شائىر تاھىر ھامۇت ئىزگىل: «شېئىرلىرىمدا خەلقىمنىڭ بېشىغا كەلگەن كۈلپەتلەر ئەكس ئېتىدۇ»

ۋاشىنگتوندىن مۇخبىرىمىز نۇرئىمان تەييارلىدى
2024.06.06
tahir-hamut-oslo-mukapat-2 «ئوسلو ئەركىنلىك مۇنبىرى» دە «كىشىلىك ھوقۇق فوندى» تەرىپىدىن تارقىتىلىدىغان «ۋاسلاۋ خاۋېل خەلقئارا ئىجادىي ئۆكتىچىلىك مۇكاپاتى» غا ئېرىشكەن تاھىر ھامۇت ئىزگىل ئەپەندى تونۇشتۇرۇلۇۋاتقان كۆرۈنۈش. 2024-يىلى 4-ئىيۇن، ئوسلو.
Facebook/Tahir Hamut Izgil

4-ئىيۇن كۈنى، نورۋېگىيەنىڭ پايتەختى ئوسلودا ئۆتكۈزۈلگەن 2024-يىللىق «ئوسلو ئەركىنلىك مۇنبىرى» (OFF) دە ئۇيغۇر ئەدىب ۋە شائىر تاھىر ھامۇت ئىزگىل ئەپەندى «كىشىلىك ھوقۇق فوندى» تەرىپىدىن تارقىتىلىدىغان «ۋاسلاۋ خاۋېل خەلقئارا ئىجادىي ئۆكتىچىلىك مۇكاپاتى» (Václav Havel International Prize for Creative Dissent) نى تور ئارقىلىق تاپشۇرۇۋالغان.

مەزكۇر مۇكاپات، كىشىلىك ھوقۇق فوندىنىڭ قۇرغۇچىسى تسور خالۋورسېن (Thor Halvorssen) ئېيتقاندەك، جاسارەت ۋە ئىجادچانلىق ئارقىلىق زوراۋانلىقلارنى ئاشكارىلاپ بەرگەن ئۆكتىچىلەرگە بېرىلىدىغان مۇكاپات ئىدى.

«ئوسلو ئەركىنلىك مۇنبىرى» دە مۇكاپاتقا ئېرىشكەنلەر. 2024-يىلى 4-ئىيۇن، ئوسلو.
«ئوسلو ئەركىنلىك مۇنبىرى» دە مۇكاپاتقا ئېرىشكەنلەر. 2024-يىلى 4-ئىيۇن، ئوسلو.
Facebook/Tahir Hamut Izgil

شائىر تاھىر ھامۇت ئىزگىل ئەپەندىنىڭ رادىيومىزغا بىلدۈرۈشىچە، ئۇنىڭ بۇ مۇكاپاتقا ئېرىشىشىگە «كېچىدە تۇتقۇن قىلىنىشنى كۈتۈش» ناملىق ئەسلىمە كىتابى ئاساسلىق رول ئوينىغان. «كىشىلىك ھوقۇق فوندى» بۇ كىتابقا «ئۇيغۇرلارغا قارىتىلىۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىقنى دۇنياغا ئاشكارىلاشتا رول ئوينىغان ئاز ساندىكى گۇۋاھلىقلارنىڭ بىرى» دەپ باھا بەرگەن.

ئۇ مۇكاپاتنى تاپشۇرۇۋېلىش ئۈچۈن نەق مەيدانغا بارالمىغان بولسىمۇ، ئۆزىنىڭ «جاۋاب» ناملىق شېئىرىنى «ئوسلو ئەركىنلىك مۇنبىرى» نىڭ يىغىن زالىدىكى چوڭ ئېكراندا دېكلاماتسىيە قىلىش ئارقىلىق ئۆزىنىڭ يۈرەك سۆزلىرىنى ئىپادىلىگەن.

«كىشىلىك ھوقۇق فوندى» تەرىپىدىن تارقىتىلىدىغان «ۋاسلاۋ خاۋېل خەلقئارا ئىجادىي ئۆكتىچىلىك مۇكاپاتى» غا ئېرىشكەن تاھىر ھامۇت ئىزگىل ئەپەندى «ئوسلو ئەركىنلىك مۇنبىرى» دە ئۆزىنىڭ «جاۋاب» ناملىق شېئىرىنى سىن ئارقىلىق ئوقۇۋاتقان كۆرۈنۈش. 2024-يىلى 4-ئىيۇن.
«كىشىلىك ھوقۇق فوندى» تەرىپىدىن تارقىتىلىدىغان «ۋاسلاۋ خاۋېل خەلقئارا ئىجادىي ئۆكتىچىلىك مۇكاپاتى» غا ئېرىشكەن تاھىر ھامۇت ئىزگىل ئەپەندى «ئوسلو ئەركىنلىك مۇنبىرى» دە ئۆزىنىڭ «جاۋاب» ناملىق شېئىرىنى سىن ئارقىلىق ئوقۇۋاتقان كۆرۈنۈش. 2024-يىلى 4-ئىيۇن.
Facebook/Tahir Hamut Izgil

ئەي بىزگە گۈزەل بىر زاۋالنى نىيەت قىلغۇچى،

جاھىل كۆچەتلىرىمىزنىڭ زەر بىخلىرىدىن قورق.

مەزكۇر سۆھبەتنىڭ تەپسىلاتىنى يۇقىرىقى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن ئاڭلىغايسىز.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.