بىلەن كۆرۈشۈشىنىڭ چەكلەنگەنلىكى ھەققىدىكى ئۇچۇرنىڭ توغرا-خاتالىقىنى سورىغىنىمىزدا ئۇ ئەھۋالنىڭ ئۇنداق ئەمەسلىكىنى بايان قىلدى.
«بەيدۇ» ئۇچۇر ئامبىرىدىكى بىر ماتېرىيالدا ئىچكى موڭغۇلدا 11 ئورۇندا تۈرمە بارلىقى بايان قىلىنغان. دەسلەپكى ئېنىقلاشلىرىمىز داۋامىدا مەلۇم بىر خادىم ئىچكى موڭغۇلدىكى 4 تۈرمىدە ئۇيغۇر مەھبۇسلارنىڭ بارلىقىنى بايان قىلغان ئىدى. ئىچكى موڭغۇل ئاپتونوم رايونلۇق تۈرمە باشقۇرۇش ئىدارىسىنىڭ سىياسىي بۆلۈم خادىمى ئۇيغۇر رايونىدىن يۆتكەلگەن مەھبۇسلارنىڭ ۋۇتاچى ۋە شالاچى نامىدىكى ئىككى تۈرمىدە بارلىقىنى تىلغا ئالدى. بىز ئۇنىڭدىن ئەنە شۇ ئىككى تۈرمىدە قانچىلىك ئۇيغۇر مەھبۇس بارلىقىنى سورىغىنىمىزدا ئۇ سىرتتىن يۆتكەلگەن مەھبۇسلار مەسىلىسىنىڭ مەخپىيەتلىك ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتتى. «زىمىستان» تورىنىڭ بۇ ھەقتىكى خەۋىرىدە ئىچكىرىگە يۆتكەلگەن ئۇيغۇر مەھبۇسلارنىڭ ئادەتتە 10 يىللىقتىن يۇقىرى كېسىلگەنلەر ئىكەنلىكى بايان قىلىنغان. بىز مەزكۇر خادىمدىن بۇ توغرۇلۇق سوئال سورىغىنىمىزدا، ئۇ بۇ سوئالغا پەقەت ئالاقىدار رەھبەرلەردىن رۇخسەت ئالغاندىن كېيىنلا جاۋاب بېرەلەيدىغانلىقىنى ئېيتتى. بىز ئۇنىڭدىن ئۆز خىزمەت ئورنىدا ئېچىلغان «شىنجاڭدىن مەھبۇس يۆتكەش خىزمىتى» توغرىسىدىكى يىغىنغا قاتناشقان-قاتناشمىغانلىقىنى سورىدۇق. بۇ خادىم ئۆزىنىڭ بۇ يىغىنغا قاتناشقانلىقىنى بايان قىلدى. ئۇنىڭ دېيىشىچە، شۇ يىغىندا خادىملار ئۇيغۇر رايوندىن كەلگەن مەھبۇسلار ھەققىدە ھەرقانداق ئورۇننىڭ سوئالىغا جاۋاب بەرمەسلىك، جاۋاب بېرىشكە توغرا كەلسە پەقەت رەھبەرلىكنىڭ تەستىقىدىن كېيىن جاۋاب بېرىش ھەققىدە ئاگاھلاندۇرۇلغان ئىكەن.
تېلېفونىمىزنى قوبۇل قىلغان ۋۇتاچى تۈرمە خادىمى ئۆزلىرىدە ئۇيغۇر رايونىدىن يۆتكەلگەن مەھبۇسلارنىڭ يوق بولۇشى مۈمكىنلىكىنى ئېيتتى، ئەمما يوق دەپ كېسىپ ئېيتالمىدى. ئىلگىرى بەزى خەۋەرلەردە ئىچكى موڭغۇلنىڭ ئۇيغۇر رايونىدىن يۆتكەلگەن مەھبۇسلارنى ھەرقايسى ئۆلكىلەرگە يولغا سېلىشتا بىر ئۆتەڭ ئورنىدا قوللىنىلغانلىقىمۇ تىلغا ئېلىنغان. بىز ئالاقىدار خادىمدىن ئۇيغۇر رايونىدىن مەزكۇر مەھبۇسلارنىڭ ئىچكى موڭغۇلغا ۋاقىتلىق ئەكېلىنگەنلىكى ۋە ياكى ئۇزۇن مۇددەتلىك ئەكېلىنگەنلىكىنى سورىدۇق. ئۇ ئۆزىنىڭ بۇ ھەقتە مەلۇماتى يوقلۇقىنى ئېيتتى.
«زىمىستان» تورىنىڭ خەۋىرىدە يەنە ئىچكى موڭغۇللۇق گۇۋاھچىنىڭ بايانلىرىغا ئاساسەن ئۇيغۇر رايونىدىن يۆتكەلگەن مەھبۇسلارنىڭ ھەددىدىن زىيادە قاتتىق باشقۇرۇلۇۋاتقانلىقى، بۇ سەۋەبىدىن ئۆلۈم ھادىسىلىرىنىڭمۇ يۈز بەرگەنلىكى تىلغا ئېلىنغان. بىز رايونلۇق تۈرمە باشقۇرۇش ئىدارىسى خادىمدىن ئۇيغۇر مەھبۇسلار بىلەن تۈرمە خادىملىرى ئارىسىدا تىل مەسىلىسى يۈز بېرىۋاتقان ياكى بەرمەيۋاتقانلىقىنى سورىدۇق. بۇ خادىم ئۇيغۇر مەھبۇسلار قامالغان شالاچى ۋە ۋۇتاچى تۈرمىلىرىنىڭ ئالاھىدە باشقۇرۇلىدىغانلىقى، ئۇ يەردە يۈز بەرگەن مەسىلەرنىڭ ئۆزلىرىگە مەلۇم قىلىنمايدىغانلىقىنى ئېيتتى. بىز ئۇنىڭدىن ئۇيغۇر رايونىدىن مەھبۇسلارنىڭ قاچان يۆتكەلگەنلىكىنى سورىغىنىمىزدا، ئۇ «بۇنىڭدىن ئالتە ئايچە بۇرۇن» دەپ جاۋاب بەردى. ئەمما شۇ قېتىمدا قانچىلىك كىشىنىڭ يۆتكەلگەنلىكى ۋە قەيەرلەرگە تەقسىم قىلىنغانلىقى ھەققىدە ئالاقىدار رەھبەرلەرنىڭلا مەلۇماتلىق ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتتى.
بىز ئاخىرىدا ئۇيغۇر رايونىدىن مەھبۇس يۆتكەشنىڭ يەنە داۋام قىلىۋاتقان ياكى توختىغانلىقىنى سورىدۇق. ئۇ بۇ ئۇچۇرلارنىڭ «تامامەن مەخپىيەتلىك» ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتىپ، ئادەتتىكى كادىرلارنىڭ بۇ ئەھۋاللاردىن خەۋەر تېپىشىنىڭ مۇمكىنسىزلىكىنى ئېيتتى.