جوش ۋولفې: ئۇيغۇرلارغا سىناق قىلىپ ياسالغان دورىلارنى ئىشلىتىشنىڭ ئەخلاقىي ئۆلچىمى نېمە؟
2023.07.28
26-ئىيۇل كۈنى ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىنىڭ ئامېرىكا-خىتاي ئىستراتېگىيەلىك رىقابەت پەۋقۇلئاددە كومىتېتىدا ئېچىلغان بىر ئىسپات ئاڭلاش يىغىنىدا دۇنيانىڭ كەلگۈسىنى بەلگىلەيدىغان سۈنئىي ئەقىل، بىئوخىمىيە، كۇۋانتۇم تېخنىكىسى قاتارلىق ساھەلەردە ئامېرىكانىڭ ئۈستۈنلۈكىنى ساقلاپ قېلىشنىڭ يولى ۋە بۇنىڭ ئەھمىيىتى ھەققىدە مۇنازىرە بولغان.
يىغىن رىياسەتچىسى ھەمدە بۇ پەۋقۇلئاددە كومىتېتنىڭ رەئىسى مايك گاللىگىر ئەپەندى يىغىندا ئامېرىكانىڭ پەن-تېخنىكىدىكى ئۈستۈنلۈكنى ساقلاپ قېلىشنىڭ نېمە ئۈچۈن مۇھىملىقىنى چۈشەندۈرگەندە سابىق سوۋېت ئىتتىپاقى بىلەن ئامېرىكانىڭ سوغۇق مۇناسىۋەتلەر ئۇرۇشىنى مىسال قىلىپ كۆرسەتكەن. ئۇ، «80-يىللىرىنىڭ ئاخىرىغا كەلگەندە، سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ زور كۆلەملىك يادرو قوراللىرى ۋە زور كۆلەملىك ئارمىيەسى بارلىقى، ئەمما ئامېرىكانىڭ شۇ چاغدا ئىلغار مىكرو ئۆزەك تېخنىكىسى، جۇغراپىيەلىك ئورۇن بەلگىلەش سىستېمىسى(GPS) ۋە راداردا كۆرۈنمەسلىك قاتارلىق يېڭى تېخنىكىلارنىڭ ياردىمىدە سابىق سوۋېت ئىتتىپاقىنى يەڭگەنلىكى» نى ئەسلەتكەن.
ئۇ، خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ سابىق سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ مانا شۇ تېخنىكا جەھەتتە ئاجىز قالغان خاتالىقلىرىدىن ساۋاق ئېلىپ، ھازىر دۇنيادىكى ھالقىلىق تېخنىكىلارغا ھۆكۈمرانلىق قىلىشنى بار كۈچى بىلەن قوغلىشىۋاتقانلىقىنى، «بۇنىڭ ئۈچۈن ئۇلارنىڭ چەتئەل شىركەتلىرىنى تېخنىكىلىرى بېرىشقا مەجبۇرلاش، تور ھۇجۇمى، شىركەت ۋە ئىلمىي ئورگانلارغا سىڭىپ كىرىش، غەرەزلىك ھەمكارلىق قاتارلىق ۋاسىتىلەرنى قوللىنىپ تۇرۇپ ئامېرىكانىڭ تېخنىكىلىرىنى ئوغرىلاشقا ۋە ئۇنى ئۆزىنىڭ رەزىل نىيەتلىرى ئۈچۈن قوللىنىشقا ئۇرۇنۇۋاتقانلىقى» نى ئەسكەرتكەن.
مەزكۇر ئىسپات ئاڭلاش يىغىنىدا گۇۋاھلىق بەرگۈچىلەر ۋە كومىتېت ئەزالىرى بىردەك خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ بۇنداق ئىلغار تېخنىكىلارغا ئىگە بولۇشىنىڭ ئىنتايىن خەتەرلىك بىر ئەھۋاللىقى، چۈنكى ئامېرىكا قاتارلىق غەرب دېموكراتىك دۆلەتلىرىدە بۇنداق تېخنىكىلارنىڭ يامان نىيەتتە قوللىنىشىنىڭ ئالدىنى ئالىدىغان پرىنسىپلار، قائىدە-قانۇنلار بولغان بىلەن، خىتايدەك يالغۇز كىشىلىك ھاكىمىيەت بىلەن باشقۇرۇلىدىغان بىر دۆلەتتە ھاكىمىيەتنىڭ قۇدرىتىنى چەكلىمە قويغىلى بولمايدىغانلىقىنى تەكىتلەشتى. بولۇپمۇ ئۇلار بۇنىڭغا مىسال بەرگەندە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ گېن ئۇچۇرلىرىنى يىغىشى، ئۇيغۇرلارنىڭ چىرايىنى پەرقلەندۈرىدىغان كامېرا تېخنىكىسىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشى قاتارلىقلارنى كۆپ قېتىم مىسال قىلىپ كۆرسىتىپ، خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ ئىلغار تېخنىكىلارنى ئېگىلىشنىڭ ئالدىنى ئېلىشنىڭ قانچىلىك مۇھىملىقىنى تەكىتلەشكەن.
يىغىندىكى گۇۋاھلىق بەرگۈچىلەرنىڭ بىرى ئامېرىكادىكى ھەرخىل يۇقىرى پەن-تېخنىكا تۈرلىرىگە مەبلەغ سالغۇچى شىركەت بولغان لۇكىس كاپىتالىنىڭ (Lux Capital) نىڭ قۇرغۇچىلىرىنىڭ بىرى بولغان جوش ۋولفې (Josh Wolfe) بولۇپ، ئۇ يىغىندىكى سۆزىدە ئامېرىكانىڭ يۇقىرى پەن-تېخنىكا تەرەققىيات تۈرلىرىگە سېلىنىدىغان مەبلەغنى كۆپەيتىشى لازىملىقىنى، بولۇپمۇ بىئوتېخنىكىغا ئوخشاش مۇھىم ساھەلەردە خىتاينىڭ ئالدىغا ئۆتۈپ كېتىشنىڭ مۇھىملىقىنى تەكىتلىدى. ئۇ بۇنىڭ سەۋەبىنى چۈشەندۈرگەندە مۇنداق مىسال بەرگەن:
«بىئوتېخنىكا، ئىنتايىن دىققەت قىلىشقا تېگىشلىك ساھە. چۈنكى خىتاينىڭ بۇ ساھەدە ئەخلاقىي ئۆلچىمى ۋە ئۇنى نازارەت قىلىپ تۇرىدىغان ئاپپاراتلىرى يوق. ئەمما بىزدە ئۇنداق ئەمەس. . . بۇ يەردە يەنە كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىدە پەرقىمىز بار. . . . مەسىلەن، سىلەر، كېلەچەك بىر ياكى ئىككى يىل ئىچىدە ئالتسخېيمېر كېسىلى (ياكى ياشانغانلار دېۋەڭلىك كېسىلى)نىڭ داۋاسى چىققانلىقىنى پەرەز قىلىپ بېقىڭلار. ھەممە ئادەم يېقىنلىرىغا ئېلىشقا ئالدىرىشى مۇمكىن. بىراق ئۇ دورا مىليونلىغان ئۇيغۇرغا سىناق قىلىنىپ ياسالغان بولسىچۇ؟ بۇنى بىلگەن ۋاقتىمىزدا قانداق قىلىمىز؟ بۇ يەردىكى ئەخلاق ئۆلچىمى نېمە بولۇشى كېرەك؟ مەن شۇڭا بىزنىڭ رىقابىتىمىزنىڭ ئىنتايىن مۇھىملىقىغا ئىشىنىمەن».
جوش ۋولفې ئەپەندى سۆزى داۋامىدا يەنە، ئۇيغۇرلارغا ھازىر ئىرقىي قىرغىنچىلىق يۈرگۈزۈلۈۋاتقانلىقىنىمۇ تەكىتلەپ: «مەن ئۆزۈم بىر يەھۇدىي ئائىلىسىدىن كېلىپ چىققان، مەن ئەڭ كۆپ ئاڭلىغان ئىككى سۆز بولسا ‹ئەسلا تەكرارلانمايدۇ› ئىدى، بىراق بۇ ھازىر تەكرارلىنىۋاتىدۇ. بىز ئۇ يەردىكى كىشىلىك ھوقۇق ۋەزىيىتىگە ئوخشاش كۆڭۈل بۆلۈشىمىز كېرەك ۋە ئۆزىمىزنىڭ بۇ تېخنىكا ساھەيىمىزگە كۆپلەپ مەبلەغ سېلىپ رىقابەت كۈچىمىزنى ئاشۇرۇشىمىز كېرەك» دېدى.
جوش ۋولفې ئەپەندىنىڭ سۆزىنى يىغىندىكى مەجلىس ئەزالىرى قارشى ئالدى. ئۇلار بۇ كومىتېتنىڭ تۇنجى ئىسپات ئاڭلاش يىغىنىنىمۇ ئۇيغۇرلارغا يۈز بېرىۋاتقانلارنى ئاڭلاش بىلەن باشلىغانلىقىنى ئېيتقان.
مەزكۇر يىغىندا گۇۋاھلىق بەرگۈچىلەر پىكىر-تەكلىپلىرىدە ئامېرىكانىڭ تېخنىكادىكى ئۈستۈنلۈكىگە كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن تېخنىكا ساھەسىگە سالىدىغان مەبلەغنى ئاشۇرۇش، ئامېرىكا شىركەتلىرىنىڭ خىتايغا سالىدىغان مەبلىغى ۋە سېتىۋاتقان مەھسۇلاتلىرىنى نازارەت قىلىشنى كۈچەيتىش، مەبلەغنى ئامېرىكىغا قايتۇرۇپ كېلىش، دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى ئىختىساسلىقلارنى ئامېرىكاغا جەلپ قىلىشنى كۈچەيتىش قاتارلىق پىكىر-تەكلىپلەرنى بەرگەن.
كومىتېت رەئىسى مايك گاللىگىر ئەپەندى يىغىننى تۆۋەندىكى سۆزلەر بىلەن ئاياغلاشتۇردى. «ئەگەر بىز خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ بىز بىلەن بولغان تېخنىكا رىقابىتىدە بىزنى مەغلۇپ قىلىشىغا يول قويساق، ئۇلار بۇ تېخنىكىنى رەزىللىك ئۈچۈن قوللىنىدۇ. بىزنىڭ ئامېرىكادا، ئەركىن دۇنيادا ھېچ بولمىغاندا بۇنداق تېخنىكىلارنىڭ ياخشىلىق ئۈچۈن ئىشلىتىلىشىگە كاپالەتلىك قىلىش پۇرسىتىمىز بار».