«ستالىنچە چوڭ تازىلاش» نىڭ ئەۋجىگە چىقىشى ۋە بۇندىن كېيىنكى خىتاي-ياۋروپا مۇناسىۋەتلىرى
2023.12.14
ياۋروپا مەتبۇئاتلىرى ئىقتىسادىي جەھەتتىن بارغانسېرى زاۋاللىققا يۈزلىنىۋاتقان خىتاينىڭ 2024-يىلىدىن كېيىنكى تەرەققىياتىغا سەلبىي باھا بېرىش بىلەن بىرگە، شى جىنپىڭنىڭ سىياسىي جەھەتتىكى ئەسەبىيلىكلىرىنىڭ كۈنسېرى كۈچىيىۋاتقانلىقىغىمۇ نەزىرىنى ئاغدۇرماقتا.
ئاخبارات ۋاسىتىلىرىنىڭ ئىلگىرى سۈرۈشىچە، خىتاي ھاكىمىيىتى 2016-يىلىدىن بۇيان ئۇيغۇر دىيارىدا جازا لاگېرلىرىنى تەسىس قىلىپ، مىليونلىغان ئۇيغۇرلار ئۈستىدىن ئىرقىي قىرغىنچىلىق يۈرگۈزۈپلا قالماي، بەلكى خىتاي مىقياسىدىمۇ قانچە ئون مىڭلىغان خىتاي ئەمەلدارلىرىنى ھوقۇقىدىن مەھرۇم قىلغان، تۈرمىلەرگە تاشلىغان ياكى ئىز-دېرەكسىز غايىب قىلىۋەتكەن.
«گېرمانىيە دولقۇنلىرى رادىيوسى» 13-دېكابىر ئېلان قىلغان «شى جىنپىڭنىڭ ستالىنچە چوڭ تازىلىشى» ناملىق خەۋەردە بايان قىلىشىچە، ئالدىنقى بىر قانچە ئاي ئىچىدە شى جىنپىڭنىڭ نۇرغۇنلىغان شېرىكلىرى ئىز-دېرەكسىز غايىب بولغان. بۇلارنىڭ ئىچىدە مىنىستىر دەرىجىلىك دۆلەت رەھبەرلىرى ۋە ھەربىي قوماندانلار كۆپ سانلىقنى ئىگىلەيدىكەن.
خەۋەردە مۇنداق جۈملىلەرگە ئورۇن بېرىلگەن: «دۇنيا جامائىتىنىڭ دىققەت نەزىرى رۇسىيە-ئۇكرائىنا ئۇرۇشىغا ۋە ئوتتۇرا شەرقتىكى توقۇنۇشقا مەركەزلەشكەن بىر پەيتتە، خىتاينىڭ سىياسىي سەھنىسىدە ستالىنچە چوڭ تازىلاش شەپىسىز باشلىنىپ كەتتى. شى جىنپىڭنىڭ بۇ ھەرىكىتى دۇنيا ئىقتىسادى ۋە رايوننىڭ تىنچلىقىغا چۇڭقۇر تەسىر كۆرسىتىشى مۇمكىن.»
خەۋەردە يەنە مۇنداق دېيىلگەن: «شى جىنپىڭ 2012-يىلى ھاكىمىيەتنى قولىغا ئالغاندىن كېيىن، مىليونلىغان ئەمەلدارنى شاللاپ چىقىرىدىغان تازىلاشنى يولغا قويدى. تازىلانغان بۇ شەخسلەرنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسمى قارشى لاگېردىكى سىياسىي رەقىبلىرى ئەمەس، بەلكى شى جىنپىڭنىڭ ئۆز چەمبىرىكى دائىرىسىدىكى ئىشەنچلىك كىشىلىرى ئىدى. كىشىلەر ھازىر خىتاي كوممۇنىستىك ھاكىمىيىتىنىڭ ئىچكى جەھەتتىكى مۇقىمسىزلىقىدىن قاتتىق گۇماندا بولۇشقا تامامەن ھەقلىق.»
خەۋەردە، خىتاينىڭ سابىق تاشقىي ئىشلار مىنىستىرى چىن گاڭ ۋە شى جىنپىڭ ئۆزى تەيىنلىگەن دۆلەت مۇداپىيە مىنىستىرى لى شاڭفۇ قاتارلىق نۇرغۇنلىغان يۇقىرى دەرىجىلىك ھۆكۈمەت ئەمەلدارلىرىنىڭ غايىب قىلىنغانلىقى، بەزىلىرىنىڭ ھەتتا ئۆلتۈرۈلگەن بولۇشى مۇمكىنلىكى ئىلگىرى سۈرۈلگەن بولۇپ، خىتاي ئىچكى جەھەتتە سىياسىي، ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەپلەردىن ئېغىر تۇراقسىزلىققا پاتقان.
بۇ خىل ۋەزىيەتنى نەزەردە تۇتقان غەرب دۆلەتلىرى 2023-يىلىنىڭ ئوتتۇرىلىرىدىن باشلاپ خىتايغا سالىدىغان مەبلەغلىرىنى زور دەرىجىدە ئازايتىشقا باشلىغان. يالغۇز گېرمانىيەنىڭ خىتايغا سېلىۋاتقان مەبلىغىلا تۆتتىن بىر ھەسسە كېمەيگەن. ئۇنىڭ ئۈستىگە، ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ خىتاينىڭ ياۋروپا ئىتتىپاقىغا ئەزا دۆلەتلەرنىڭ ئاساسى ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشلىرىغا سالىدىغان مەبلەغلىرىنى چەكلەش سىياسىتىمۇ كۈچەيگەن. 7-دېكابىر بېيجىڭدا ئېلىپ بېرىلغان خىتاي-ياۋروپا ئىتتىپاقى يۇقىرى دەرىجىلىكلەرنىڭ سۆھبىتى ئىككى تەرەپنىڭ بۇندىن كېيىنكى ئىقتىسادىي ھەمكارلىقىنىڭ گۈللىنىشىنىڭ ئەمەس، بەلكى بارغانسېرى زاۋاللىققا يۈز تۇتىدىغانلىقىنىڭ ئاخىرقى بېشارىتى بولۇپ قالغان.
تۈركىيەدىكى ئىستراتېگىيە مۇتەخەسسىسى دوكتور ئەركىن ئەكرەمنىڭ قارىشىچە، ياۋروپا ئىتتىپاقى بىلەن خىتاينىڭ بۇندىن كېيىنكى سىياسىي، ئىقتىسادىي مۇناسىۋەتلىرى ئىككى تەرەپنىڭ ھاكىمىيەت تۈزۈلمىسىدىكى پەرق ھەم تەڭپۇڭسىز سودا رىقابىتى سەۋەبلىك ئانچە كۆڭۈلدىكىدەك بولمايدىكەن.
«شى جىنپىڭنىڭ ستالىنچە چوڭ تازىلىشى» ناملىق خەۋەردە بايان قىلىشىچە، دۆلەت ئىچىدىكى ئېغىر ۋەزىيەت تۈپەيلىدىن خىتاي پۇقرالىرى نۆۋەتتە شى جىنپىڭنىڭ خەلقنىڭ دىققىتىنى باشقا تەرەپكە بۇراش ئۈچۈن ئۇرۇش قوزغاپ قېلىشىدىن ئەندىشىلەنمەكتە ئىكەن. بۇ ئۇرۇش خىتاينىڭ تەيۋەنگە ھۇجۇم قىلىش ئېھتىماللىقىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىكەن.
گېرمانىيەدىكى ۋەزىيەت ئانالىزچىسى غەيۇر قۇرباننىڭ قارىشىچە، ئۇيغۇرلار مەسىلىسىنى كۈنسېرى مۇھىم تېما قاتارىدا كۆرۈپ كېلىۋاتقان گېرمانىيە بىلەن خىتاينىڭ مۇناسىۋىتى ئەمدى ئىلگىرىكىدەك بولمايدىكەن. ئۇ سۆزىدە ياۋروپا ئىتتىپاقىغا ئەزا بەزى چوڭ دۆلەتلەرنىڭ خىتايغا قارىتا سىياسەتلىرىدە زور بۇرۇلۇشلارنىڭ مەيدانغا كېلىۋاتقانلىقىنى ئەسكەرتتى.