دىنىي ئالىم ئېھسان شەنئوجاق ئۇيغۇلار مەسىلىسىدە تالىبانلارنى ئاگاھلاندۇردى ۋە ئۇلارنى خىتايدىن يىراق تۇرۇشقا چاقىردى
2021.09.16
ھەممىگە مەلۇم بولىغۇنىدەك، ئامېرىكا ئەسكەرلىرى ئافغانىستاندىن چېكىنىپ چىققاندىن كېيىن، خىتاي دىپلوماتىك ئەمەلدارلىرى ئارقا-ئارقىدىن تالىبانلار بىلەن كۆرۈشۈپ مۇناسىۋەتلىرىنى قويۇقلاشتۇرۇشقا ئورۇنماقتا.
14-سېنتەبىر كۈنى خىتاينىڭ كابۇلدا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى ۋاڭ يۈ تالىبان ھۆكۈمىتى تاشقىي ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ مىنىستىر ۋەكىلى بولغان ئەمىرخان مۇتتەقىنى زىيارەت قىلغان ۋە ئىككى دۆلەتنىڭ مۇناسىۋەتلىرى توغرىسىدا مۇزاكىرە ئېلىپ بارغان.
بۇ ھەقتە تالىبان ھۆكۈمىتى مەدەنىيەت كومتېتى ئىدارىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى ئەخمەدۇللاھ ۋاسىق ئۆزىنىڭ تىۋېتتېر ھېسابىدا، خىتاي باش ئەلچىسى ۋاڭ يۇنىڭ ئافغانىستانغا 15 مىليون دوللار ئىنسانىي ياردەم بېرىشكە ۋەدە قىلغانلىقىنى ئېلان قىلغان.
خىتاينىڭ تالىبانلارغا ئىقتىسادىي ياردەم بېرىشى ئۇيغۇرلار مەسلىسىگە قانداق تەسىر كۆرسىتىدۇ؟ بۇ ھەقتە زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان تۈركىيە ھاجەتتەپە ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئوقۇتقۇچىسى، ئىستىراتېگىيە مۇتەخەسسسى دوكتۇر ئەركىن ئەكرەم پىكىر بايان قىلىپ، خىتاي تالىبان ھۆكۈمىتىنى ھازىردىن باشلاپ پۇل ئارقىلىق ئۆزىگە تارتىشقا تىرىشىۋاتقانلىقىنى، ئۇلارنىڭ تالىبانلارغا ئىقتىسادىي ياردەم بېرىشى ھېچقانداق بىر ئۇيغۇر تەشكىلاتىنى ئافغانىستاندا تۇرغۇزماسلىقنى مەقسەت قىلىدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى
خىتاي ئۆزىنىڭ ئافغانىستان سىياسىتىنى شەكىللەندۈرگەندە قانداق بىر يول تۇتۇپ مېڭىشى مۇمكىن؟ دوكتۇر ئەركىن ئەكرەم، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ تالىبانلارغا بىرى رادىكالىزىمدىن ئۇزاق تۇرۇش، يەنە بىر ئۇيغۇر قۇراللىقلىرىغا ياردەم بەرمەسلىكتىن ئىبارەت ئىككى تۈرلۈك تەلەپنى ئوتتۇرىغا قويغانلىقىنى بىلدۈردى.
دوكتۇر ئەركىن ئەكرەم ئەپەندى، خىتاينىڭ تالىبانلار بىلەن يېقىن مۇناسىۋەت قۇرۇشنىڭ يەنە بىر سەۋەبىنىڭ ئافغانىستاننىڭ يەر ئاستى بايلىقلىرىنى قولغا كىرگۈزۈش ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈردى.
خىتاينىڭ ئافغانىستان سىياسىتىدىكى ئىقتىسادىي ئامىل بىلەن بىخەتەرلىك مەسىلىسىتوغرىسىدا پىكىر بايان قىلغان تۈرك مۇتەخەسسىس، دوكتۇر ئالتاي ئاتلى ئەپەندى مۇنداق دېدى: «ئەلۋەتتە، بۇنىڭدا خىتاينىڭ بىخەتەرلىك ئەندىشىلىرى ۋە شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسى ئەڭ مۇھىم ئامىلدۇر. بۇ خىتاينىڭ باشقا دۆلەتلەر بىلەن بولغان مۇناسىۋەتلەردىمۇ ھەر ۋاقىت مۇشۇنداق بولۇپ كەلدى. بېيجىڭ ھۆكۈمىتى بۇ مەسىلىدە ئەندىشىلىرىنى ئۇچۇق-ئاشكارا ئوتتۇرىغا قويۇپ كەلدى. تالىبان بولسا ئافغانىستان زېمىنىدىن خىتايغا ۋە خىتاينىڭ زېمىن پۈتۈنلۈكىگە قارىتا بىر تەھدىتنىڭ ئوتتۇرىغا چىقىشىغا رۇخسەت قىلمايدىغانلىقىنى بايان قىلىپ كەلدى. بىراق بۇ باياناتلار خىتاينىڭ بىخەتەرلىك جەھەتتىكى ئەندىشلىرىگە خاتىمە بېرەلمىدى.»
يېقىندا تۈركىيەنىڭ مەشھۇر دىنىي ئالىمى، دوكتۇر ئېھسان شەنئوجاق، ئۇيغۇرلار مەسىلىسىدە تالىباننى ئاگاھلاندۇردى ۋە ئۇلارنى خىتايدىن ئۇزاق تۇرۇشقا چاقرىق قىلدى. ئۇ مۇنداق دېدى: «سىلەرگە شۇنى خىتاپ قىلىمىزكى، دۇنيا سىلەرگە دىققەت قىلىۋاتىدۇ، سىلەرنىڭ ئىسلامنىڭ گۈزەللىكىنى ئوتتۇرىغا قويۇش مەجبۇرىيىتىڭلار بار. شۇنى دەيمەنكى، خىتاي بىلەن يېقىن مۇناسىۋەت قۇرماڭلار! بۇ يەردە )تۈركىيەدە( شەرقىي تۈركسىتانلىق مۇسۇلمان قېرىنداشلىرىمىز بار. ئۇلار ئىلىم تەھسىل قىلىش ئۈچۈن خوتەن، قەشقەر، يەركەن قاتارلىق ئانا يۇرتلىرىدىن ئايرىلدى. ئۇلار تۈركىيەدە ئىسلامىي بىلىم ئۆگىنىۋاتىدۇ. ئۇلار ئىسلامىي بىلىم ئۆگىنىۋاتقانلىقى سەۋەبىدىن خىتاي ئۇلارنى ‹تېرورچى› دەپ ئېلان قىلدى. ئۆيلىرىگە بېسىپ كىرىپ ئاتا-ئانىلىرىنى تۇتقۇن قىلدى ۋە لاگېرلارغا قامىدى. قىزلىرىنى خىتايلار بىلەن توي قىلىشقا مەجبۇرلىدى. ئۆيدە قالغان كېچىك بالىلارنى دارىلتامغا ئېلىپ كەتتى، ئۇلارنىڭ ئىسىملىرىنى ئۆزگەرتتى. ئۇلارنى ماۋنىڭ قىزىل كىتابىغا ئاساسەن دىنسىزلىق تەلىم-تەربىيەسى بىلەن مېڭىسىنى يۇيۇۋاتىدۇ. . .»
ئۇ يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا، ئۇيغۇرلار مەسىلىسىدە تالىباننى خىتايدىن ئۇزاق تۇرۇشقا چاقرىق قىلىپ، مۇنداق دېدى: «ئەي، ئافغانىستاندىكى قېرىنداشلىرىم! خىتاينىڭ دېگەنلىرىگە ئىشەنمەڭلار، شەرقىي تۈركىستاندا مەسچىتلەر چېقىلىۋاتىدۇ. ئەزان ئوقۇش چەكلەندى. نەچچە مىليون مۇسۇلمانلارنى يىغىۋېلىش لاگېرلىرىغا قامىدى. ئۇ يەردە مۇسۇلمانلارنىڭ قىزلىرىنى دىنسىز خىتايلار بىلەن توي قىلىشقا مەجبۇرلاۋاتىدۇ. ئەي ئافغانىستاندىكى قېرىنداشلىرىم! ئۇيقۇڭلارنى ئېچىڭلار، خىتايغا يېقىنلاشماڭلار! سىلەرنى ئېرىتىش ئۈچۈن ئەۋەتكەن خىتاينىڭ ياردەملىرىنى رەت قىلىڭلار.»
دوكتۇر ئېھسان شەنئوجاقنىڭ بۇ چاقرىقى ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا كەڭ تارقىتىلغان بولۇپ، نەچچە مىڭلىغان كىشى كۆرۈپ پىكىر-ئىنكاس يازغان، فېيسبۇك سەھىپىسىدە 172 مىڭ قېتىم كۆرۈلگەن ۋە ئون مىڭلارچە كىشى ھەمبەھىرلەپ پىكىر-ئىنكاس يازغان.